ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇرسەتنى تۇتالىغانلار ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

پۇرسەتنى تۇتالىغانلار ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

ۋاقتى: 2015-08-21 ئاۋاتلىقى: 769 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇم بىر كىچىك ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېلىق يېمىگەنلىكتىن مۇلازىمغا چۈشلۈك تاماققا بىر بېلىق ئەكىلىپ پىشۇرۇشنى تاپىلاپتۇ. سائەت 12 بولۇپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى توشقان بولسىمۇ مۇلازىم تاماققا چاقىرماپتۇ. خوجايىن سەل خاپا بوپتۇ. مۇلازىم ئۇنىڭغا قازاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن نەچچە قېتىم بازاردىن بېلىق ئالدىم، ئۇ بېلىق ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بىزنىڭ قازانغا پاتمىدى، مەن ھازىر ئامال ئىزدەۋاتىمەن.» دەپتۇ. بېلىق چوڭ، قازان كىچىك بولغانلىقتىن شۇ كۈنكى چۈشلۈك تاماقتا خوجايىن بېلىق يېيەلمەپتۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز، پۇرسەتمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. باشقىلار سىزگە بىر بېلىق بەرسە، ئەگەر قازىنىڭىز بەك كىچىك بولسا، سىزمۇ يېيەلمەي پەقەت قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز.
يۇرت ئاتلاشتىن مەقسەت تېخىمۇ ياخشى راۋاج تېپىش. ئىشلەمچىنىڭ ھاياتى جاپا ئۈستىگە ئازاب قوشۇلغان ھايات. لېكىن، ھەقىقىي ئازاب چوڭ بېلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ ئازلىقى، قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلى ئۇنى تۇتالماسلىقتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئىشلەمچى دوستلار جاپالىق خىزمەتتىن كېيىن مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ۋە ئازادىلىكتىن كېيىن ئۆزىنى بېيىتىپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

 
پۇرسەت ھېچكىم قانچىلىك چوڭلىقىنى قىياس قىلالمايدىغان بىر تال بېلىق. كىتاب-ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆرۈپ، كۆپرەك بىلىم-تېخنىكا ئىگەللەپ، قازىنىنى ئىمكانقەدەر چوڭايتىپ تۇرۇش، بېلىقنىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرىمەي، بېلىق چوڭ، قازان كىچىك كېلىپ قېلىپ، قاراپ تۇرۇپ يىيىشكە ئامالسىز قېلىشتىن ئەنسىرەش كېرەك. بىلىمنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزدا ھەر بىر ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ۋە ماھارەت ئىگىلەش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىككىنە بىلىمنىمۇ ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. بىلىم، ماھارەت ئىگىلەش سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىر كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلانسۇن. بەلكىم ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن، پۇرسەت شۇنداق بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىدۇكى، ئۇ بىلىم ۋە ماھارەتلەر ھاياتىمىزدا بۈيۈك بۇرۇلۇش ياسايدۇ.
بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى شېنجىنغا خىزمەت ئىزدەپ بېرىپتۇ. بىر چەتئەل كارخانىسى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ كۆز ئەينەك تاقىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر مەسئۇلى ئۇنىڭدىن ئېنگلىزچە: «سىز نېمە ئۈچۈن بۇ شىركەتتە ئىشلىمەكچى بولدىڭىز؟» دېگەندەك قېلىپلاشقان سۇئاللارنى سوراپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى بويىچە ئانچە راۋان بولمىغان ئېنگلىز تىلى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ھېلىقى كىشى يەنە بىر نەرسە-كېرەك قاچىلايدىغان كىچىكرەك قاپنى كۆرسىتىپ: «بۇ نېمە قاچىلايدىغان قاپ؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ قاپنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپتۇ. قاپ سىرتىغا يېزىلغان چۈشەندۈرۈشلەر ئېنگلىزچە يېزىلغان ئىكەن. لېكىن، نېمە قاچىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق سۆزنى ئۇ قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان چاغدا تۇيۇقسىز قاپنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. قاپنىڭ ئۇ تەرىپىگە ياپونچە چۈشەندۈرۈش يېزىلغان بولۇپ، بۇ ياش تەتىل مەزگىلىدە بىر مەزگىل قوشۇمچە ياپونچە ئۆگەنگەن ئىكەن. ياپون يېزىقىدا يېزىلغان سۆز دەل ئۇ ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغان سۆز ئىكەن. شۇڭا، ئۇ دەرھال «قۇرۇق ئۈزۈم» دەپ جاۋاب ېبرىپتۇ. قوبۇل قىلغۇچىنىڭ چىرايىدا كۈلكە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بارمىقىنى چىقىرىپ ئۇنى ماختاپتۇ ۋە ئۇنى ئارقا تەرەپتىكى دىرېكتور ئىشخانىسىغا كىرىشكە شەرەت قىپتۇ. دېمەك، ئۇ قوبۇل قىلىنىپتۇ.
#p#
بۇ مىسال ئالدىن تەييارلىق بولسا چەكسىز ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، بىلىمنىڭ ھەر قانداق كىشىگە ئارتۇقلۇق قىلمايدىغانلىقى، پۇرسەتنىڭ پەقەت ئاشۇ تەييارلىقى تولۇق كىشىلەرگىلا باقىدىغانلىقى، پۇرسەت كەلگەندە بىز پەقەت تولۇق تەييارلىق بىلەن ئىشقا كىرىشسەكلا ناھايىتى زور غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. پۇرسەت يەككە ھالدا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇ ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. بىر جۈپ ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن ئوبدان قارىسىڭىزلا پۇرسەتنىڭ ھەممە يەردە تولۇپ ياتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
بىز ھايات يولىدا ئالدىراپ ماڭىمىز. بەزىدە يول مېڭىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئۆزىمىز كېتىۋاتقان يولغا قاراپ بېقىشقىمۇ چولىمىز تەگمەيدۇ. بەزىلەر ھۆكۈم قىلماق قىيىنراق نەرسىلەرگە يولۇققاندا ئالدىراپلا ئۆتۈپ كېتىپ قالىدۇ- دە، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئەگەر توختاپ بىر قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، بەلكىم سىز يول ياقىسىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلى ھاياتىڭىزدىكى بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. توختاپ بىر قاراپ بېقىش بەلكىم سىزنىڭ يول مېڭىش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن، يول ياقىسىدىكى نەرسە ناۋادا بىر ۋېلسىپىت بولۇپ قالسىچۇ؟
بىز رەت قىلىنىشتىن قورقۇپ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز. مەسخىرە قىلىنىشتىن قورقۇپ باشقىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايمىز. ئەمەل قىلالماسلىقىمىزدىن قورقۇپ باشقىلارغا ۋەدە بېرەلمەيمىز. بىراق، بىز تېخى ھايات، بىز ھازىردىن باشلاپ ئۆزىمىزگە كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتساق بولىدۇ. سىز نېمىنى كەتكۈزۈپ قويدىڭىز؟ 
ياخشى پۇرسەتكە ئۇچرىغان چېغىڭىزدا ۋاقتىدا بايقىيالماي باي بولۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالدىڭىزمۇ؟ پۇرسەت دېگەن ئاشۇنداق سىز دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا يېنىڭىزدىن غىپپىدە ئۆتۈپ كېتىپ قالىدىغان نەرسە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بايلىقنى بايقايدىغانلار ئادەتتە ھەر قانداق چاغدا ئەس-ھوشى بىلەن يۈرۈيدىغان، پەم-پاراسەت ئىشلىتەلەيدىغان ئادەملەردۇر.
ئالتە يىل ئىلگىرى جېك بايرۇن ئايالى بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تېلېۋىزور ئېكرانىدا تۇيۇقسىز ئوركا مېنىرال سۈيىنىڭ ئېلانى پەيدا بولدى. مىكرو مىقداردىكى ئىلېمېنت سۇدا ئېرىپ پىژ-پىژ ئاۋاز چىقارغاندا، جېكنىڭ كاللىسىدا مەن نېمىشقا سۇغا سېلىشقا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىسى ياسىمايمەن؟ دېگەن خىيال زاھىر بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر خىمىيە ئالىمىنىڭ ياردىمىدە جېك ئۆزىنىڭ تولۇق ئۈنۈملۈك دېزىنفىكسىيە دورىسى يەنى، بىر خىل شەكلى ئوققا ئوخشايدىغان كۇمۇلاچ دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ دورا سۇسىزلاندۇرۇلغان ھامان دېزىنفىكسيەلەش سۇيۇقلىقىغا ئايلىناتتى. ئۇنىڭ بىلەن پولدىن تارتىپ ئەينەك، ھەتتا ئەرمەك ھايۋانلارغىچە بولغان نەرسىلەردىكى كىرنى تازىلاپ چىقارغىلى بولاتتى. ئۇ يەنە ئارقىدىنلا ماشىنا يۇيۇش ۋە ياغلاشقا ئىشلىتىلىدىغان كومىلاچنى، داغ چىقىرىش دورىسى، ئاقارتىش پاراشوكى ۋە توقۇلما بويۇملارنى يۇيۇش دورىلىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان كىر يۇيۇش ۋېتامىنى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ شۇ يىلقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ساپ پايدىسى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتەتتى.
جويىس ئەسلى بىر ئەرمەك ھايۋان ھەۋەسكارى بولۇپ، 16 ياش ۋاقتىدىلا بىر تال پارقىرايدىغان زەنجىردىن پايدىلىنىپ مۈشۈك ۋە ئىتلارنىڭ كېچىدە يوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىغان. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن چوڭ بىر ئەرمەك ھايۋان بويۇملىرى شىركىتى موشۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەھسۇلاتنى بازارغا سالغان. خېلى كۆپ تۈردە پاتېنتلارغا ئېرىشكەن جويىس ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا بۇ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، دەرھال پۇرسەتنى تۇتۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن پۇشايمان يېگەن. ئۇ مونداق دېگەن: «كېلەر قېتىم كاللامغا ياخشى پىكىرلەر كېلىپ قالسا چوقۇم ئۇنى بازارغا سالىمەن. چۈنكى، بىر ياخشى پىكىر بىر ياخشى پۇرسەت، بىر چوڭ بايلىق بولىشى مۇمكىن!»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى