ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قەشقەر كوناشەھەردىكى بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ھېكايىسى

قەشقەر كوناشەھەردىكى بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ھېكايىسى

ۋاقتى: 2015-06-25 ئاۋاتلىقى: 498 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇشۇمىدۇ؟ 14–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، 50 ياشلار ئۆپچۈرۈسىدىكى دېھقان سۈپەت بىر كىشى بىلەن 35 ياشلارچامىسىدىكى يارىشىملىق كىيىنگەن بىرەيلەن ئىككى يەشىك شاپتۇلنى كۆتۈرگىنىچە قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسى دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى.
مەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ياربېشى كەنتى 4–مەھەللىسىدىكى ھامۇتجان مەتنىياز بولىمەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ‹‹ياشلىق مېلودىيەسى››، ‹‹مۇنبەت تۇپراق››، ‹‹دېھقان–چارۋىچىلار دوستى›› قاتارلىق رادىيو پروگىراممىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئىدۇق، باغنىڭ پايدىسى بىلەن ئوبدانلا بېيىپ قالدۇق، شۇڭا بۈگۈن مۇشۇنداق ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزگە يول ئېچىپ بەرگەن رادىيو خىزمەتچىلىرىگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىنىم ئىككىمىز بېغىمىزنىڭ شاپتۇلىنى ھەرقايسىلىرىنى ئېغىز تېگىپ باقسۇن، دەپ ئەكەلدۇق،–دېدى ياشقا چوڭ دېھقان ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ. ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر دەسلەپ سەل ھەيران بولۇشتى، مەقسەتنى ئۇققاندىن كېيىن خۇشاللىق بىلەن مەي باغلىغان شاپتۇلغا ئېغىز تېگىشتى.

رەسىم توردىن قىستۇرۇلغان، باش قەھرىمان بىلەن مۇناسىۋەتسىز
 
1999–يىلى كۈزدە ھامۇتجان مەتنىياز ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا، بۇ ئائىلىدىكى تۆت بالا ئىچىدە بىردىن بىر ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان كىچىك ئىنىسى ئابدۇغېنىجاننى ئوقۇتۇش بىلەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر يۈك ئۇنىڭ زېممىسىنى باسماقتا ئىدى. ‹‹ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ ئىنىمنى چوقۇم ئوقۇتىمەن، ئانامنىڭ كېسىلىنىمۇ چوقۇم داۋالىتىمەن››، ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىگە ئەنە شۇنداق مەدەت بېرىپ تۇردى. ھامۇتجان بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئاۋات يېزىسىنىڭ ئاياغ قىسمىدىكى بەشكېرەم يېزىسىغا تۇتاش خانئۆي مەيدانىدىن 50 مو يەرنى ھۆددە ئالدى، بانكىدىن 15 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۆزى يىغقان پۇل ۋە قولۇم–قوشنىلىرى، ئۇرۇق–تۇغقانلاردىن ئالغان قەرزلەرنى قوشۇپ 30 مىڭ يۈەن غەملەپ، ھۆددە يېرىگە كېۋەز تېرىدى. ھامۇتجان بۇ يەر شورلۇق ھەم چەت بولغاچقا، كېۋەز مايسىلىرىنى ۋاقتىدا سۇغىرالماي، شۇ يىلى ئېتىز قىرىغا تېرىغان ئاپتاپپەرەستىن 2000 يۈەنلىك گازىر ساتقاندىن باشقا، تۈزۈكرەك كىرىم قىلالمىدى. يىل ئاخىرىدا بانكا خادىملىرى، قولۇم–قوشنىلار قەرز سۈيلەپ ئىشىك ئالدىدىن كەتمىدى، ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ھېچكىم قۇلاق سالمىدى. ئەتراپتىكىلەر ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان، قەرزى بارلار يامان كۆزىدە قارايدىغان بولىۋالدى. ئۇ ئامال قىلالماي ئۆيدىكى تىراكتور، قوي، كالا ۋە ئاتا مىراس كىگىزچىلىك دۇكىنىنى سېتىپ، ئۇرۇق–تۇغقان، قولۇم–قوشنىلارنىڭ 7000 يۈەن قەرزىنى قايتۇردى، بانكىغا قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەپ، قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتتى. گەرچە ئىنىسى ئابدۇغېنىجاننى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالىغان بولسىمۇ، ئانىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە ھامۇتجان بىكار چاغلىرىدا ئۆيىدىكى كىچىك رادىيودىن يېڭىلىقلارنى ئاڭلاپ، تەسەللىي تاپتى.
#p#
بىر كۈنى ئۇ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ياشلىق مېلودىيەسى›› پىروگراممىسىدىن ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر قانچە كىشىنىڭ ئىش–ئىزلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى، بولۇپمۇ ‹‹قاتران ۋە قوغۇن›› دېگەن تەپسىلى خەۋەردىكى ئالتايلىق قازاق ياش قاتراننىڭ جاپالىق شارائىتتا قوغۇن تېرىپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىپ، بېيىش يولى تاپقانلىقى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلدى. ئۇ يۇرت ئارىلاپ كىگىزچىلىك قىلىش جەريانىدا پەن–تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىغان دېھقانلار بىلەن تونۇشتى، ئۇلارنىڭ باغ ۋارانلىرى، قوتانلىرىنى ئايلاندى. ئۇ مەيلى قايسى يۇرتقا بارسۇن، دېھقاننىڭ رىسقى ئېتىزدا ئىكەنلىكى، يەرگە ئوبدان ئىشلىسە يەرمۇ ئوبدان مەنپەئەت بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
2003–يىلى ھامۇتجان ئۆزىنىڭ نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئىنىسى ئابدۇغېنىجانغا مەسلىھەت سالدى. ئابدۇغېنىجان ‹‹نىشانىڭنى توغرا تاللىغان بولساڭ ئازراق قىيىنچىلىقنى دەپ بەل قويۇۋەتمە، سېنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن›› دەپ مەدەت بەردى ھەم ئاكىسىغا ‹‹مېنىڭ رىسقىمغا كىم چېقىلدى؟››، ‹‹ياشاش دەستۇرى››، ‹‹باي دادام، نامرات دادام››، ‹‹سىز نېمىشقا كەمبەغەل بولۇپ قالدىڭىز؟›› قاتارلىق كىتابلارنى ئەۋەتىپ بەردى. رادىيودىن ئاڭلىغان ‹‹تاللاش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم›› دېگەن بىر جۈملە سۆز ھامۇتجاننىڭ ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى، ئۇ نەزەرىنى ياربېشى كەنتىنىڭ ئايىغىدىكى ‹‹مەخپىرەم›› مەيدانىغا ئاغدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىشانىنى مۇشۇ يەردىن باشلىماقچى بولدى. ھامۇتجاننىڭ بۇ پىلانىنى ئاڭلىغان تونۇش–بىلىشلەر ئۇنىڭغا ‹‹غەلىتە ۋاڭ››، ‹‹ئەخمەق نەسىردىن ئەپەندىم›› دەپ لەقەم قويۇشتى، ھامۇتجان بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇ مەھەللىدىكى يەرلىرىنىڭ بىرموسىنى ‹‹مەخپىرەم›› مەيدانىدىكى ئېگىز–پەس يارداڭلىق ئىككى مو يەرگە تېگىشىپ، ئون مو يەرگە ئىگە بولدى. ئۆيىدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يارداڭلىقتا باغ ئەھيا قىلىمەن دەپ ئىشلەپ يۈرگەن ھامۇتجانغا ئاچچىقى كەلگەن ئايالى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ بېرىۋالدى. ئۇ ئۇسسىسا سوغۇق سۇ ئىچىپ، قورسىقى ئاچسا قۇرۇق نان يەپ، ھېرىپ كەتسە تېرەك سايىسىدا ئارام ئېلىپ، ئۇكىلىرى بىلەن كەتمەنگە تايىنىپ، ئىگىز–پەس ئون مو يەرنى تۈزلەپ، ئېتىز ھالىتىگە كەلتۈردى. باشقىلارغا بەرگىدەك پۇلى بولمىغاچقا، باغ ئەتراپىغا ئېتىدىغان 1100 مېتىر چۆرە تامنىمۇ ئاكا – ئۇكىلار ئۆزلىرى ئەتتى. كىگىزچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا 2000 تۈپ شاپتۇل، قارا ئۆرۈك كۆچىتى سېتىۋېلىپ، باغلىق يەرگە تىكتى. كۆچەتلەرنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلدى. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەنلەرنى ئۇستاز تۇتۇش بىلەن بىللە، باغۋەنچىلىككە ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئۆگىنىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ ئېپى–جېپىنى خېلى بىلىپ قالدى. 2004–يىلى ئاقسۇدىن ئەلا سورتلۇق شاپتۇل كۆزى ئەكىلىپ، شاپتۇل كۆچەتلىرىنى ئۆزى ئۇلىدى، 2007–يىلى شاپتۇل كۆچەتلىرى ئارىسىغا ياڭاق كۆچىتى تىكتى. بەش يىل تىرىشىپ، باشقىلار پادا بېقىشنىمۇ ئېغىر كۆرىدىغان ‹‹مەخپىرەم›› مەيدانىدا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان باغ بەرپا قىلدى. 2009–يىلى 30 مىڭ يۈەنلىك شاپتۇل سېتىپ، ئەجرىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى تېتىدى، 2010–يىلى 80 مىڭ يۈەنلىك شاپتۇل ساتقان بولسا، بۇلتۇر 130 مىڭ يۈەنلىك شاپتۇل، 93 مىڭ يۈەنلىك ياڭاق سېتىپ، كەنتتىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئىلگىرى ياردەمگە چاقىرسا قارىماي ماڭغانلار ئەمدى ھامۇتجاننىڭ ئالدىغا قىلىشىدىغان ئىش بارمۇ، دەپ كېلىدىغان بولۇشتى. قەرز پۇلنى قايتۇرالمىدىڭ، دەپ دوق قىلغان بانكا خادىملىرى ھامۇتجانغا جىقراق پۇل قەرز بېرىشنىڭ كويىدا يۈرۈشتى، ‹‹ئەخمەق نەسىردىن ئەپەندىم›› دەپ مەسخىرە قىلىشقانلار مانا ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر كىلوگىرام شاپتۇلنى 14 يۈەندىن سېتىۋېلىپ يېيىشتى.
#p#
ئۇ 50 مو يەردە ياڭاق كۆچىتى يىتىشتۈرۈپ، بۇلتۇر 165 مىڭ يۈەنلىك كۆچەت ساتتى. يېزا تەۋەسىدىكى باغ ئەھيا قىلىش ئارزۇسى بار قاسىم داجەي، ئەمەتجان ئۇرايىم، ھوشۇر ئۆمەر قاتارلىق 40 كىشىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، مېۋىسى داڭلىق باغ ئەھيا قىلىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلدى. قوشنا يېزا–بازارلاردىكى 200 كىشىنىڭ باغ ئەھيا قىلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر ھامۇتجان بىلەن شېرىكلىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ باغ ئەھيا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەنلەر 100دىن ئاشتى. ئۇ ھازىر يۇرت ئاتلاپ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدا 22 مو، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا 50 مو باغ بىنا قىلدى.
مەن 15–سېنتەبىر، ھامۇتجان مەتنىيازنىڭ بېغىغا كەلگىنىمدە، ئۇ ۋاسىتىچىسى ھاشىم ھاجىغا پىشقان شاپتۇللارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن، ھاشىم ھاجىدىن ئۇقۇشىمچە، ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھامۇتجاننىڭ شاپتۇللىرىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 14 يۈەندىن سېتىۋېلىپ، شەھەردە باققاللارغا 18 يۈەندىن توپ ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ تۈردىنلا يىلىغا 50 مىڭ يۈەندىن ساپ پايدا ئېپتۇ. ھامۇتجان مۇنداق دېدى:
بۇ بىر قانچە يىلدا مەن جاپانىمۇ يەتكىچە تارتتىم، ھازىر تارتقان جاپايىمغا يارىشا قولۇم پۇل كۆرۈپ، توققۇزۇمنى تەل قىلىۋالدىم. مېنىڭ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدا رادىيو–تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ ۋە پەن– تېخنىكا كىتابلىرىنىڭ رولى چوڭ بولدى. ھازىر ئۆيدە باغۋەنچىلىككە ئائىت 30 پارچە كىتاب بار، باغ باشقۇرۇشتا يەرلىك مۇتەخەسسىس بولۇپ قالدىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ يىل 9–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە باغدىكى شاپتۇلدىن 130 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، يەنە 10–ئايدا پىشىدىغان جاغدا شاپتۇل سورتىدىن 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. بۇ يىل ياڭاقمۇ ئوبدان ئوخشىدى، ياڭاقتىن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشتا گەپ يوق. ھازىر كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتىمەن، كېيىنكى پىلانىمدا مەھسۇلاتلىرىمنى تور ئارقىلىق سېتىپ، خېرىدارلىرىمنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ئامېرىكا گىلىسىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مېۋە ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مېۋە سورتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمەن.
باشقىلارنىڭ سىزنى ‹‹ئەخمەق نەسىردىن ئەپەندىم›› دېگىنى بىكار ئەمەسكەندە؟–دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.
توغرا دېدىڭىز، مېنىڭ يەنە بىر قېتىم ‹‹ئەخمەق›› بولغۇم بار،–دېدى ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى