ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ۋاقتى: 2015-06-13 ئاۋاتلىقى: 729 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى (The Marketing Theory of 4Cs) ھەققىدە ئومۇمىي بايان
بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقىتىش سۈرئىتىمۇ تېزلەشتى، بۇنىڭ بىلەن  4Ps نەزەرىيەسىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. 1990-يىلى ئامېرىكا ئالىمى روبېرت لۇتىربون (Robert Lauterborn) پىروفېسسور ئەنئەنىۋى تىجارەت شەكلىدىكى P4 گە ماس بولغان 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىلىنىشى 4Cs بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىلىنىشىغا قاراپ ئۆزگەردى.
بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: مەھسۇلات (Production) تىن خېرىدار (Consumer) غا، باھا (Price) دىن تەننەرخ (Cost) كە، تىجارەت يوللىرى (Place) دىن قوللايلىق بولۇش (Convenience) قا، سېتىشنى تېزلىتىش (Promotion) تىن ئاللاقە باغلاش (Communication) قا قاراپ ئۆزگىرىش قاتارلىقلار.

بىرىنچى، "مەھسۇلات" تىن "خېرىدار"غا بۇرۇلۇش
4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىلىنىشىدا، مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسى كارخانا نىشانلىق ھالدا بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن بازار ئورنىنى بېكىتىش ۋە خېرىدار ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش پىلانى شۇنداقلا تەدبىرىنى بېكىتىش جەريانىدۇر.
ئاساسلىق مەزمۇنى: خېرىدارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، ئوراپ قاچىلاش لايىھەسى، مەھسۇلات نامى ۋە تاۋار ماركىسى، سېتىش مۇلازىمىتى، سۈپەت كاپالىتى، شۇنداقلا يەنە مەھسۇلات ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ھەر قايسى باسقۇچلۇق تاكتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىلىنىشىدا، خېرىدار ئىستراتېگىيەسى كارخانىنىڭ خېرىدار تەلىپى ۋە مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىممىتى خېرىدارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش. شۇ سەۋەبتىن 4Ps نىڭ "مەھسۇلات" تىن 4Cs تىكى "خېرىدار" غا بۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە كارخانا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، خېرىدارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىپ، كارخانا ۋە خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى قوش غەلبىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ بازارشۇناسلىق قارىشىنڭ بۇرۇلۇشى، شۇنداقلا كۆپچىلىك بىردەك ئېتىراپ قىلغان ھازىرقى زامان بازارشۇناسلىق ئىلمىدىكى "بىرىنچى ئىنقىلاب". ئىلگىرى بازار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئىدى، ئەمما ھازىر، بازار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. 
#p#
ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى پېتېر درۇكېر (彼得•F.杜拉克Peter F.Drucker)  مۇنداق دەيدۇ: "سودىنىڭ پەقەت بىرلا نىشانى بار، ئۇ بولسا خېرىدار بەرپا قىلىش." بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كارخانا پەقەت ئۈنۈملۈك ئېھتىياج ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خېرىدار ۋە بازارنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
خېرىدار ئىستراتېگىيەسى بولسا "مەھسۇلاتنى ئۇنتۇپ، خېرىدارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇ ئۈمىدىنى كۆزدە تۇتۇش." نى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا كارخانا مەھسۇلاتىنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئورىلىشىنىڭ قانداق بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، يەنە  كارخانا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىغا، خېرىدارغا ئەمەلىي قىممەت يارىتىدىغان ياكى يارىتالمايدىغانلىقىغا كۆپرەك باش قاتۇرۇشى كېرەك؛ كارخانا مەھسۇلات لايىھەلىگەندە ۋە مەھسۇلات ئاچقاندا چوقۇم خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇشى، خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ھالدا كارخانىنڭ ئىشلەپچىقىرىش، مەبلەغ سېلىش، ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىق پىلانلىرىغا ئېلىپ كىرىشى كېرەك. مەسىلەن: پۈتۈن دۇنيادا بىر قانچە چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت ئورنى ئىچىدىكى  خېرىدار سانى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دوكومو (多科莫 DoCoMo) شىركىتى، ياپونىيە كۆچمە خەۋەرلىشىش بازىرىنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولسا ھەر ۋاقىت خېرىدارنى نەزەردە تۇتقان تىجارەت مەدەنىيىتى بولغانلىقىدىندۇر؛ بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى I—Mode تىپلىق يانفون مۇلازىمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىندۇر. I—Mode نىڭ خېرىدارى  17 مىليونغا يېتىپ، پۈتۈن ياپونىيە بازىرىنىڭ %80 تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كەلگەن:
بىرىنچىدىن، تور بېكەت مەزمۇنى مول، I—Mode نىڭ 1000  دىن ئارتۇق پىدائىي تور بېكىتى بار، شۇنداقلا ھەر كۈنى يۈزلىگەن تور بېكەتلىرى قوشۇلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %50 تىن ئارتۇق خېرىدار 20 دىن 30 ياشقىچە بولۇپ، 40 ياشتىن تۆۋەندىكىلەر %70 نى ئىگىلىگەن.
ئىككىنچىدىن، يانفونغا ئوراپ يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىلغان بولغاچقا، تېلېفون ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، سۈرئىتى تېز، ھەق ئۆلچىمى ئەرزان، شۇنداقلا يانفون چوڭ ئېكران قوللىنىپ، لايىھەلىنىشى نەپىس، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان. بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى ھەر جەھەتتىن خېرىدارنى مەركەز قىلىش، خېرىدار بىرىنچى دېگەن تىجارەت پىرىنسىپ ئىدىيەسىنى نامايەن قىلىپ، خىرىدار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز  مەسئۇلىيىتى دەپ كەلگەن.

#p#
ئىككىنچى، "باھا"دىن "تەننەرخ"كە بۇرۇلۇش

  4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسى ئىچىدە، باھا تاكتىكىسى كارخانا مەھسۇلات قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيە، باھا بېكىتىش بولسا كارخانا بىر پۈتۈن گەۋدىلىك تىجارىتىنىڭ بىرى.
باھا تاكتىكىسى ئاساسەن كارخانىنىڭ باھا نىشانىنى ئاساس قىلىپ تاللىنىدۇ. كارخانىنىڭ باھا نىشانىنى ئاساسلىقى پايدىغا ئېرىشىش ۋە بازار ئىگىلەش. بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ساقلاش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، كارخانا چوقۇم بازار مۇھىتىنى كۆزىتىشى شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىي كۈچىگە باغلاپ، كارخانىنىڭ يېقىن مەزگىللىك ھەم ئۇزاق مەزگىللىك پايدىسىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشى، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان بازار ئىگىلەش نىشانىنى بېكىتىشى كېرەك.
4Cs بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدا، تەننەرخ ئىستراتېگيەسى بولسا كارخانا خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز ئۈستىگە ئالدىغان تەننەرخ، ئەكسىچە، كارخانىنى چىقىش قىلغان ھالدىكى پايدىغا ئېرىشىش نىشانى ئەمەس. "باھا"نىڭ 4Ps دىن 4Cs نىڭ ئىچىدىكى "تەننەرخ" كە بۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە بولسا كارخانا پايدىنى نىشان قىلىشتىن خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قاراپ بۇرۇلۇشىدىكى تەننەرخ.
كارخانىغا نسبەتەن ئېيتقاندا، تەننەرخ ئىستراتېگىيەسى بولسا "باھانى ئۇنتۇپ، خېرىدارنى كۆزدە تۇتۇپ، خېرىدارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك چىقىم قىلىشنى خالايدىغانلقىنى تەھىل قىلىدۇ." چاڭچېڭ شىركىتى ئىلگىرى بىر سودا شەھىرىنى ناھايىتى جايىدا راۋاجلاندۇرغان. چاڭچېڭ كومپيۇتېرى 1999-يىلى بازارغا سالغان "چاپقۇن 499"بولسا ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئىسپاتى. شۇ چاغدا جۇڭگو PC بازىرىدا %30 ماسلىشىشچان كومپيۇتېر بولۇپ، سودىگەرلەر كۆپىنچە ھالدا مەھسۇلاتنىڭ سېلىشتۇرما باھا تەسىرىدە نەپكە ئېرىشەتتى. بازار تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ قوبۇل قىلالايدىغان باھاسى 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان، ھالبۇكى داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارنىڭ باھاسى 7-8 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن. كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل پىسخىك ھالىتىگە ئاساسلىنىپ، 1999-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاڭچېڭ كومپيۇتېر شىركىتى "چاپقۇن 499" تىپلىق يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا چىقاردى ھەمدە باھاسىنى 4999 يۈەن قىلىپ بېكىتتى. ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى "تەننەرخ" نى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، چاڭچېڭ كومپيۇتېر شركىتى "چاپقۇنغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە جۇڭگو  PC بازىرىنى ئىگىلەش" تەك زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

#p#
ئۈچىنچى، "تىجارەت يولى"دىن "قولايلىق بولۇش" قا بۇرۇلۇش

4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدا، بازارشۇناسلىق يولى ئىستراتېگىيەسىدە، كارخانا چوقۇم ئۈنۈملۇك يولنى قانداق  تاللاش، مەھسۇلاتنى ئىستېمالچىلارغا قانداق يەتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. بازارشۇناسلىق يوللىرىدا بىر قاتار تەشكىل ۋە شەخس مەھسۇلات ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئورتاق ھالدا تەرتىپلىك بولغان مەھسۇلات ئوبوروت تۈگۈنىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل تەرتىپلىك تۈگۈن بولسا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالچىلارنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە.
 4Cs بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدا، قولايلىق بولۇش ئىستىراتېگىيەسى بولسا كارخانا بازارشۇناسلىق يولىنى تاللىغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سېتىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ. 4Ps ئىچىدىكى " بازارشۇناسلىق يوللىرى" دىن 4Cs ئىچىدىكى "قولايلىق بۇلۇش" قا بۇرۇلۇشى، ئەمەليەتتە بولسا كارخانا ئۆز ئېھتىياجىنى ئاساس قىلماستىن بەلكى ئىستېمالچىلارغا قولايلىق بۇلۇش دەرىجىسنى ئاساس قىلىپ بازارشۇناسلىق يولنى قۇرۇپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ.
قولايلىق بۇلۇش ئىستىراتېگىيەسى بولسا كارخانا ئىسېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بازارشۇناسلىق يولىنى ھاسىل قىلىپ، ئوبوروت ھالقىسىنى ئازايتىش، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئوبوروت تەننەرخ پايدىسىنى ئىستېمالچىلارغا تەتكۈزىدۇ. ئىشلەپچىقىرش كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە رىقابەتنىڭ كەسكىنلشىشىگە ئەگىشىپ، سودىگەرلەر ئوتتۇرىدىكى ھالقىنى ئازايتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەننەرخنى ئازايتىپ، مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە ھالدا ئىستېمالچىلارغا تەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ۋول-مارت (Wal-Mart )نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تەجرىبىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىدىن، بىرقەدەر ماس كېلىدىغان بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچىسى بار؛ ئىككىنچىدىن، "قولايلىق بولۇش، رازى قىلىش، ئەرزان بولۇش"نى مۇلازىمەت مەقسىتى قىلغان؛ ئۈچىنچىدىن، دۇكان ئورنى ئاساسلىقى يەر ئىجارىسى تۆۋەن بولغان جايغا ئورۇنلاشقان بولۇپ "قولايلىق" تاكتىكىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇنىڭ دۇكان ئورنى ئىقتىسادى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان ئورۇنغا تاللانغان، شۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ئاۋات شەھەردە يەر ئىجارە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەننەرخنىڭ ئېشىشىدىن ساقلانغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ياقا رايوندىكى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاتناش قولايلىق بولۇش، ئىستېمالچىلارغا ھەقسىز ماشىنا توختىتىش ئورنى تەمىنلەپ بېرىپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان سودا كوچىسى، يەنى ئىككى تەرىپىدە  مەملىكەتكە داڭلىق ماركىلار بولغان، ۋاقىتلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلات خەۋىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىنى تىجەش قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
#p#
تۆتىنچى، "سېتىشنى تېزلىتىش"تىن "ئالاقە باغلاش"قا بۇرۇلۇش
4Ps بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدا، سېتىشنى تېزلىتىش بولسا كارخانا ئىستېمالچىلارغا قارىتا بىر تەرەپلىك بازارشۇناسلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ، ئەمما خېرىدارلار كارخانىنىڭ ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامالسىز بولۇپ، كارخانا بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدا قوش تەرەپلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.
4Cs بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدا، ئالاقە باغلاش ئىستىراتېگيەسى بولسا كارخانا بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدا قوش تەرەپلىك بازارشۇناسلىق ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇش بولۇپ، خېرىدار كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىدۇ. ماسساچۇسېتس شتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى مەخسۇس تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىشنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئالىم ئەلى فېڭشىپېڭ تەپسىلىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەسۋابلاردىكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىدىكى تەجرىبىسنى يەكۈنلىدى:
بىرىنچى خىل  11 تۈرلۈك يېڭى كەشپىياتىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى پۈتۈنلەي ئىشلەتكۈچىنىڭ خىيالىدىن كەلگەن؛ 66 خىل ئاساسلىق مەھسۇلاتنى ئىسلاھات قىلىپ، %85 ئىسلاھات قىلغان مەھسۇلاتى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. شۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، كارخانا سېتىشنى تېزلىتىش مەسئۇلىيىتى پەقەتلا ئۇچۇر يەتكۈزۈش بولماستىن بەلكى ئالاقە باغلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. تېزلىتىپ سېتىشنىڭ نىشانى بولسا خېرىدارلارنىڭ كارخانا ۋە مەھسۇلاتقا بولغان دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاش، خېرىدارنىڭ مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئۈمىدىنى قوزغاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىنى تېزلىتىش.
4Ps ئىچىدىكى "سېتىشنى تېزلىتىش"تىن 4Cs ئىچىدىكى "ئالاقە باغلاش"قا بۇرۇلۇش، ئەمەلىيەتتە بولسا كارخانا تاق يۆنىلىشلىك بازارشۇناسلىق ئۇچۇرىدىن خېرىدارلار ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىش. ئالاقە باغلاش ئىستراتېگيەسى بولسا "تېزلىتىپ سېتىشنى ئۇنتۇپ، قوش تەرەپلىك ئالاقىلىش"نى تەكىتلەيدۇ. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئالاقە بولسا "خېرىدارغا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر"، بازار كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كارخانىىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا "خېرىدارلارغا كۆڭۈل بۆلۈش"چوقۇم "خېرىدار كۆڭۈل" دىن پايدىلىق بولىدۇ. خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش بولسا باۋجې شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىكى بىرىنچى يول، ئۇلارنىڭ سودىدىكى ئىلھامى خېرىدارلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرىدىن كەلگەن. باۋجې شىركىتى ئامېرىكىدىكى تۇنجى بولۇپ "800 خېرىدار مۇلازىمەت ھەقسىز تېلېفونى" بىلەن تەمىنلىگەن شىركەت، 1979-يىلى بۇ شىركەت ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق "800"خېرىدار مۇلازىمەت تېلېفونىنى قوبۇل قىغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەھسۇلاتقا بولغان ھەرخىل پىكىر ھەم ئاغرىنىشمۇ بولغان. باۋجې شىركىتى ھەربىر خېرىدارغا جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن بىرگە پىكىردىن خاتىرە قالدۇرۇپ مۇزاكىرە قىلغان. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلات ئىسلاھاتىدىكى پىكىرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ "800 خېرىدار مۇلازىمەت ھەقسىز تېلېفونى"دىن كەلگەن. جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كارخانا ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق ئېڭى يېڭى بىر مەزمۇنغا يۈزلەندى. كارخانىنىڭ بازارغا قانداق قارىشى، خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى، كارخانىغا پەقەتلا خېرىدارنى مەركەز قىلىش كېرەكلىكىنى تۇنۇتتى، تۈرلۈك چارە-تەدبىرنى قوللىنىپ خېرىدارنى رازى قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كارخانا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. "خېرىدار ھەممىدىن ئەۋزەل"نىڭ قائىدىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بىراق "ئەۋزەل"گە مۇلازىمەت قىلىش، "ئەۋزەل"گە قانداق قولايلىق يارىتىش بولسا زور بولغان ئىلىم. بەزىلەر 21-ئەسىرنى "دىققەت-نەزەر ئىگىلىكى"دىكى دەۋر دەپ ئاتايدۇ، ”چېچەن" كۆزلەرنى ئۆزىگە تارتىش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، زاۋۇت ۋە سودىگەرلەر پۈتۈن ئوي-خىيالىنى سەرپ قىلىپ، كۆپ مىقداردىكى مەبلەغنى ئېلان ۋە تېزلىتىپ سېتىشقا ئىشلىتىدۇ، بىراق بۇ بىر ئادەم نەچچە مىڭلىغان ۋە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان نۇتۇق سۆزلىگۈچىگە يولۇققانغا ئوخشاش، ھەربىر سۆزلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، قانداق قىلىپ بۇ غايەت زور شاۋقۇن ئاۋازى ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ كارخانا مەسئۇلىدىن 4Cs گە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، "بازار تىكلەش"كە ھەققىي ئېتىبار بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى