ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ ئىستىپانامىنى تەستىقلاش ھوقوقى يوق

شىركەتنىڭ ئىستىپانامىنى تەستىقلاش ھوقوقى يوق

ۋاقتى: 2016-06-20 ئاۋاتلىقى: 441 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇم يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى دىلمۇرات (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەزكۇر شىركەتنىڭ غوللۇق تېخنىكا خادىمى بولۇپ، شىركەت دىمۇراتنى شىركەتتە تۇتۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا بىرقەدەر يۇقىرى مائاش بەرگەن.  ھالبۇكى، يېقىندا دىلمۇرات شىركەتكە ئىستىپانامە سۇنۇپ، شىركەتنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. چۈنكى ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى شىركەت ئۈچۈن بىر خىل يوشۇرۇن زىيان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شىركەت باشقۇرغۇچىلار قاتلىمى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىستىپانامىسىنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغان. لېكىن دىلمۇرات ئۆزىنىڭ ئىستىپانامىسىنىڭ ئەمگەك قىلغۇچى يەككە تەرەپنىڭ ئەمگەك توختامىنى ئالدىن بىكار قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى، خىزمەتتەن چېكىنىش ئىلتىماسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ تەستىقلىماسلىققا ھوقۇقى يوقلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەپتىن ئىككى تەرەپ ماجىراغا چۈشۈپ قالغان .

ئۇنداقتا، سوئال: بۇ شىركەتنىڭ دىلمۇراتنىڭ ئىستىپانامىسىنى تەستىقلىماسلىقىنى توغرىمۇ؟ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئەگەر مەزكۇر دېلونىڭ قانۇنىي نەتىجىسى ۋە تەھلىلىگە قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
#p#

تەھلىل:  ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشتا ئەمەل قىلىنىدىغىنى قانۇنى پىرىنسىپ. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:  ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، چوقۇم 30 كۈن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يېزىقچە ئۇقتۇرۇشى لازىم. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا پەقەت 30 كۈن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويسىلا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئەمگەكچىلەر خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندە، كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئىش ئورنىغا  خىزمەتتىن چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىلتىماس زادى خىزمەتچىنىڭ ئىش ئورنى بىلەن كېڭىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغىنى بولامدۇ ياكى ئىش ئورنىغا يېزىقچە ئۇختۇرۇش قىلغىنى بولامدۇ؟ كۆپۈنچە شىركەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاپ ئالدىنقى چۈشەندۈرۈشنى تاللايدۇ، ھەمدە ئەگەر شىركەت بۇ ئىلتىماسنى تەستىقلىمىسا ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشتا كېڭىشىپ بىرلىككە كەلمىگەن بولىدۇ. شۇنداق بولىدىكەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا قانۇنى سەۋەب تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا چۈشەنچە.
بۇ دېلودا، دىلمۇرات سۇنغان ئىستىپانامە دەل ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئىش ئورنىغا يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلغىنى بۇلۇپ، شىركەتنىڭ تەستىقلاش ھوقۇقى يوق. دىلمۇرات ئىستىپانامىسىنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن توشقاندا، شىركەت بىلەن دىلمۇرات ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى قانۇن جەھەتتە بىكار بولغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇ 30 كۈن ئىچىدە دىلمۇرات ئۆزىنىڭ ئىستىپانامىسىنى قايتۇرۋالماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى