ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خام-ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى

خام-ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى

ۋاقتى: 2013-05-07 ئاۋاتلىقى: 370 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەرخىل تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىركەت تەرەققىياتىنى زورايتىش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن، تۈزۈم ۋە شىركەت نىزامنامىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ قائىدە تۈزۈم ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
1 . ھەممە خىزمەتچىلەر شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە چوقۇم رىئايە قىلىشى، شىركەت قائىدە تۈزۈملىرىگە ۋە ھەر خىل قارار، بەلگىلىمە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
2. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن شىركەتنىڭ مال مۈلكىنى بۇزۇشى ياكى ئىگىلىۋېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ شىركەت ئىناۋىتىگە، ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزۈشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.  ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كىچىك كوللېكتىپ ياكى شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن شىركەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى ياكى شىركەت تەرەققىياتىنى بۇزۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. 
3. ھەممە خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى، ئىجاتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھەممە خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسى ساپاسى، مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق شىركەتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توختىماستىن شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ.
4. شىركەت ھەممە خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ ئىقتىدارىنى  تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شىركەت خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تەربىيەلەش ۋە چېنىقىش شارائىتى ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئاشۇرىدۇ، ئىدىيە ۋە كەسپتە يېتىشكەن بىر قوشۇن قۇرۇپ چىقىدۇ .
5. شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، كۆپ تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاپ تەقدىرلەيدۇ.
6. شىركەت خىزمەتچىلەرگە باراۋەر رىقابەتلىشىش سەھنىسى ۋە ئۆرلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. 
7. شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشىنى، كوللېكتىپ روھىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، خېرىدارنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرۇشنى، خېرىدارنىڭ كۈتكىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
8. شىركەت خىزمەتچىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن شىركەتنىڭ قارار ۋە باشقۇرۇشلىرىغا قاتنىشىشىنى، شىركەت ئۈچۈن مۇۋاپىق پىكىرلەرنى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، تۆھپىسى ياخشى بولغانلارنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلايدۇ.
#p#
9. شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تىگىشلىك تەمىنات بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپچانلىقى ۋە ئەقلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىركەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.
10. شىركەت خىزمەتچىلەر ئۈچۈن كىرىم ۋە مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل تەمىناتنى ئۆستۈرىدۇ.
11. شىركەت "ئەمگىكىگە قاراپ ھەق ئېلىش، كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئېلىش" تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدۇ.
12. شىركەت خىزمەت ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يوقلىما تۈزۈمى، تەكشۈرۈش تۈزۈمى يۈرگۈزۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى توغرىلاپ ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشنى ئارقىغا سۆرەيدىغان، مەسئۇليەتسىزلىككە قارشى  تۇرىدۇ.
13. شىركەتنى تىجەشلىك بىلەن يۈرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ.
14. شىركەت خادىملىرى ۋەزىپىسى ۋە خىزمەتتىكى قولايچانلىقىدىن پايدىلىنىپ خېرىداردىن پۇل مال ئۈندۈرۈۋېلىش ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۈچۈن پايدا كۆزلەش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
15. شىركەت خادىملىرى شىركەتنىڭ ئاممىۋىي نەرسىلىرىنى ئىشلىتىۋېلىشى، خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى ياكى باشقىلارغا بېرىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
16. خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى كۈندىلىك ئىشلاردىن باشقا، شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلىدىن ئۆتمىگەن، دىرېكتورنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن ياكى تەستىقلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ:
1) شىركەتنىڭ نامى بىلەن تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، ئىمزا قويۇش؛  
2) شىركەتنىڭ نامى بىلەن ھۆددە قىلىش، ئىسپاتلاش؛
3) شىركەتنىڭ نامى بىلەن خەۋەر ئاخباراتقا پىكىر ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش؛
4) شىركەتكە ۋاكالىتەن جامائەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش؛
17. شىركەتنىڭ ئىنتىزامىنى ساقلاپ، شىركەت قائىدە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
18. پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئەخلاق مىزانى: دۆلەتنى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە بولۇش، تېجەشلىك بولۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىزمەتنى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى