ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ

ۋاقتى: 2016-03-10 ئاۋاتلىقى: 736 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆمەرباي ھاجى 1870-يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ئاخۇنبايوۋ ئوغلى ئىسمايىل (پاختا) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەر چاسا ۋە خانلىق مەدرىسلەردە دىنى بىلىم ئالغان. 1896-يىلىدىن باشلاپ ئاكىسى كىرىمباي ھاجىم بىلەن چاررۇسىيە، ئەنگلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سودا شەھىرىدە ۋە ئىچكى ئۆلكىنىڭ سىچۈەن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، خەنكۇ، ۋۇۋېي، جاڭيې قاتارلىق جايلاردا سودا-ساراي، دۇكان قۇرۇپ ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزۇپ سودا قىلغان. 
  1921-يىلى ئاكىسى كىرىم ئاخۇنباي ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى ۋارىسلىق قىلىۋاتقان، ئاخۇنبايوۋ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى، تىجارىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئاكىسى كىرىمباي ھاجىنىڭ 1916-يىلىدىن باشلاپ ئۆتەۋاتقان قەشقەرىيە (جەنۇبى شىنجاڭ) مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، 1937-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغۇچە جەنۇبى شىنجاڭ مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇش بىلەن بىرگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سودا بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى سودىسى غايەت زور بولغان. 
  ئۆمەرباي ھاجىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى مامۇت ئاخۇن (قاپاق) ئاكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1929--1930-يىللاردىكى بىر يىللىق رۇسىيەگە چىقارغان مال سوممىسى 11 مىليون رۇبلى (ئۇ يىللاردا رۇبلىنىڭ قىممىتى ئۈستۈن بولغاچقا، رۇبلى خەلقئارا پۇل ياكى ئالتۇن پۇل ھېسابلىنىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇئامىلە رۇبلى بىلەن ئۆلچىنەتتى) بولغان. ئاشۇ يىللاردا بىر رۇبلى بىر سوم تىللا ھېسابلىناتتى. بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، كەشمىر، راۋالپىندى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى سوممىسىمۇ غايەت زور بولغان. 
ئۆمەرباي ھاجىنىڭ چەت ئەلدىلا 36 سودا ساراي، دۇكانلىرى بولغان. سودا ساراي، دۇكان، خام ئەشيا سېتىۋالغۇچىلىرى بولغاندىن سىرت، شىنجاڭدا 9 ئورۇندا 9 مويكا، 4 ئورۇندا پاختا يۈك پىرېسلاش زاۋۇتى، ئىككى ئورۇندا سۇ كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان چىگىت ئايرىش زاۋۇتى، ھەرقايسى  ناھىيە ۋىلايەتلەردە قول بىلەن چۆرۈپ پاختىدىن چىگىت ئايرىيدىغان 180 دىن ئارتۇق ماشىنا (سوۋېتتىن كىرگۈزۈلگەن)، شىنجاڭ دائىرىسىدە مال توشۇيدىغان 200 دىن ئارتۇق ھارۋا، ئىچكىرى ئۆلكىگە مال توشۇيدىغان 40 گودۇڭ (تۆت ئاتلىق)ھارۋا، چاررۇسىيە، ھىندىستان ۋە پاكىستانلاردا مال توشۇيدىغان 1000 دىن ئارتۇق ئات قاتارلىق ۋەجى بولغان. 
ئۇقۇشىمىزچە ئۆمەرباي ھاجى ھەرقانداق شارائىتتا نەچچە يۈز مىڭ سەر تەڭگە، يامبۇ، ئەنگلىيە، چاررۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىللا، چىرۋۇن، رۇبلى قاتارلىق پۇللىرىنى ساقلاپ كەلگەن. پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىپ باھا ئۆرلەيدىغان بولسا (شۇچاغلاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مال باھاسى ئالتۇن- كۆمۈش بىلەن ئۆلچىنەتتى. چۈنكى بىر قوي ياكى بىر تاغار بۇغداي، قوناق ساتقان دېھقان، چارۋىچى تەڭگە باھاسىغا قاراپ ساتاتتى ۋە پۇلىغا تەڭگە ئالاتتى)، ئۇ ئۆزى يالغۇز ياكى قەشقەر بايلىرى بىلەن بىللە بىر نەچچە مىليون سەر تەڭگىنى مۇۋاپىق باھادا سېتىپ بىرىپ، باھانى تەڭشەيتتى. باھا توختىغاندا قايتا سېتىۋالاتتى. ھازىرقى ھايات شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئۆمەرباي ھاجى ئائىلىسىنىڭ جايلاردا 30 مىڭ مودىن ئارتۇق (سېتىۋالغان، بوز يەر ئاچقان) تېرىلغۇ يىرى بولۇپ، ئېلىنغان ھوسۇل شۇ جايدىكى ئىسكىلاتلاردا ساقلىناتتى، سېرىقتال ۋاقتىدا ۋە ئاشلىق باھاسى ئۆرلىگەندە خەلققە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەن. ئۇرۇق ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن. ئاپەت-قەھەتچىلىك بولغان يىللاردا خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن. #p#分页标题#e#
بۇنىڭدىن باشقا قەشقەردە ئاشلىق كەم بولىدىغان ئەتىياز پەسلىدە يەكەندىن ھەر ھەپتىدە 2000 تاغار دىن ئارتۇق ئاشلىق ئېلىپ كېلىپ، ئۆز باھاسىدا سېتىپ خەلقنى تەمىنلەپ كەلگەن. 
دىنى-پەننى مەكتەپنى قوللاپ كەلگەن. تارىختىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلەر پەننى مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىزغا يول قويمىغان ئەكسىچە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمرانلار يېڭى مەكتەپنى چەكلەش سىياسىتىنى «مىللەتلەر مەجلىسى رەئىسى» ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان. ئېغىزىدا ھە-ھۇ دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئابدۇرېھىم بايۋەتچى، ئابدۇل  ئاخۇن بايۋەتچى، ئابلىز ھاجىم بايۋەتچى قاتارلىق تۇغقانلىرى ئارقىلىق تۆشۈك دەرۋازىسى، نەزەر باغ يولىدىكى مەكتەپ، 1917-يىلى توقام مەدرىسىدە يۈسۈپ زىيا ئاچقان بوغالتىرلىق مەكتىپى، ھازىرقى ۋىلايەتلىك نېفىت شىركىتى ئورنىدىكى ئالتە سىنىپلىق مەكتەپ، كېرەمباغ ئۇدۇلىدىكى(ھازىر ئورنى قالمىدى) كەنجاخۇن خەلپىتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپ، ھازىرقى شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار ئۆمەرباي ھاجىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سېلىنغان مەكتەپلەردۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمەرباي ھاجى بىرقانچە مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش راسخوتلىرىنى بېرىپ كەلگەن. 
پەن زوخۈەن يېزىپ قالدۇرغان سىياسىي كېڭەش تارىخى ماتېرىياللىرى بىرىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئازادلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن ماقالىسىدا:«شىنجاڭ سودىسىدا، ھۈسەنباي، ئۆمەربايلار ھەممىسىدىن چوڭ سودىگەرلەر ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ سودىسى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى.» دېگەن باھاسى ئۆمەرباي ھاجى سودىسىغا بېرىلگەن توغرا باھادۇر. ئۆمەرباي ھاجى1937-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى