بېل گايتىس مەبلەغ سېلىپ «كەيپىيات ئۆلچەش بىلەيزۈكى»نى ياساتتى
يانفوندا كۆرۈش
بېل گايتىس ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىم دەرس ئۆتكەن ۋاقىتتىكى زېرىكىش ھېسسىياتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، 1 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ «كەيپىيات ئۆلچەش بىلەيزۈكى» ياساتقان.
خەۋەرگە قارىغاندا، بېل ۋە مېرىندا فوندى جەمئىيىتى ئىلمىي نامى «تېرە ئېلېكتىر ئىنكاسى» بولغان بىلەيزۈككە مەبلەغ سالغان، ئۇلار بۇ ئەسۋاب ئارقىلىق مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاشنى ئۈمىد قىلغان.
بىلەيزۈك تېرىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن توك ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىدىكەن. ئادەمنىڭ تەر بەزلىرى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونتىروللىقىدا بولغاچقا، تېرىنىڭ توك ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى كەيپىياتنىڭ ئىنكاس ئۆلچىمى قىلسا بولىدىكەن.
ھازىر ئامېرىكا ۋاقتى ۋە ئۆگىنىش دۆلەت مەركىزى 620 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ مەبلەغكە ئېرىشكەن بولۇپ، «كەيپىيات ئۆلچەش بىلەيزۈكى»نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە يادرو ماگنېتىك رېزونانس ئەسۋابىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدا ئاكتىپ ئۆگىنىش قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىغان.