ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇكان ئاچقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

دۇكان ئاچقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-04-07 ئاۋاتلىقى: 590 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلار ئارىسىدا ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى كۈچىيىپ، نۇرغۇن ياش دۇكان ئېچىپ خوجايىن بولۇش يولىدا تىرىشماقتا. لېكىن دۇكان ئېچىش ئانچە ئاسان ئەمەس، ئۇ ئورۇن تاللاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، مال كىرگۈزۈش، سېتىش ھالقىسىغا چېتىلىدۇ. پارچە سېتىشنى ئاساس قىلغان دۇكاندارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇكان ئورنىنى تاللاش بەك مۇھىم.
دۇكان ئورنىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ ئاۋات سودا رايونىدا سودا جانلىنىدۇ. نوپۇس زىچ بولغان چو-ئوتتۇرھال ئاھالىلەر رايونىدا ئېھتىياج كۈچلۈك، خېرىدار مەنبەسى مۇقىم بولۇپ، دۇكاننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يول بويىدىكى دۇكانلارنىڭ قاتناش ئەۋزەللىكى ياخشى بولۇپ ، دۇكانغا كىرىپ-چىقىدىغانلار كۆپ، بۇنداق دۇكاننىڭ تىجارىتى ياخشى بولىدۇ. 
ئادەم توپىنىڭ ئاز–كۆپلۈكى پايدىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دۇكان تاللىغاندا كوچىدىكى ئادەم توپىغا، قاتناش ئەھۋالىغا، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ۋە ئىدارىلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۇكاندارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلۈكى پايدىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دۇكان ئورنىنى ياخشى تاللىغان تىجارەتچىنىڭ سودىسى ئاقىدۇ. لېكىن ئورۇن ياخشى بولسا ئىجارىسىمۇ قىممەت، رىقابەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. مەھەللىلەرگە جايلاشقان ۋە يول بويىدىكى دۇكانلارنىڭ خېرىدارى، پايدىسىمۇ مۇقىم بولىدۇ.

ئورۇن تاللىغاندا ئالدىن كۆرەر بولۇش كېرەك.
ياخشى ئورۇننىڭ ھەممىسىنىڭ سودىسىنى ياخشى، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، بەزىدە ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر پىلانى سەۋەبىدىن، قايناق بازارلار چۆلدەرەپ قېلىشى، يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان جايلاردا زور مەبلەغ سېلىش بوشلۇقى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئورۇن تاللىغاندا ، يىراقنى كۆرۈشى، تاللىغان ئورنىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلىشىشى كېرەك.
دۇكاننىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئورۇن، مۇھىت، قاتناش شارائىتى، دۇكان قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن دۇكان باھاسىدىمۇ پەرق زور بولىدۇ، بەزىدە بۇ پەرق نەچچە ئون ھەسسە بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دۇكاننىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. دۇكىنى سودا مەيدانىغا جايلاشقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن دۇكاننىڭ ئىجارە ھەققى ھەممىدىن مۇھىم، لېكىن سودا مەيدانىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى يەنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇزاق مەزگىللىك جەريان، شۇڭا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كېيىنكى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش كېرەك.
ئون نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق دۇكانلارنى ساتماقمۇ، ئىجارىگە بەرمەكمۇ ئاسان، ئىجارىسىمۇ يۇقىرى. نۇرغۇن يېڭى ئولتۇراق رايونلاردىكى دۇكانلارنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولغاچقا، ئىجارىگە بېرىش تەس، دۇكان ئىجارىسىمۇ ئەرزان. شۇڭا بىر نەچچە كىشى بىرلىشىپ 120 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، بۆلۈشۈپ ئىشلەتسە، ئىجارە ھەققىنىمۇ تېجىگىلى بولىدۇ.#p#分页标题#e#
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى