ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن خىزمەتچىگە قارىتا قانداق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-24
ئاۋاتلىقى: 400 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن خىزمەتچىگە قارىتا قانداق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 62-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1)دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛
(2)ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە خىزمەت تەلىپى ۋە ئەمگەك ھەققىنى ئۇقتۇرۇش؛
(3)ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى، ئۈنۈم مۇكاپاتى بېرىشى، خىزمەت ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتلىرى بىلەن تەمىنلەش؛
(4)خىزمەتتىكى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە خىزمەت ئورنىدا زۆرۈر بولغان تەربىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشى؛
(5)داۋاملىق ئادەم ئىشلەتسە، نورمال مائاش تەڭشەش مېخانىزمى يولغا قويۇشى؛
(6)ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى يەنە باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئەۋەتسە بولمايدۇ.