ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەھلىلى

ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەھلىلى

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 588 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئەمگەك قىممەت يارىتىدۇ.» ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولسا كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى ئىقتىدارى، ئۇ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ: ئەمگەكچى، ئەمگەك قورالى، ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت. ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولسا ئەمگەكچىلەر ئەمگەك قورالى ئارقىلىق ئەمگەك ئوبيېكتىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئەمگەك قورالى بىلەن ئەمگەك ئوبيېكتىنىڭ ئۆز قىممىتىنى يېڭى مەھسۇلات ئىچىگە يۆتكەش جەريانى، شۇنداقلا يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى قىممەت يارىتىش جەريانىدۇر. 
ئادەم كۈچى بايلىقى يېڭى قىممەت يارىتالايدىغان بولغاچقا (v+m)، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەننەرخىدىن (v) يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز پەقەت ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يېڭى قىممەت يارىتىشى ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيمىز، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۇنىڭ ياراتقان قىممىتى بولسا بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلاتى ئۈستىدە بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىجتىمائىي ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى تەبىئىيكى ئۇنىڭ تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت قىممىتىدىن كېرەكلىك بولغان ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئىپادىلىنىدۇ، ھېسابات تەڭلىمىدە ئىپادىلەنگەندە:
ئادەم كۈچى بايلىق قىممىتى(v+m)= تىجارەت كىرىمى- ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى- ۋاقىتلىق سەرپىيات تەڭ كۆتۈرىدىغان مۇقىم مۈلۈك ئۇپراش ۋە شەكىلسىز مەبلەغ چىقىمى(c)
ئۇ كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇئەييەن ھېسابات ۋاقىت ئىچىدىكى تولۇق قىممىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇھاكىمىگە ئاساسلانغاندا، كارخانا قولغا كەلتۈرگەن كىرىمنى ئىككى قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ: بىر قىسمى سەرپ قىلىنغان ماددىي بايلىقنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ(c)، يەنە بىرسى بولسا ئادەم كۈچى بايلىقى ياراتقان قىممەت (v+m). ئادەم كۈچى بايلىقى ئەمەلگە ئاشۇرغان قىممەت كارخانىدىكى ھەر قايسى پايدىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەپلەر ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ: ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى(v)؛ قەرز بەرگۈچى ئېلىشقا تېگىشلىك ئۆسۈم، ھۆكۈمەت ئېرىشكەن ھەر خىل باج، ئۇنىڭدىن باشقا ئېشىپ قالغىنى بولسا ساپ پايدا، شېرىكلەرگە بۆلۈپ بەرگەن پايدا، بۇلار بولسا كارخانىنىڭ مەبلىغىنى (m) شەكىللەندۈرىدۇ.
ھازىرقى مال-مۈلۈك قەرز جەدۋىلى ۋە قالدۇق جەدۋىلى كارخانىنىڭ ماددىي بايلىق قىممىتى (c) نىڭ يۆتكىلىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئوخشاشلا كارخانا ئادەم كۈچى بايلىق قىممەت يارىتىش (v+m) شۇنداقلا ئۇنىڭ تەقسىملىنىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ھالبۇكى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممەت يارىتىشى بولسا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇشۇ ھېسابات ۋاقىت ئىچىدىكى تولۇق قىممىتى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىرقى مال-مۈلۈك قەرز جەدۋىلى بىلەن قالدۇق جەدۋىلى ئاللىبۇرۇن ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تولۇق قىممىتى ۋە كارخانا پايدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تۆھپە ئەھۋالىنى تولۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ھازىرقى مالىيە ھېسابات سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشنى ھاجەتسىز قىلدى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى