ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(3)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(3)

ۋاقتى: 2014-06-07 ئاۋاتلىقى: 520 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى«تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(2)» بۇ يەردە!

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(3)

 

ئۈچىنچى مىسال:


دېل شىركىتى


دېل شىركىتى «بىۋاستە سېتىش» ئەندىزىسى بىلەن داڭلىق. دېل شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مال ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن  پۈتۈن دۇنيادا IT ساھەسىنىڭ سودىسى ياخشى بولمىغان ۋاقىتتا دېل شىركىتىنىڭ سودىسى ياخشى بولدى. نوپۇزلۇق خەلقئارا سانلىق مەلۇمات شىركتى (IDC)نىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 2002-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە دېل شىركىتى دۇنيا بويىچە PC سېتىشتا بىرىنچىلىك ئورنىغا قايتا چىقتى. دېلنىڭ جۇڭگودىكى سودىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى. دېل شىركىتىنىڭ سودىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ياخشى بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۆزگىچە بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى بولغانلىقى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغانلىقى. بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى دېل شىركىتى، تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە خېرىدار ئارىسىدا «مەۋھۇم بىرلەشتۈرۈش» دەپ ئاتالغان سۇپىنى قۇرۇپ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 

ئەمەلىيەتتە دېل شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمسىى ئەنئەنىۋى تەمىنلەش شەكلىنى بۇزۇپ تاشلىدى. خېرىدار دېل شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. دېل شىركىتى بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق خېرىداردىن كەلگەن ئىنكاس ۋە ئېھتىياجنى شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە، خام ماتېرىيال تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە شېرىكلىرىگە يەتكۈزىدۇ. دېل شىركىتىنىڭ خېرىدارنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادروسى قىلىشى دېل شىركىتىنڭ ئامباردا مال ساقلاش دەۋرىنى تۆت كۈنگە قىسقارتتى. مۇھىمى دېلنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ مال ساقلاش دەۋرى 30~40 كۈنگىچە. شۇڭلاشقا IT ساھەسىدىكى زاپچاسلارنىڭ باھاسى كۈنىگە بىر پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن چۈشسىمۇ دېلنىڭ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك بولدى.

دېل شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى توختاۋسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مال ئوبوروتىغا چوڭ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇچۇر ئىزدەش، خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خېرىدار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توردىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىنى قۇردى. دېل شىركىتى ۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەر مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئامباردا ساقلانغان مال تالونى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇچۇرلارنى  valuechain.dell.com تورىدا ھەمبەھرلىنىدۇ. دېل شىركىتى يەنە ئىلغان تور بېكىتى ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا 113000 دىن ئارتۇق سودا ئورگانلىرى ۋە خېرىدار بىلەن ئىش بېجىرەلەيدۇ. خېرىدارلار خالىغان ۋاقىتتا دېلنىڭ تورىغا چىقىپ بارلىق مەھسۇلاتلارنى باھالىيالايدۇ، قۇراشتۇرالايدۇ ۋە مال باھاسىنى ئۇقالايدۇ. خېرىدارلار توردا يەنە مال سېتىۋېلىش، مالنىڭ ياسىلىش ۋە يەتكۈزۈلۈش جەريانىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.


 

دېل شىركىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشى بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسىنى ۋە دېل شىركىتىىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ھازىر دېل شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا تور بېكىتىنى باشقۇرماقتا. بۇ تور بېكەت 80 دۆلەتكە تارقالغان، 27 خىل تىل ياكى دىئالېكتتا لايىھەلەنگەن، 40 خىلدىن ئارتۇق پۇلدا باھا ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ھەر پەسىلدە زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى 920 مىليوندىن ئاشىدۇ.

 

جۇڭگونىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دۇنيا سودا سىستېمىسىغا كىرىشىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ كەسكىن خەلقئارالىق رىقابەت جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىس پەيدا قىلدى. ئۇچۇرلىشىشنى بەلگە قىلغان كىيىنكى سانائەت دەۋرىدە تەمىنلەش زەنجىرى ئىشلەپچىقىرش ۋە مال ئوبوروتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە كۈنسېرى رولىنى كۆرسەتمەكتە. دېل ئەندىزىسى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار. بىر بۇلارنىڭ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى ئىزدىشىمىز كېرەك.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى