ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاۋار ماركىسىغا نېمىلەرنى بەلگە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

تاۋار ماركىسىغا نېمىلەرنى بەلگە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

ۋاقتى: 2012-08-25 ئاۋاتلىقى: 817 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاۋار ماركىسى تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىنىڭ ئۆز(ئىشلىگەن، ياسىغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن، تاللىۋالغان ياكى ساتقان)تاۋارى ئۈستىدە ئىشلىتىدىغان، باشقا تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىنىڭ تاۋارلىرىدىن پەرقلىنىدىغان بىر خىل (يېزىق، شەكىل ياكى ئۇلارنى گۇرۇپپىلاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن)كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بەلگىدۇر. 
 
ئادەتتە تاۋار ماركىسىنى پەرق ئېتىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۇن، ئۇنىڭغا خەت، تەسۋىرىي سۈرەتلەر ياكى ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى چۈشۈرۈلگەن بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى خەت ۋە تەسۋىرىي سۈرەتلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت نامى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى، ئارمىيە بايرىقى ۋە مېداللارغا ئوخشايدىغان ۋە ئوخشاپ كېتىدىغان.
(2) چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت نامى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى ۋە ئارمىيە بايرىقىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان.
(3) ھۆكۈمەتلەر ئارا قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايرىقى، بەلگىسى ۋە نامىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان .
(4) «قىزىل كېرىسىت»، «قىزىل يېرىم ئاي»بەلگىسى ۋە نامىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان.
(5) شۇ تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى ياكى تەسۋىرىي سۈرىتى.
(6) تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، خۇسۇسىيىتى، رولى ، ئېغىرلىقى، مىقدارى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان .
(7)مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان.
(8) كۆپتۈرمە تەشۋىقات ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان.
(9) سوتسىيالىستىك ئەخلاق–پەزىلەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان.
(10) ناھىيەدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ يەر نامى ياكى جامائەتكە مەلۇم چەت ئەل يەر ناملىرىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى