ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالىي مەكتەپ ھەرگىزمۇ تېخنىكا مەكتەپ ئەمەس

ئالىي مەكتەپ ھەرگىزمۇ تېخنىكا مەكتەپ ئەمەس

ۋاقتى: 2015-09-30 ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ پەرقى نېمە؟
ئالىي مەكتەپ ئۇقتۇرۇشىنى كۆتۈرگىنىڭىزچە، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغان بولىسىز. بۇ جەرياندا سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭ زادى قانداق پەرقى بار دېگەن تېمىدا ئويلىنىپ باققانمۇ؟ ئەجەبا ئاددىيغىنا بىر تال ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىنىشكىسى بۇنىڭ پەرقى بولالامدۇ؟ ئالىي مەكتەپتە بىز زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك ؟ ئەجەبا بىز ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرىدىن، ئوت-چۆپلەر ۋە كۆللەردىن ھوزۇرلىنىشمۇ؟

ئالىي مەكتەپ ھەرگىزمۇ تېخنىكا مەكتەپ ئەمەس
بىر ئېلېكتىرومېخانىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر ئۈسكۈنىدە بىمالال مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى قىلالايدۇ، لېكىن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن تېخنىك ئىشچىسىمۇ بۇنداق مەشغۇلاتنى قىلالايدۇ، ھەتتا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ياخشى قىلالىشى مۇمكىن، بىر چەتئەل تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى راۋان ھالدا چەتئەل تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ ھەمدە بىر ئۇزۇن ھەجىملىك چەتئەل تىلى ماتېرىيالنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلالايدۇ. لېكىن چەتئەلگە چىقىپ بىر نەچچە يىل تاتلىق ياڭيۇ سېتىپ كىرگەن كىشىمۇ راۋان ھالدا چەتئەل تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ، ھەتتا بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىنمۇ بەكراق ياخشى سۆزلىيەلەيدۇ؛ بىر  تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى تىڭشىغۇچقا تايىنىپ، بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە نەچچە يۈز مىليونلۇق كېسەل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ نەتىجىسىگە تايىنىپ بىمارنىڭ كېسىلىنى تاپالايدۇ. لېكىن سەھىيە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر نەچچە يىللىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ كېسەللەرنى بىمالال ھالدا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىن خوش خەۋەر بىلەن ئېلىپ چىقالايدۇ. قەدىمكى زاماندىكى تېۋىپلار ھېچقانداق ئەسۋابقا تايانمايمۇ، ئاددىيغىنا بىر تومۇز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىيالايدۇ. . .

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭ پەرقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر كەسىپنى پىششىق ئۆگەنگەن ياكى ئۆگەنمىگەنلىكىدە ئەمەس. ئۇنداقتا، ئالىي مەكتەپ بىلەن تېخنىك مەكتەپنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوق دېگەنلىكمۇ؟ تېخنىكا تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىنىڭ تېخنىكىسى تېخنىكا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا يەتمەيدۇ. چۈنكى ئاشپەزلىك كەسپىنىڭ بىرىنچى سائىتىنى سەي توغراشتىن باشلايدۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپكە ئاشپەزلىك سىنىپى ئاچىدىغان بولسا، چوقۇم ئالدىنقى ئىككى يىلنى ئاشپەزلىكنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى، كەسپىي ئەخلاق، تارىخى تەرەققىياتى، سىنىپى خاسلىقى ۋە تۈرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلەر زادى قايسى تەرەپلەردىن ئۆز-ئارا پەرقلىنىدۇ؟ ئەگەر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بىرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەت ئىزدەش سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدىكى بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئازلا ۋاقىت قالدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى ناھايىتىمۇ كەسكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تەلىيى ئەڭ كاجلارنىڭ قاتارىغا كىرىمەن.
بىرىنچى قېتىم، مەن بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنى جابدۇيمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىم ھەمدە يول توسۇلۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن، نەقمۇ نەق بىر سائەت كېچىكىپ قالدىم. نەتىجىدە شىركەت خىزمەتچىلىرى قولىدا بىر تىزىملىكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ماڭا: "مېنىڭچە سىز بۇ خىزمەتكە ئەمەس، بەلكى بىر خۇجايىن بولۇشقا ماس كېلىدىكەنسىز." دېدى.
ئىككىنچى قېتىم، ئادەتتىكىدەك ياسىنىپ، بىر قائىدە يوسۇن شىركىتىگە كەلدىم. بۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: "سىز مەكتەپتە سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەنمىگەنمۇ؟" دېدى.
بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ بىر شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى مېنى قىزىقتۇرۇپ قويدى. بۇ قېتىمقى پۇرسەت ئالدىنقى ئىككى قېتىمغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇ قېتىم سىرتقى كۆرۈنۈشكە ھېچقانداق تەلىپى يوق، ھەمدە مەنمۇ دەل ۋاقتىدا شىركەتكە يېتىپ كەلدىم. يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كەلگەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر چوڭ ئۆيگە يىغىلىۋالغان ئىكەن،  ئىمتىھان ئالغۇچى ھەر بىر ئادەمگە بىر ۋاراقتىن قەغەز تارقىتىپ بەردى، قەغەز ئۈستىدە قارىماققا ناھايىتى ئاددىيغىنا بىر تېما يېزىلغانىدى. يەنى: ئەنگلىيەدە ھەر يىلى نەچچە دانە گولف توپ سېتىۋالىدۇ، باشقا ھېچقانداق بىر سانلىق مەلۇمات يوق بولۇپ، 45 مىنۇت ئىچىدە تاماملاش كېرەك ئىدى. مەن بۇ باش ئاخىرى يوق تېمىنى كۆرۈپ، قېتىپلا قاپتىمەن. ئارقىدىن ئوبدان ئويلىنىپ باقسام، بۇ تېمىغا بىر ئېنىق سانلىق مەلۇمات بىلەن جاۋاب بەرمەيدىكەنمەن، بەلكى بىر قېتىملىق پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىنى يېزىپ چىقسام بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ تېما ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بەكمۇ تەس تېما ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدىكى باشقۇرۇشقا ئائىت بىلىملەر مەن ئۈچۈنمۇ بەك تەس ئەمەس.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان"ئەنگلىيە سېتىۋالىدۇ" دېگىنىمىز ئەمەلىيەتتە ئىمپورت قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئىمپورت قىلىش سانى بىلەن ئەنگلىيە بازىرىنىڭ بازار ئېھتىياجى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بازار ئېھتىياجى ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيەدە قانچىلىك نوپۇس بار بۇ مېنىڭ كاللامدا بىر سان بولۇشى كېرەك. مەن 16 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا نەچچىلىك ئادەم بار، بۇنىڭدىن 30 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلا رنىڭ ئىچىدە قانچىلىك ئادەم گولف توپ ئوينايدىغالىقىنى پەرەز قىلسام بولىدۇ.
بۇنى تەپسىلىي ھېسابلاش ئۈچۈن، مەن ئىمتىھان قەغىزىگە قانداق ئەۋرىشكە ئېلىپ ھېسابلاش كېرەكلىكىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقتىم.  بۇ باسقۇچلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، 500 مىڭ ئادەمنى گولف توپ ئوينايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە دائىم گولف توپ ئوينايدىغانلار قانچىلىك، بۇلار بىر يىلدا قانچە توپ ئوينايدۇ، باشقىلار بىر يىلدا نەچچە قېتىم توپ ئوينايدۇ ھەمدە بۇلارغا نەچچە توپ كېتىدۇ. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ كەلسەك، دەل ئەنگلىيەنىڭ بازار ئېھتىياجىغا تەڭ بولىدۇ. مەن ئەڭ ئاخىرىدا جاۋابىمنى رازىمەنلىك بىلەن يېزىپ قەغەزنى تاپشۇردۇم. ھەمدە بىر ئايدىن كېيىن شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم.

ئۇنداقتا، بۇ ئوقۇغۇچى ئۈچ قېتىملىق ئىش ئىزدەش جەريانىدا قايسى جەھەتلەردىن كەتكۈزۈپ قويغان ھەم قايسى جەھەتلەردىن چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى؟ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىگە قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
يۇقىرىقى ئوقۇغۇچى بىرىنچى قېتىم كېچىكىپ قېلىش تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە سىرتقى كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەت قىلىندى. بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، ئۇ ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولدى. چۈنكى ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋە تاشقى سۈپىتىگە ئەھمىيەت بىرىش ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي تەلەپلىرىدىن ئىدى، ھەمدە باشقىلارغا بولغان ئەڭ ئاددىي ھۆرمەت. لېكىن بىز ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى قېتىملىق مەغلۇبىيەتكە ئاساسلىنىپ  بۇ ئوقۇغۇچىنى لاياقەتسىز  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەپ قارىساق بولمايدۇ. گەرچە بۇ ئىككى ئىش يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ قوبۇل قىلغان كىشى چوقۇم بىلىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن، بۇنداق ئادەمگەرچىلىكتىكى قائىدە يوسۇنلارنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىشى لازىم بولۇپلا قالماستىن، ھەر قانداق بىر ئادەم بىلىشكە تىگىشلىك بىر ئىش. بىز ھەرگىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادەم بولۇش ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىمەسلىكىمىز لازىم. ئەگەر بىز بۇنداق قارىساق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلەرنىڭ پەرقىنى يوقىتىپ قويغان بولىمىز. ھېچقانداق بىر  ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن دېھقان بەلكىم ۋاقىتقا رىئايە قىلىشى ۋە ياكى بىر پەن تېخنىكا ئالىمىنىڭ ئوسال مىجەزى بولسۇن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دېھقان ياكى ئالىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
يۇقىردىكى ئوقۇغۇچى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەگەردە  ئاخىرقى قېتىملىق يۈز تۇرانە سىناقنىڭ جاۋابى بىر مۇقىم سان بولغان بولسا،  بۇ قېتىمقى ئۆتكەلدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن ئىگىلەيدىغان ئۈستۈنلىكى ئۇنداق كۆرۈنەرلىك بولمىغان بولاتتى، چۈنكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ باشقىلاردىن  ئالاھىدە ياخشى بولۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوقتە. نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ كۆرگەن نەرسىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان قابىلىيىتى بولغان بىلەن ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس. يۇقىردىكى ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى سىناقتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب: تېمىنىڭ جاۋابى بىر ئېنىق سان بولماستىن، بەلكى بىر ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى بولغاچقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. يۇقىردىكى ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش تەلىم تەربىيەسىگە ئىگە بولغاچقا، بۇنداق ئانالىز قىلىش تېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇنلىغان نەزەرىيە ئۇسۇللىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  بىرەر قېيىن مەسىلىگە ئۇچرىغاندا نوقۇل ھالدا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزگە ياكى باشقىلارنى تەقلىد قىلىشقا تايىنىۋالماي، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلساق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پاسسىپ ھالدىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاللىقاچان مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ، بۇ دەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئالاھىدىلىكلەردۇر.
جەمئىيىتىمىز دەل مۇشۇنداق سىستېمىلىق ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا موھتاج. ھەرقانداق بىر كەسىپ مەلۇم بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئەگەر سىستېمىلىق ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتى بولمىسا، بارلىق كىتابلارنى قاينىتىپ ئىچكەن بىلەنمۇ، ئالىي مەكتەپتىكى بارلىق ئىمتىھانلاردا بىرىنچىلىكنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىزمەت جەريانىدا باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشى ناتايىن.

دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

مەن ئۆي مۈلۈك شىركىتىدە ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ھېلىمۇ ئېسىدىمكى، بىز بىر   تاۋار ئۆي ھەققىدىكى بىر دوكلات قىلماقچىدۇق. سىغىمچانلىق دىگىنىمىز بارلىق تۈرلەردىكى قۇرۇلۇشنىڭ مەيدانىنى ئومۇمىي يەر مەيدانىغا بۆلگەندىكى قىممەت. سىغىمچانلىق قانچە چوڭ بولغانسېرى، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ، لېكىن قىممىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ.  ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەيدانىنى ھەر بىر كىۋادراتنىڭ باھاسىغا كۆپەيتىدىغان بولساق ئومۇمىي قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە بۇ تۈردە ئەڭ ياخشى بولغان سىغىمچانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولىدۇ. قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى چوقۇم ئۆگىنىپ باققان، لېكىن دۆلىتىمىزدىكى ھەر بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئەھۋالى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش بىر شەھەردىكى ئوخشىمىغان يەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئەگەر دەرسلىك ماتېرىيالدىكى نەزەرىيە بىلىملەرگە ئاساسەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولساق،  ئۇ ھالدا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايمىز.
كېيىنچە بىز ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش ئارقىلىق بۆلۈمىمىزنىڭ تاۋار ئۆي سېتىشتا سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان 20 تاۋار ئۆينى تاللاپ ئانالىز قىلدۇق ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق بىلىمىدىكى نەزەرىيە مودېلىنى قۇرۇپ چىقىپ، شېنجېن شەھىرىدىكى ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە سېتىش باھاسىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى بايقىدۇق. ئاندىن تۈرىمىزنىڭ بىر قانچە كېلىپ چىقىدىغان سىغىمچانلىقىنى پەرەز قىلدۇق ھەمدە بۇ بىرقانچە سىغىمچانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئۇسۇلنى تاللىدۇق.
سىياسەت، خەنزۇ تىلى، بىيولوگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدا ھەرگىزمۇ سىغىمچانلىق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ باقمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا سىستېمىلىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلەنگەن بولغاچقا، ئاللىقاچان ئىچكىرىلەپ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن. ئەگەر بۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى خىزمەت جەريانىغا ئېلىپ كىرىدىغان بولساق، خىزمەت بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىزمەتنى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىنى ئورۇنداشقا تاپشۇرىدىغان بولساق، ئۇ ھەر قانچە ئەستايىدىل بولغان بىلەن بۇنداق ياخشى سىستېمىلىق بىر تەرەپ قىلالىشى ناھايىتى تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئۆگىنىدىغىنى پەقەت ئادەتتىكى نەزەرىيە بىلىملا بولماستىن، بەلكى نەزەرىيە بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتىكى خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت.
ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەسپى بىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىشىمىز لازىم. يېڭى ئۇچرىغان نەرسىلەرگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراش بەكمۇ تەس ئەمەس، لېكىن ئەگەر پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكى ۋە يۇقىرى بولغان مەلۇماتتىن گۇمانلىنىدىغان بولساق، گۇمانلىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئويناشقاندەك ئىش بولمامدۇ؟ ئەگەر كەسپىي بىلىملەرنى ئاساس قىلمايدىغان بولساق، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇستەقىل ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى قەيەردىن كېلىدۇ، شۇنداق پىكىر  قابىلىيىتى بولغان بىلەنمۇ، بۇنى ئەمەلىي خىزمەت جەريانىغا ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ.
مەسىلەن: ئەگەر بىر ئادەم جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىشنى مۇقىمدىماقچى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە ئائىت بىلىملەرنى بىلمەيدىغان بولسا، مۇشۇنداق بىر جەمئىيەت تەكشۈرۈش پىلانىنى لايىھەلەشمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ، ھەتتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان نەتىجە بىز ئەڭ دەسلەپتە ئويلىغىنىمىزدىن بەكلا يىراق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىرەيلەندە  جانلىق بولغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە بازارنىڭ ئېھتىياجىنى بايقايدىغان ئالاھىدە قابىلىيىتى بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە پەننىي ئارقا كۆرۈشى بولمايدىغان بولسا، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى بايقىغان بىلەن بازار قىممەت قارىشى بولۇشى ناتايىن، بازار قىممەت قارىشى بولغان تەقدىردىمۇ بۇلارنى  بىرەر تۈردە ئەمەلىي ئىشلىتەلىشى تەسكە چۈشىدۇ.
#p#
دەرسلىك ماتېرىياللاردىكى بىلىملەرنى ئەلۋەتتە ئۆگىنىشىمىز كېرەك، لېكىن بۇ ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساسى خالاس، ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىنى ئىدارە قىلغان ئاساستا ئۆگىنىش. يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش جەريانى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئارقىلىق، سىستېمىلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۆزىنى ئىدارە قىلغان ھالدا ئۆگىنىش بولسا ئۆزى ئۆگەنگەن نەرسىلەردىن مۇۋاپىق ھالدا ۋاز كېچىش ھەمدە  ۋاز كېچىدىغان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن مەلۇم بىر ئۆلچەم بولۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ مەكتەپتە ئۆتكەن دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى ھەمدە ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇن ۋە ئىمتىھانغا چۈشىدىغان مەزمۇنلار بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك. بولمىسا ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسى بىكار نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنى بىكار ئاۋارە بولغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋە پايدىلىق بولىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىز.
ئادەتتە دەرسلىك كىتاب ياكى باشقا پايدىلىنىش كىتابلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارىساقلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قارىۋالساق بولمايدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر كىتابتا سۆزلەنگەن كۆز قاراش بەلكىم مەن بىلىدىغان بىلىم دائىرىسى ياكى جەمئىيەت تەجرىبەم ئاساسىدا بىر تەرەپلىمىلىك قارىشى بولۇشى مۇمكىن. ئىلىم پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىمۇ پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئارقىلىق يەكۈن چىقارغاندا ئاندىن بىز بۇ كىتابتا سۆزلەنگەن بىلىملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز ھەمدە خاتا بولغان قىسمىنى چىقىرىپ تاشلىيالايمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا سۆزلىگەن ھەممە مەزمۇننىڭ توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن، يېڭى بىلىملەردىن ياكى يېڭى شەيئىلەردىن گۇمانلىنىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇشىمىز لازىم، بەلكىم ئوقۇتقۇچىلار سۆزلىگەن مەزمۇنلار ياكى كىتابتىكى مەزمۇنلار مەلۇم بىر پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىدىن ئىبارەتتۇر، بۇنداق بەس مۇنازىرىسى تېخى ئاخىرلاشمىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىدىغان مەزمۇنلارنى تاللىغاندا چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىش لازىم.
بىر كۈنى مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىلىۋاتقان گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ئۇ:"40 قا 7 نى قوشساق 47 بولىدۇ، 41 گە 6 نى قوشساقمۇ 47 گە تەڭ بولىدۇ، 31 غا 12 نى قوشۇپ بۇنىڭغا يەنە 4 نى قوشساق يەنىلا 47 گە تەڭ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 25 كە 17نى قوشۇپ، بۇنىڭغا يەنە 5 نى قوشىدىغان بولساق يەنىلا 47 گە تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۇرغۇنلىغان ھېسابلاشلارنىڭ نەتىجىسى47 گە تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سانلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سان 47، قالغان سانلار بەك مۇھىم ئەمەس دەپ قارىساق، سىلەرچە بۇنداق ھېسابلاش ئۇسۇلى بەل كۈلكىلىكمىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق مىساللار كۆپ ئەمەسمۇ؟ بەزىلەر ئۈچ نەپەر خېنەنلىكنىڭ بىر يەرگە كەلگەنلىكىنى كۆرسە، بۇ كىشىنى بىزار قىلغانلىقتىن،  بارلىق خېنەنلىك ئادەمنى كىشىنى بىزار قىلىدۇ دېگەندەك ياكى بىر يەرگە ئۈچ دانە قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقمىسا، بۇنىڭ بىلەنلا بۇ يەردە سۇ يوقكەن دەپ يەكۈن چىقارغاندەك ئىشتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىندۇكسىيە ۋە دېدۇكسىيەمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس، ئىندۇكسىيە بىلەن دېدۇكسىيە بەلكىم بىزنى ھەقىقەتتىن چەتنىتىۋېتىشى مۇمكىن." بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزى ئەمدىلا تۈگىشىگە، بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىدا تۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلايتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ " ئەگەر سىزنىڭ شۇنداق قابىلىيىتىڭىز بولىدىغان بولسا، بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ قارىشىنى يېزىپ باقمامسىز؟"دەپ سورىدى.
مەن بۇ  "غەيرى ئوقۇغۇچىلار" نىڭ قارىشىنى بەكمۇ قوللاپ كەتمەيمەن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا بۇنداق يېزىشىغىمۇ ئىشىنىپمۇ كەتمەيمەن، لېكىن ئەگەر بۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ شىركىتىمگە كېلىپ يۈز تۇرانە سىناققا قاتنىشىدىغان بولسا، مەن پەقەت بىر ئوقۇغۇچىنىلا تاللايمەن. مېنىڭچە بىر مۇستەقىل پىكىر قىلىپ ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغان ئادەم ھېچنېمىنى ئويلىماستىن توغرا قارىشىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدىغان ئادەمدىن ياخشى. چۈنكى ئالدىنقىسى كىشىلىك خاراكتېرى مۇستەقىل، خاراكتېرى مۇستەقىل بولغان كىشى باشقا ھەممە نەرسىدىن ياخشى. خاراكتېر جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاددىيلا ئىش، لېكىن بۇ خىل مۇستەقىل قاراشتا چىڭ تۇرۇش ئاسان ئەمەستە. بەزى ۋاقىتلاردا بايامقى ئوقۇغۇچىدەك ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قىلغان پىكىرىدە چىڭ تۇرالايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە قانچىسى بار؟ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار رېئاللىقنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈن ئىلىم پەنگە بولغان ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئالىملار قارىغۇلارچە يۈزمىڭ توننىلىق ئېتىزلىقنى ئىزدەيدۇ. بۇنداق ئالىملار يەنە بىرەر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى