ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«مۇئەللىم» ئىككىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى (A8)

«مۇئەللىم» ئىككىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى (A8)

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى دەرسلىكلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، لۇغەت ئىزدەش، سىن دەرسخانا، يانداش دەرسخانا، ھېسسىيات-ئەقىل سىنىقى ئىقتىدارىغا ئىگە.
   مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلۇشى :
  تىپى: A8
  ئېكران چوڭلۇقى: 800x480 چىكىت، 9 دىيۇم 260 مىڭ رەڭلىك TFT رەڭلىك سىزىمچان ئېكران
  كۆرسىتىش دائىرىسى: 35 قۇر (ھەر قۇردا 65 خەنزۇچە خەت)
  كۇنۇپكا سانى: 76 دانە، كومپيۇتېر ئۆلچەملىك كۇنۇپكا تاختىسى، قەلەم بىلەن خەت كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
  ئېغىرلىقى: 500 گىرام
  لۇغەت سىغىمچانلىقى: 8192 مىگابايت (8G)
  كېڭەيتمە سىغىم كارتىسى:  32G غىچە TF كارتىسىنى قوللايدۇ.
  لۇغەت چوڭ-كىچىكلىگى: 235mm x 165mm x 25mm
  باتارىيە: 1650mAh، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لېتىي باتارىيە ئىشلىتىلگەن.
  ئۇلىنىش شەكلى: USB ئېغىزى ئارقىلىق ماتېرىيال چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئوپتىك مائۇس قوللايدۇ.
  توك مەنبەسى: 5V، بېسىم تەڭشىگۈچ ئارقىلىق توك تەمىنلىگىلى بولىدۇ.            
 
     
ئىككىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى سىستېمىسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن بولۇپ، لۇغەت خەزىنىسى، سىن دەرسخانا، چەكمە ئوقۇتۇش، خىل سوئاللار، يانداش دەرسخانا، كارتونلۇق دەرسخانا، مەرىپەت يېتەكچىلىكى، ھېسسىيات يېتەكچىلىكى، ئەقىل يېتەكچىلىكى، ئۇنىۋېرسال يېتەكلەش، ئويۇن-ياردەمچى قاتارلىق ئىقتىدارلار بار، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
لۇغەت خەزىنىسى: بۇ بۆلەكتە ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر، ئىنگلىزچە لۇغەتلەر، خەنزۇچە لۇغەتلەر، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە فورمۇلالىرى، سىيات، تارىخ، جۇغراپىيە بىلىملىرى، سۆز ئامبىرىم، چۈشۈرمە لۇغەتلەر، جۈملە تەرجىمە، كۆپ تىللىق لۇغەتتىن ئىبارەت  9 چوڭ بۆلەك بار.
#p#
 
چەكمە ئوقۇتۇش: بۇ ئىقتىدار بۆلىكى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى پەنلىرىنىڭ سكاننېرلانغان دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئۈچ تىلدا چەكمە ئوقۇتقىلى بولىدىغان بولۇپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ. ئاۋاز سۈپىتى ئېنىق، چەكمە ئوقۇش، پۈتۈن ئوقۇش، چۈشەندۈرۈش، تەكرار ئوقۇش، سۆز ئىزدەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە.
 
يانداش دەرسخانا: بۇ بۆلەكتە ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق 9 خىل پەننىڭ مول مەزمۇنلۇق يانداش مەشىقلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىت مەشىق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
#p#
خىل سوئاللار: بۇ بۆلەكتە باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سوئال ئامبىرى تەمىنلەنگەن.
سىن دەرسخانا: بۇ بۆلەكتە ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىن دەرسى تەمىنلەنگەن.
#p#
كارتونلۇق دەرسخانا: بۇ بۆلەكتە تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى پەنلىرىنىڭ FLASH شەكلىدىكى كارتونلۇق دەرسلىكلىرى تەمىنلەنگەن.
ئويۇن-ياردەمچى: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئۆگىنىش خاراكتىردىكى ھەم سىستېما بەلگىلەش ئىقتىدار بۆلىكى بولۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانى، شادلىق كىنوخانىسى، ناخشا-مۇزىكا كۇلۇبى،  سېھىرلىك ئۈنئالغۇ، رەسىم ئالبومى، ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا، ئەقىلىي ئويۇنلار، كومپيۇتېر دەرسخانىسى، ياردەمچىم ۋە سىستېما بەلگىلەش، دىسكا باشقۇرۇش، كۆچمە دىسكا ئۇلاش قاتارلىق ئىقتىدار بۆلەكلىرى تەمىنلەنگەن.
#p#
مەرىپەت يېتەكچىلىكى: بۇ بۆلەكتە مۇزىكا ئىقتىدارى، بوشلۇق ئىقتىدارى، ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارى، ماتېماتىكا ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، مۇناسىۋەت ئىقتىدارى، گۆدەكلەر چەكمە ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، جۇڭگوشۇناسلىق بىلىملىرى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
ھېسسىيات يېتەكچىلىكى: ھېسسىيات سىنىقى، ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، ئىناق ئۆتۈش قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
#p#
ئەقىل يېتەكچىلىكى: بۇ بۆلەكتە ئەقىل سىنىقى، كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، دىققەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، تەپەككۈر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
ئۇنىۋېرسال يېتەكلەش: بۇ بۆلەكتە ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ئىككىنچى دەرسخانا ئىقتىدارى ئىنگلىز تىلى ھەپتىلىك گېزىتى، مۇئەللىم ئىزدەش قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى