مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 35-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندە يازما شەكىلنى قوللىنىشى كېرەك. ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئەمگەك توختامىنىڭ يازما ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر پارچىدىن ساقلىشى كېرەك.
بۇ بەلگىلىمە ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتى ۋە شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولۇش، يەنى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىش خاھىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەكلى ئەمگەك توختامىنى تۈزگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىككىلىسىدە يازما شەكىلنى قوللىنىش كېرەك، ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى مەزمۇننى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.