ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇسابايوف ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى

مۇسابايوف ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 1038 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇسابايوف ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى

شىرىپ خۇشتار


1. قىسقىچە بايان
 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇۋ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوف دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن مۇسابايوف، ھىلى ۋاگون قاتارلىق كارخانىچىلار دۇنيا بازىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرى بىلەن سودا رىقابىتى قىلغان سودا باھادىرلىرى ئىدى. مۇسابايوفلارنىڭ سودا ھاياتىغا نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن-تېخنىكا كىرگۈزۈش، سەنئەت، تەنتەربىيەنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

2. مۇسابايوفلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى
مۇسابايوفلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ئاتۇش ناھىيە ئېكساق كەنتى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق، كارخانىچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇل بايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى:
بىرىنچى، مۇھەممەت ئېلى. 1760-يىلى تىجارىتىنى توختىتىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ يەر، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، بىر بۆلۈم چارۋىسى بولغان. شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرىدىن ئىدى.
ئىككىنچى، ئابدۇلئەزىز. ئۇ ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، نەق پۇل كۆپەيگەن.
ئۈچىنچى، ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئاتا كەسپىي تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە، جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.
تۆتىنچى، تۇردى. بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارىتى ئوخشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر، سۇ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، چارۋىچىلىق ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن. تىجارەت دائىرىسى چوڭ شەھەرلەرگە يۈزلەنگەن. تۇردى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا قارا پ كىشىلەر ئۇنى تۇردى قۇم (پۇلى قۇمدەك كۆپ دېمەكچى)دەپ ئاتىغان.
بەشىنچى، ئابدۇرۇسۇل. بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە ئېلىپ بارغان. مۇسا بايوۋلار ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى. ئۇ دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغان ئادەم بولۇپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، ئىگىلىك باشقۇرغۇچى قىلىپ تەربىيەلىگەن. كېيىن تىجارەتنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن.

دېمەك، مۇسابايوفنىڭ ئىش-ئىزلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قىزىقسىڭىز، قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
ئالتىنچى، مۇساھاجى. بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل باينىڭ تەلىمىگە ۋە ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىرىنچىدىن: تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئىككىنچىدىن: يەككە ئىگىلىك يارىتىپ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى قوشىدۇ. ئاتىسىنىڭ «پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خوجىسى بولۇڭلار» دېگەن ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى ۋە شۇ تىل-يېزىق ئىلمىنى مۇكەممەل ئىگىلەيدۇ. ھەم جاھان كېزىپ، يېڭى مائارىپ، يېڭى كەشپىياتلارنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىن ئۆگىنىپ شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە 1885-يىلى ئىلى كۈرەدە 200 ئىشچىسى بار تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، ئۇنىڭ يېنىغا تۈگمە، يېلىم، كىگىز، سوپۇن، شام، گىلەم، ئارقان، ئات ئېگەر جابدۇق، ھارۋا جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقىرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئىلىم-بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنى پەن-تېخنىكىنى قوللىغۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا قازاندىن جەدىد(يېڭىچە) مۇئەللىملەرنى، بۇخارا، باغدادتىن دىنىي ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، مەدرىسلەردىن چەتئەل تىلى، تارىخ، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، ئىلمىي تەجۋىد قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بىرمەزگىل ئىلىم يۇقىرىلىقى بىلەن مۇدەررىس بولىدۇ. ئۆزى نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ خەلققە كىتابخانا ئېچىپ بېرىدۇ. مۇساھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن تىجارەت ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنبايغا قالدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895-يىلى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان مۇسا ھاجىمنىڭ ئىسمى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ، ياۋروپادا «مۇسابايوف» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
يەتتىنچى، ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنباي. مۇساھاجىمنىڭ ئۈچ خوتۇندىن ئالتە ئوغۇل، ئىككى قىزى بار بولۇپ ئوغۇللىرى: ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنباي، ئىمام مۇھەممەت، ھىسامىدىن، ئوبۇل ھەسەن، ئابدۇللا. مۇسا ھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارىس قىلىدۇ. ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي، مۇساھاجىمدىن كېيىن قالغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرىدۇ. باھاۋۇدۇنباي ئىشكى-تاشقى سودا ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمام مۇھەممەت ئىلىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا، ھىسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا، قوشۇمچە كەسىپلەرگە، ئوبۇلھەسەن خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا، يەنە چەتكە ئېكسپورت قىلىش، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش(گۇما، قاراقاش، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەككىز چوڭ مويكا؛ پاختا، يۇڭ پىرېسلاش ئورنى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 150تىن 400گىچە ئىشچى بار) ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، كېيىن ئوبۇلھەسەنھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ.
ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنباي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ جەمەتنىڭ ئىگىلىكىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ ھەقتىكى مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز، قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە 1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ، بۇ چاغدا ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسابايوف(1972-يىلى تۈركىيەدە ۋاپات بولغان)، باھاۋۇدۇنباينىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوف(1979-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان) ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ.
پۈتۈن مال-مۈلۈك 1 مىليارد 562 مىليون 137 مىڭ 193 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا ۋە 23 مىليون 161 مىڭ 665 سوم مېكسىكا پۇلى (تاشقى پېرېۋوت) بولۇپ، بۇنىڭ %54 ى 843 مىليون 554مىڭ 84 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا، 12 مىليون 507 مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوف ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قالغان ئومۇمىي مال-مۈلۈكنىڭ %46 ى 718 مىليون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 10 مىليون 654 مىڭ سوم مېكسىكا پۇلىنى ئىسمائىل موسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ 2-ئايالىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز مۇسابايوف (1984-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان)، ئابلەھەي مۇسابايوف (1970-يىلى تۈركىيەدە ۋاپات بولغان)، مىجىت مۇسابايوف (1973-يىلى سوۋېت ئالما-ئاتادا ۋاپات بولغان ) لار بىر بولىدۇ. 3- ئايالىدىن بولغان ئابلەھەي مۇسابايوف (1987-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان)، تەلئەت مۇسابايوف (ھازىر تۈركىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ)، نېلۇپەر مۇسابايوف (1982-يىلى پارىژدا ۋاپات بولغان)، دىلناۋاز مۇسابايوف (1984-يىلى لوندوندا ۋاپات بولغان ) بۇلار بىر بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.
باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالىدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوفدىن بولغان پەرزەنتلەر ئانىسىنى ئاساس قىلىپ بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينىڭ بالىلىرى مەلۇم شەكىلدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ (زاۋۇت تىجارىتى بىلەن)، باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىل مۇسابايوف 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پۇل چىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم «ئىنقىلاب» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تەربىيەلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1955-يىلى مۇسابايوفلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلئەزىز مۇسابايوف مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. قالغان ۋارىسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوف تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلماقتا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى