ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى

ۋاقتى: 2012-12-01 ئاۋاتلىقى: 433 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، پىسخىكا جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولۇش
مەھسۇلات ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم. پەقەت ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بازار يۇشۇرۇن كۈچى بولىدۇ-دە، ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ھەتتا ئۆزىنى كېسەل قىلىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ نەپسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرلىقىنى، ماركا خاسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماركا ئوبرازىنى تىكلەپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش، ھېسسىيات مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق شۇ رايوننىڭ بازىرىغا ماس كېلىدىغان پىسخىكىلىق ئېھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلار بىلەن پىسخىكا جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمى.
 
ئىككىنچى، ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىش كېرەك
ھەر قانداق بىر شىركەت ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى قوللىنىشنى ئىستەيدىكەن، چوقۇم ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى، سېتىش يوللىرى، سېتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئاساسەن ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. ھەر قانداق قارىغۇلارچە، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىقتىساد قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقۇسى. شۇڭا چوقۇم مۇۋاپىق تاكتىكا قوللىنىش بەك مۇھىم.
#p#
ئۈچىنچى، تەشۋىقاتتا ۋەزىيەت يارىتىش
ئىستېمالچىلارنىڭ نەپسى ئوخشاش بولمايدۇ، دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پەقەت يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇلغىلا تايانغاندا، يەنىلا ياخشى ئۈنۈم ياراتقىلى بولمايدۇ. 
نەپىسنى قوزغاش ۋە يېتەكلەش ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى. شۇڭا، تەشۋىقاتتا ۋەزىيەت يارىتىش گەرچە ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئەمما كەم بولسا بولمايدۇ. يېڭى مەھسۇلات بازارغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى يۇمشاق-قاتتىق تەدبىرلەرنى ياخشى قوللىنىپ، تېلېۋىزىيە ئېلانىغا ئومۇميۈزلۈك تور يېيىش؛ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، گېزىت، ژۇرنال، لىفىت قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش؛ چولپانلار جارچىلىقى ئارقىلىق دىققەتنى قوزغاش؛ كەسپىي، نوپۇزلۇق يېتەكچىلىك قىلىش؛ سېتىش يوللىرىنى بىر تۇتاش لايىھەلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى قوللىنىپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.
 
تۆتىنچى، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش
كۆپ تەجرىبىلىك شارائىتتا، ئىستېمالچىلارنىڭ قىسمەن نەپسى رىقابەتچىنىڭ بازار پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. نەپس بىرىكمىسىنىڭ نىسبىتىدە يېڭىدىن ئۆزگىرىش بولىدۇ-دە، سېتىۋېلىش ھەرىكىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىلدا تەرتىپسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ-دە، ھېسسىيات يۆتكىلىش، ھاياجانلىنىپ سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللاردۇر. شۇڭا، رىقابەتچىلەرنىڭ ھەر خىل بازار پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆزىتىش، ئىنكاسچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رىقابەتچىلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە قارىتا تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋاقتىدا ئىنكاس بىلدۈرۈش سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەھۋاللاردۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى