ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: پەن-تېخنىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: پەن-تېخنىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

ۋاقتى: 2016-08-24 ئاۋاتلىقى: 874 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەن-تېخنىكا جەھەتتە:
شىركەت پەيدا قىلغان تەسىرلەر ئىچىدە بەلكىم پەن-تېخنىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىۋاستە سېزىمىمىزغا ئەڭ يېقىن بولسا كېرەك. چۈنكى بىز ھەر كۈنى نەچچە ئونلىغان شىركەت مەھسۇلاتىنى ئىستېمال قىلىمىز، تېلېۋىزوردا، ئېلان تاختايلىرىدا... رەڭگارەڭ ماركىدىكى شىركەتلەر ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەي، ئېنىقراق ئېيتقاندا، كىيمەي، يېمەي ياكى كۆرمەي كۈنىمىز ئۆتمەيدۇ. مانا مۇشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم خىل تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملاردۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىركەتلەر پەن-تېخنىكا ياراتقۇچى، ئىشلەتكۈچى ۋە ساتقۇچىدۇر. ئۇنداقتا، شىركەتلەر پەن-تېخنىكىغا قانداق تەرزدە تەسىر كۆرسەتتى؟ تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز. بۇنى ئىككى نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىمىز.

1. شىركەتلەر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى سەھنە ۋە قۇرۇلما تەمىنلەپ بەردى.
روشەنكى، ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن، پەن-تەتقىقات خىزمىتىمۇ ئەسلىدە يەككە شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىلىم خۇمارلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەبلىغى بىلەن ئۆيلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپادىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە، ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىخانا، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. مەيلى يەككە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتى ياكى شۇ خىل ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتى بولسۇن، مۇنداق بىر ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. يەنى، پەن تەتقىقاتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشمايتتى، ئۇنىڭدىن باشقا مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن كەشپىيات، يېڭىلىقمۇ پەقەت شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، پۇل تىپىش بىلەن بىۋاستە باغلانمىغان ئىدى. بۇ خىل ھالەت پەن تەتقىقاتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا، كەشپىياتلارنىڭ توختىماي يارىتىلىشىغا پايدىسىز ئىدى. چۈنكى يېتەرلىك تەتقىقات راسخوتى بولمىسا، تەتقىقاتلار ئۈزۈلۈپ قالاتتى.
«24 ياشلىق يىگىت ۋېرنېر ۋون سېمېنىسنىڭ (Vemer von siemens) زىممىسىگە توققۇز قېرىندىشىنى بېقىش، ئاتا-ئانىسىنىڭ قالدۇرۇپ قويغان قەرزىنى تۆلەشتەك ئېغىر يۈك چۈشكەن ئىدى. چۈنكى ئاتا-ئانىسى مۇشۇ يېرىم يىل ئىچىدە ئارقا-ئاقىدىن تۈگەپ كەتكەنىدى. قولىدا بىر تىيىنمۇ يوق بۇ يىگىت قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ تايىنىدىغان مۇشۇ كاللىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ تەلىيىگە شۇ ۋاقىتتا پىرۇسىيە ھۆكۈمىتى تولىمۇ ياخشى بىر سىياسەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، مائارىپنى، بولۇپمۇ، كەسپىي مائارىپنى ئالاھىدە قوللىغان ئىدى. بۇ سانائەت پەنلىرى، ماشىنا، سايمان ياساش، ئېلېكتىرىك تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، كارخانا-شىركەتلەرنىڭ تەتقىقات بۆلۈملىرىدە ئىشلەيتتى. پەن-تېخنىكا، تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىش گېرمانىيەدە تۇنجى بولۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندى. بېرلىن زەمبىرەكچىلەر ئىنستىتۇنىنى پۈتكۈزگەن ياش سېمېنىستا مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرداش رىقابەتچىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرالىشىدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۇ بىر كەشپىياتچىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۆتكۈر سودا تالانتىغىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇ ئېلېكتىرىك تېخنىكىسى (电气技术) كەشىپ قىلىپ بازارغا كېڭەيتتى ۋە پايدا ئالدى. 1843-يىلى ئۇ ئېلېكتىر ھەل بېرىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ ئۇنى ئەنگىلىيەگە ساتتى. يەتتە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ بىرنەچچە كەشپىياتنىڭ پاتنېت ئىگىدارى بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى. 1847-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سىمېنىس بىرەيلەن بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇردى. 20 يىلدىن كېيىن سىمېنىسنىڭ كەشپىياتى مېخانىك ئېنىرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇردى. شىركەت يېقىنقى زامان پەن-تېخنىكىسىغا زور تۆھپە قوشقان شىركەت بوپقالدى. مانا ھازىرمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى ھېسابلىنىدۇ.» («شىركەتنىڭ قۇدرىتى» ناملىق فىلىم 3-، 4-قىسىملار)
بۇ ھىكايىدىن قانداق ئىلھام ئېلىشىمىز مۇمكىن؟
#p#
2)     پەن-تەتقىقات شەخسنىڭ يەككە پائالىيىتىدىن شىركەتنىڭ پىلانلىق مەبلەغ سالىدىغان پائالىيىتىگە ئايلاندى.
3)      پەن-تەتقىقات مۇقىم خىراجەتكە ئىگە بولدى.
4)      تەتقىقات نەتىجىسى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن باغلاندى.
5)     ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مۇنداق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى پەن-تەتقىقات تارىخىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.
 «300 يىل بۇرۇن ئەنگىلىيە مۇتەپەككۇرى بېكون ‹بىلىم-كۈچ› دېگەنىدى. ھالبۇكى، بىلىمنى ھەقىقىي كۈچكە، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرغىنى بىلىم ياكى ئىلىم-پەننىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى بازارغا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان شىركەتلەر بولدى. چۈنكى يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى نۇرغۇن ئامىللار ئىچىدە تۈزۈم تېخنىكىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. » (يۇقىرىقى فىلىم 8-قىسىم)
 مەزكۇر فىلىمدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
 «ئاسپېرىن دورىسى (Aspirin) مانا ھازىر 111 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى. بۇ 1891-يىلى گېرمانىيەنىڭ بايېر (Bayer) شىركىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ 30 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بوياق ماتېرىياللىرى ئىشلەيدىغان شىركەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، تەجرىبە ئىشلەيدىغان ئەنئەنىگە ئىگە ئىدى. دەسلەپتە بۇلار تەجرىبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيى، ئاشخانىلىرىدا قىلغان ئىدى. سىستېمىلىق، كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات 20 يىللاردىن كېيىن رەسمىي تەجرىبىخانا قۇرۇلغاندا ئېلىپ بېرىلدى. كېيىن بۇ دورا «ئەسىر دورىسى» دەپ ئاتالدى. مانا مۇشۇنداق ئارقا-ئارقىدىن كەشىپ قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلار شىركەتلەرنىڭ تەجرىبىخانىسىدىن چىقىۋاتاتتى. بۇلار غايەت زور بايلىقتىنلا دېرەك بېرىپ قالماي، ئەھلى جاھانغا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى جاكارلاۋاتاتتى: شىركەت ئاللىبۇرۇن پەن-تېخنىكا ئىجادىيىتىنىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندى! شىركەت قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى، پەن-تېخنىكا كەشپىيات يېڭىلىقلىرى ئاساسەن ئاز ساندىكى ئالىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا تاماملىناتتى. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېت، ئىنستىتۇت ۋە ئىشخانىلاردا خىزمەت قىلاتتى.»
ئەنگىلىيە ئىقتىسادشۇناسى كىنوس (Knous) مۇنداق دەيدۇ: «سانائەت ئىنقىلابىدا ئەنگىلىيەنىڭ گوللاندىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشى پەن-تېخنىكا، تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەردە يارىتىلغان تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش، مەبلەغ سېلىش ۋە بازارنىڭ يېڭى تەشكىلىي ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھالبۇكى، تىلغا ئالغان بۇ تەشكىلىي ئورگان دەل تېخنىكا، بازار، مەبلەغنى بىرلەشتۈرگەن شىركەتلەر ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى ئەڭ دەسلەپتە شەخسلەر ياراتقان يېڭىلىقلار بىلەن يېتەكلەنگەن ئىدى، ئەمما ئۇلارنى مەھسۇلاتقا، ئىقتىسادىي پايدىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشكە، باشقىلار بىلەن سودا توختامى تۈزۈشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىزدە شىركەت مەيدانغا كەلدى.» شىركەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى تۇنجى قېتىم تەتقىقات بىلەن ئېچىشنىڭ سىستېمىلاشقانلىقىدىن، شىركەتلەرنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ كىرىمىنىڭ %15ى يېڭى خىياللارنى سىناپ بېقىشقا ئاجرىتىش تەلەپ قىلىندى. «بۇ يىل پايدا ئالمىساقمۇ ھېچقىسى يوق، يەنە 10 يىل تەتقىق قىلساقمۇ بولېۋېرىدۇ.» مانا بۇ ھەممە شىركەت قوبۇل قىلغان قاراشقا ئايلىنىپ قالدى.
#p#
200 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە دۇپونت (Dupont) شىركىتى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار شىركەتنىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتىدىن زور پايدىغا ئېرىشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى. 1928-يىلى شىركەت مۇنداق بىر يېڭى پىلاننى تولغا قويدى: يەنى مەخسۇس پەن-تەتقىقاتى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان بۆلۈمدىن بىرنى قۇردى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسسا چۇسسېتىس سانائەت ئىنستىتۇدىن كەلگەن ۋاللانسى كارۇسېرس (Wallance Caruthers) دوكتۇرنى تەكلىپ بىلەن ئېلىپ كەلدى. دوكتور مۇنداق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:1. يېڭى تەجرىبىخانا قۇرۇپ بېرىش. 2. تەتقىقات تېمىسىنى چەكلىمەسلىك. 3. مائاشىنى ئەسلىدىكى 3500 دوللاردىن 5000 دوللارغا ئۆستۈرۈپ بېرىش. شىركەت ھەممە تەلەپنى قوبۇل قىلدى. دوكتور ئۆزىنىڭ جاپالىق تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئەمما ئۆزى ناھايىتى خۇشال ئىدى، «ھېچكىم مەندىن ۋاقتىمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىمنى، كەلگۈسىدىكى پىلاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ، ھەممىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن.» دەيدۇ. دوكتورنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى تەتقىقات خىراجىتىنىڭ چېكى يوق ئىدى. ئۇ 1936-يىلى نىلوننىڭ ماتېرىيالىنى تىپىپ چىقتى ۋە 1939-يىلى رەسمىي مەھسۇلات قېلىپ ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇنىڭغا دوكتورنىڭ يەتتە يىللىق ئۆمرى ۋە 27 مىليون مەبلەغ كەتتى. ئەمما كېيىن ياراتقان قىممەت ئالدىدا بۇ ھېچنىمە بولماي قالدى. نىيۇيوركتىكى سودا كۆرگەزمىسىدە نىلون پايپاق غايەت زور زىلزىلە پەيدا قىلدى، كېيىن پاراشۇت ياساشقا ئىشلىتىلدى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قالتىس بازار تاپتى.
قانداق قىلغاندا پەن-تېخنىكىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؟ بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرغان مەسىلە ئىدى. ئەمدى بازار تۈزۈلمىسى ئاستىدا بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلدى. سانسىزلىغان تەجرىبىلەر پىروبېركا بىلەن پوكەينى شىركەتنىڭلا ئەڭ قىسقا ۋاقىت، ئەڭ ئاز تەننەرخ بىلەن بىر-بىرىگە باغلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
 «1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ تېلېفون-تېلىگراف شىركىتى مۇنداق بىر قۇرۇلما ھاسىل قىلدى: بېل تەجرىبىخانىسى تەتقىقات ئېچىشقا مەسئۇل بولدى، بېل سودا بۆلۈمى سېتىشقا مەسئۇل بولدى. ھەم بەلگىلىك مىقداردا بېل تەجرىبىخانىسىغا تەتقىقاتنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاتېنت ھەققى بېرىلدى. مانا مۇشۇ دەۋرىي ئايلىنىش تۈرتكىسىدە AT&T نىڭ تىجارىتى مىسلىسىز گۈللەندى.» (يۇقىرىقى فىلىم 8-قىسىم)
دېمەك، شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، شىركەتلەر ئۆز فۇنكىسىيەسى ئارقىلىق پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىغا بىر يېڭى باھار ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىن ئەتتى.
2.     شىركەتلەر ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈردى ۋە نۇرغۇن كەشپىيات، يېڭىلىقلارنى ياراتتى.
تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ:
«17-ئەسىردىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن ئىنسانلار تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى دەپ قارالغان 160 خىل ئاساسلىق پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىنىڭ %80 شىركەتلەردە مەيدانغا كەلگەن.
ھازىر دۇنيادىكى %70 پاتېنت ۋە 2/3 قىسىم تەتقىقات خىراجىتى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە تەۋە.
#p#
2006-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تەتقىقاتقا ئاجراتقان خامچوتى 132 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاجراتقان مەبلىغى 200 مىليارد دوللار بولغان.» (يۇقىرىقى فىلىم 8-قىسىم)
بۇ قىسقىغىنا سەھىپىلەردە شىركەتلەر ياراتقان پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇنى «سان-ساناقسىز» دەپ سۈپەتلىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. مەسىلەن: يالغۇز بىر بېل تەجرىبىخانىسىنىڭلا 28 مىڭدىن ئاتۇق پاتېنتى بار، ھالبۇكى بۇ پەقەت بىر شىركەتكىلا تەۋە بىرلا تەجرىبىخانا خالاس. بىزگە تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان IBM، Microsoft، Apple، Sony، Intel، Sam Song، TOYOTA، Honda، Nokia قاتارلىق شىركەتلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ ئىختىراچىلىرى ۋە ئىگىلىرىدۇر. مېنىڭچە، ھەر كۈنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى قايتا ساناپ يۈرۈشنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قىلچە ھاجىتى بولمىسا كېرەك. تۆۋەندە مەن پەقەت بىر تىپىك مىسال سۈپىتىدە بېل تەجرىبىخانىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن:
بېل تەجرىبىخانىسى
بېل تەجرىبىخانىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ مەرى تېغىغا جايلاشقان. 1925-يىلى AT&T شىركىتى غەرب ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىنى سېتىۋېلىپ «بېل تېلېفون تەجرىبە شىركىتى» دەيدىغان مۇستەقىل بىر ئورگاننى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىككى شىركەت تەجرىبىخانىنىڭ %50 تىن پېيىغا ئىگە بولدى. تەجرىبىخانىنىڭ خىزمىتى ئومۇمەن مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈندى: 1. ئاساس تەتقىقاتى، 2. سىستېما قۇرۇلۇشى، 3. قوللىنىش ۋە ئېچىشتىن ئىبارەت. ئاساس تەتقىقاتى ئاساسەن تېلېگراف تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلار ماتېماتىكا، فىزىكا، ماتېرىيال ئىلمى، كومپىيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىستېما قۇرۇلۇشى بولسا تېلېگراف تورىنى شەكىللەندۈرىدىغان يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇرەككەپ سىستېمىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئېچىش بۆلۈمى بولسا تەجرىبىخانىنىڭ ئەڭ چوڭ بۆلۈمى، بېل تېلېگراف تورىنىڭ ئەسلىھە ۋە يۇمشاق دېتال بۆلۈكىنى تەتقىق قىلىدۇ.
1996-يىلى بېل تەجرىبىخانىسى ۋە AT&T نىڭ ئۈسكۈنە ياساش بۆلۈمى ئايرىلىپ چىقىپ، لۇستېت تېخنىكا شىركىتىنى قۇردى. مەزكۇر تەجرىبىخانا (Lucent Technologies) قۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە مەزكۇر شىركەتكە تەۋە. تۆۋەندىكىسى تەجرىبەخانىنىڭ بەزى نەتىجىلىرى:
1)     ھازىرغىچە تەجرىبىخانىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 ئادەم  نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2)     تەجرىبىخانىدىكى كىلاۋد شاننوننىڭ «خەۋەرلىشىشىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» دېگەن كىتابى ھازىرقى زامان خەۋەرلىشىش نەزەرىيەسىگە ئاساس سالدى.
3)      1947-يىلى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ كەشپىيات كىرىستال لامپا كەشىپ قىلدى.
4)      تۇنجى فاكس، كۇنۇپكىلىق تېلېفون، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز ئۇچۇر سىستېمىسى، قۇياش ئېنىرگىيەلىك باتارىيە، رەقەملىك سېگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، لازېر نۇرى، نۇركابېل، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.
5)     تەجرىبىخانا ئىشلىگەن يۇنىكس سىستېمىسى ئاساسىدا، كومپىيۇتېرنى تورلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئېنتېرنېت مەيدانغا كەلگەن.
6)      ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان نەچچە يۈز مىليون تېلېفون ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتلىرى بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغان تور باشقۇرۇش ۋە مەشغۇلات  سىستېمىسىغا تايىنىدۇ.
7)     1925-يىلىدىن ھازىرغىچە تەجرىبىخانا 28 مىڭ خىلدىن ئارتۇق پاتېنتنى قولغا كەلتۈرگەن.
8)      ھازىر بۇ تەجرىبىخانىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق تەتقىقاتچىسى بار بولۇپ، يىللىق تەتقىقات چىقىمى 2 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر تەتقىقات تۈرى تەجرىبىخانىغا تەتقىقات چىقىمىنىڭ 6 ھەسسىسىدىن ئارتۇق قىممەت يارىتىپ بېرىدىكەن.
 قىسقىسى، شىركەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. شىركەتلەر پەن-تېخنىكىنى ئەنە شۇنداق تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە پەن-تېخنىكىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكىگە، كوزىرىغا ئايلاندۇردى. مانا بۇ ھازىر پەن-تېخنىكا شىركەتلەر رىقابەت كۈچىنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى