ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى

بازارشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-04-03 ئاۋاتلىقى: 781 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بازارشۇناسلىق ئىلمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. نەچچە ئون يىلدىن بېرى، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بازارشۇناسلىق ئىلمىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق ئىلمىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامان بازارشۇناسلىق ئىلىمگە ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى كىرىم تۈزۈلمىسى، كىرىمسىز تۈزۈلمىگە، دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت سىرتىغا كېڭەيتىلدى. نۆۋەتتە، بازارشۇناسلىق ئىلمى كارخانا باشقۇرۇش بىلەن قوشۇلۇپ، شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناسلىق، پائالىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەر بىلەن بىرىكىش ھاسىل قىلغان يانداش باشقۇرۇش دەرسلىرىگە ئايلاندى. غەرب بازارشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە سودا ئىقتىسادى بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلىشى، كارخانا تىجارەت پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا بازارشۇناسلىق ئىلىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭ تەرەققىياتى بەش باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. 
1. بىخ باسقۇچى (1900~1920)
بۇ مەزگىلدە، ھەر قايسى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەر سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئېھتىياج تەمىنلەشتىن ئېشىپ كەتكەن ساتقۇچىلار بازىرى شەكىللىنىپ، كارخانا مەھسۇلات باھاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى ئاسان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بازارشۇناسلىق ئىلىمى بارلىققا كەلدى. 1902-يىللاردا، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتى بازارشۇناسلىق دەرسىنى تەسىس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پىسباۋ ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار مۇشۇ دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، بىر قىسىم بازارشۇناسلىقنى مۇھاكىمە قىلىدىغان پېشۋالار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق بولغانلار بولسا ئارچ ۋ شاۋ (Arch. W. Shaw)، بالتىر (Star. Bulter Ralph) يوھان ب سىۋىن (John B. Swirniy) شۇنداقلا خاگېرت (J. E. Hagerty). خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى  پىروفېسسور خاگېرت چوڭ كارخانىلاردا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، 1912-يىلى سېتىلىشى ياخشى بولغان بىرىنچى دەرسلىك كىتابنى نەشر قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتاب بازارشۇناسلىق ئىلىمى بىر مۇستەقىل پەن بولغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. 
#p#
ئارچ ۋ شاۋ 1915- يىلى «پارچە سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەسىلە» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، سودا پائالىيىتىنى تۇرمۇش پائالىيىتىدىن ئايرىپ چىقتى، شۇنداقلا پارچە سېتىش ئىقتىدارىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. لېكىن شۇ ۋاقىتتا "بازارشۇناسلىق ئىلمى" دېگەن سۆز تېخى ئىشلىتىلمىگەن، پارچە سېتىش بىلەن بازارشۇناسلىقنى ئوخشاش دەپ قارىغان. 
ۋېردا، بالتىر ۋە ۋېنىتسىيە ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن "بازارشۇناسلىق (市场营销)" دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ۋېردا: "ئىقتىسادشۇناسلار ئادەتتە ئىقتىساد پائالىيىتىنى 3 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىم قىلىش، ئىستېمال قىلىش. . . ئىشلەپچىقىرىش بولسا ئۈنۈم ياراتقۇچى"، "بازارشۇناسلىقنى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دېيىش".  "ئىشلەپچىقىرىش بولسا شەكىل تەسىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بازارشۇناسلىق بولسا ۋاقىت، ئورۇن ۋە ئىگىلەشنى يارىتىدۇ"، دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقارغان، شۇنداقلا يەنە "بازارشۇناسلىقنىڭ باشلىنىشى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىرلىشىشى" دەپ قارىغان. 
بۇ باسقۇچتا بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى بىلەن كارخانا تىجارەت پەلسەپىسى ئۆز ئارا ماسلاشقان، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇقۇمى بىلەن ماسلاشمىغان. ئۇنىڭ ئاساسى بولسا ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادشۇناسلىق، يەنى تەمىنلەشنى مەركەز قىلغان. 
 
2. ئىقتىدار تەھلىل قىلىش باسقۇچى (1921~1945)
بۇ باسقۇچتا بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىنى تەھلىل قىلىش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان. بۇ باسقۇچتىكى داڭلىق كىشىلەر ۋەكىلدىن: كلارك (F. E. Clerk)، ۋېلد (L. D. H. Weld)، ئالېكساندېر (Alexander)، سارفېر (Sarfare)، ئېلدېر (Ilder) ۋە ئالدېرسون (Alderson) قاتارلىقلار بار. 1932- يىلى، كلارك بىلەن ۋېلد «ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات بازارشۇناسلىقى» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇردى، بۇ كىتاب ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات بازارشۇناسلىقىنى بىر قەدەر تولۇق بايان قىلىپ، بازارشۇناسلىقنىڭ نىشانىنى بولسا "مەھسۇلاتنى دېھقاننىڭ قولىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشلەتكۈچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش. بۇ جەريان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك 3 مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەركەزلەشتۈرۈش (ئېشىپ قالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش)، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش (تەمىنات ۋە ئېھتىياجنى تەڭشەش)، تارقاقلاشتۇرۇش (يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى پۈتۈنلەپ نۆل قىلىش.) نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جەريان يەنە 7 خىل بازارشۇناسلىق ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەركەزلەشتۈرۈش، ساقلاش، مالىيە، خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، سېتىش ۋە توشۇش.
1942-يىلى، كلارك نەشر قىلدۇرغان «بازارشۇناسلىق پىرىنسىپى» دېگەن كىتابىدا، ئىقتىدار تەھلىل قىلىش ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىدارنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئەمەلىي تەقسىم قىلىش ئىقتىدارى، ياردەمچى ئىقتىدار قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلىدى، شۇنداقلا سېتىش ئېھتىياجىنى يارىتىدۇ دېگەن نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بازارشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. 
#p#
3. شەكىللىنىش ۋە مۇستەھكەملەش مەزگىلى (1946 ~1955)
بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك كىشىلەردىن ۋېلى (Vaile)، گىرېت (Grether )، كوس (Cox)، مەينارد (Maynard) ۋە بېكمەن (Beckman) قاتارلىقلار بار. 1952-يىلى، ۋېلى، گىرېت ۋە كوس ھەمكارلىشىپ «ئامېرىكا ئىقتىساد بازارشۇناسلىقى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇردى، بۇ كىتاب بازارشۇناسلىقنىڭ قانداق قىلىپ بايلىق تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ، بايلىق ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، بولۇپمۇ، كەم بولغان بايلىقنى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى؛ بازارشۇناسلىق خۇسۇسىي تەقسىم قىلىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ شۇنداقلا خۇسۇسىي كىرىم يەنە قانداق قىلىپ بازارشۇناسلىقنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ؟ بازارشۇناسلىق يەنە بازار سېتىشقا ماس كېلىدىغان مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ يىلى، مەينارد بىلەن بېكمەن «بازارشۇناسلىق پىرىنسىپى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، بازارشۇناسلىق ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ بولسىمۇ "مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش ۋە مەھسۇلات ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا مەھسۇلاتنىڭ ئەمەلىي تەقسىم قىلىش مۇلازىمىتىدىكى بارلىق كېرەكلىك بولغان كارخانا پائالىيىتى". مەينارد بازارشۇناسلىق ئىلمىنى تەھلىل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى، يەنى مەھسۇلات تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، ئورگان تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، تارىخ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، تەننەرخ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىدار تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى. 
شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەزگىلدە بازارشۇناسلىق پىرىنسىپى ۋە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ، ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق ئىلىمى شەكىللىنىپ بولغان. 
 
4. بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش مەزگىلى (1956~1965)
بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك كىشىلەر: ۋىروئالدېرسون (Wraoe Alderson)، جون ئا خوۋارد (John A. Howard) ۋە مېكلاس (E. J. Mclarthy) قاتارلىقلار بار. 
ئالدېرسون 1957-يىلى «بازارشۇناسلىق پائالىيىتى ۋە ئىقتىساد پائالىيىتى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، "ئىقتىدارئىزم" نى ئوتتۇرىغا قويدى. خوۋارد «بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش: مۇھاكىمە ۋە ئىستراتېگىيە» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئالدى بىلەن بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش نۇقتىسىدا بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە ئىشلىتىشىنى بايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كارخانا مۇھىتى ۋە بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيەسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، كارخانىنىڭ سىرتقى مۇھىتقا چوقۇم ماسلىشىشىنى تەكىتلەش. مېكلاس 1960- يىلى نەشر قىلدۇرغان «ئاساسىي بازارشۇناسلىق» دېگەن كىتابىدا، بازارشۇناسلىققا نىسبەتەن يېڭى چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىستېمالچىلارنى بىر ئالاھىدە توپ دەپ قارىغان، يەنى نىشانلىق بازار، كارخانا تۈزگەن بازارشۇناسلىق گۇرۇپپا ئىستراتېگىيەسىنىڭ، سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىپ، نىشانلىق خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كارخانا تىجارەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 
#p#
5. بىرلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش مەزگىلى (1966~1980)
بۇ مەزگىلدە، بازارشۇناسلىق ئىلمى ئىقتسادشۇناسلىقتىن ئايرىلىپ چىقىپ، باشقۇرۇش ئىلمى، ھەرىكەت ئىلمى، پىسخىكا ئىلمى، جەمئىيەت پىسخىكا ئىلمى قاتارلىقلار نەزەرىيە بىلەن بىرلىشىپ، بازارشۇناسلىق ئىلمىنى تېخىمۇ يېتىلدۈردى. 
بۇ مەزگىلدە، جورج س دوۋىڭ (George S. Downing) 1971-يىلى «بازارشۇناسلىق ئاساسى: سىستېمىلىق مۇھاكىمە ئۇسۇلى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، سىستېمىلىق مۇھاكىمە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىركەت بولسا بىر بازارشۇناسلىق سىستېمىسى دەپ قاراپ، "كارخانا پائالىيەت ئومۇمىي سىستېمىسى باھا بېكىتىش، تېزلىتىپ سېتىش، پائالىيەت تەقسىم قىلىش، شۇنداقلا ھەرخىل يوللار ئارقىلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئەمەلىي ۋە يوشۇرۇش ئېھتىياجى بار خېرىدارغا يەتكۈزۈش" نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە شىركەت بىر سىستېما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بازار، بايلىق ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي گۇرۇپپا قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن چوڭ سىستېمىنىڭ ئىچىدە، ئۇ چوڭ سىستېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا يەنە چوڭ سىستېمىغا ئەكس تەسىر بېرىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. 
1967-يىلى، ئامېرىكىلىق داڭلىق پىروفېسسور فىلىپ كوتلېر (Philip Kotler) نەشر قىلدۇرغان «بازارشۇناسلىق ئىلمى باشقۇرۇش: تەھلىل قىلىش، پىلانلاش ۋە تىزگىنلەش» دېگەن كىتابىدا، ناھايىتى تولۇق، سىستېمىلىق ھالدا ھازىرقى زامان بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇ بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشقا ناھايىتى مېغىزلىق تەبىر بەردى: بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشى بولسا يېڭىلىق يارىتىش، نىشانلىق بازاردىكى پايدىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە ئوتتۇرىسىدا ئالاقە قۇرۇپ ۋە ساقلاش ئارقىلىق، كوللېكتىپتىكى ھەرخىل نىشان ئۈچۈن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، پىلانلاپ، يۈرگۈزۈش ۋە تىزگىنلەش جەريانى، شۇنداقلا، بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش جەريانى بازارشۇناسلىق پۇرسىتى، بازارشۇناسلىق ئەھۋال ئىگىلەش، نىشانلىق بازارنى تاللاش، بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيەسى تۈزۈش، ئىجرا قىلىش شۇنداقلا بازارشۇناسلىق پىلانىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
فىلىپ كوتلېر ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق ئىلمى بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بولسا پەقەت ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى غىدىقلاش دېگەن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياج سەۋىيەسى، پۇرسىتى ۋە تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شۇ ئارقىلىق بازارشۇناسلىق باشقۇرۇش ئەمەلىيەتتە بولسا ئېھتىياج، باشقۇرۇش ئىكەنلىكىنى، يەنە بازارشۇناسلىق بىلەن بازارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى، يەنى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات (盈利组织)، شۇنداقلا پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات (非盈利组织)قا ئىشلىتىلىدىغان پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارشۇناسلىق ئىلمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. 
#p#
1984-يىلى، فىلىپ كوتلېر خەلقئارالىق بازار ۋە دۆلەت ئىچى سودا قورۇقچىلىقى (贸易保护主义) باش كۆتۈرۈپ، يېپىق بازار مەيدانغا كەلگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، چوڭ بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى 6P ئىستراتېگىيەسى: ئەسلىدىكى P4 (مەھسۇلات، باھا، پارچە سېتىش ۋە تېزلىتىپ سېتىش) ئۇنىڭغا يەنە ئىككى P-- سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى قوشقان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كارخانا پاسسىپ ھالدا سىرتقى مۇھىتقا ماسلاشماي بەلكى كارخانا سىرتقى مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىدىيەسىدە بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 
 
6. بۆلۈنۈش ۋە كېڭىيىش مەزگىلى (1981~ ھازىرغىچە)
بۇ مەزگىلدە، بازارشۇناسلىق ساھەسىدە يەنە مول بولغان يېڭى ئۇقۇم پەيدا بولۇپ، بازارشۇناسلىق دېگەن بۇ ئىلىمنى شەكىل ئۆزگىرىش ۋە بۆلۈنۈشكە يۈزلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. 
1981-يىلى، لاۋېس شىنگې بىلەن فىلىپ كېتىل «بازارشۇناسلىق جېڭى (市场营销战)» دېگەن ئۇقۇم شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنىڭ بازارشۇناسلىقتكى ئىشلىتىلىشىنى مۇھاكىمە قىلدى، بىر قانچە يىلدىن كېيىن، لېس بىلەن تېل «بازارشۇناسلىق جېڭى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇردى. 1981-يىلى، شۋىتسىيەلىك  ئىقتىسادشۇناس كېلىسچىن گېلوس «ئىچكى بازارشۇناسلىق (内部市场营销)»نى مۇھاكىمە قىلىدىغان ماقالىنى ئېلان قىلدى، كېتىلمۇ كارخانا ئىچكى قىسىمىدا بىر خىل بازارشۇناسلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى كارخانا بازارشۇناسلىق چۈشەنچىسى. 1983- يىلى، شىئور لاۋېىس "دۇنيا بازارشۇناسلىق مەسىلىسى (全球市场营销)"نى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ شۇ جاينىڭ بازىرىغا ماسلىشىشىنى تەكىتلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، پارچە سېتىش ۋە ئېلان تەرەپلەردىكى كۆلەم ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، شۇ ئارقىلىق تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كۆپ دۆلەتنى ئوخشاش بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ئوخشاش بىر ئالاقە  ۋاسىتە قوللىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى. 1985-يىلى، بابېنلا بېند جېكسون «مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىقى (关系营销)»، «كېڭەشمە سېتىش (协商推销)» قاتارلىق يېڭى نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1986-يىلى، كېتىل «چوڭ بازار بازارشۇناسلىقى (大市场营销)» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  كارخانا قانداق قىلىپ مۇھاپىزەت بازىرىغا كىرىش دېگەن مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇشۇ مەزگىلدە، «بىۋاسىتە بازار بازارشۇناسلىقى (直接市场营销)»مۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر يېڭى مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى بولسا سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان بازارشۇناسلىق بولۇپ، ئىشتىن بۇرۇن كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە تېلېۋىزىيە ئالاقە تېخنىكا تەرەققىياتى بولغاندىلا ئاندىن بازارشۇناسلىق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن. 
90-يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بازارشۇناسلىق، بازارشۇناسلىق تورى، سىياسىي بازارشۇناسلىق، بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيە قوللاش سىستېمىسى، بازارشۇناسلىق مۇتەخەسسىس سىستېمىسى قاتارلىق يېڭى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتكە ئائىت مەسىلىنىڭ ئىلىم پەن ساھەسى ۋە كارخانىشۇناسلار ئارىسىدا دىققەت نەزەرنى تارتتى. 21-ئەسىرگە كىرگەندىن بېرى، ئالاقە تورنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىشلىتىلىشى، مەۋھۇم تورنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئالاقە تورى ۋە تور ئاساس قىلغان بازارشۇناسلىق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى