تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(3)
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(2)» بۇ يەردە!
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(2)
ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قوش ئۇتۇش ئىدىيەسى
ئەنئەنىۋى تىجارەت ئەندىزىسىدە كارخانىلار بىر-بىرىنى پايدا ئېلىشىمىزغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ دەپ قاراپ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلاتتى. ئاساسەن ھەمكارلىق يوق ئىدى. كارخانىلار پەقەت قىسقا مەزگىللىك پايدىنى كۆزلەپ باھا رىقابىتى پەيدا قىلاتتى. بازار ياخشى ۋاقىتتا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلاتتى. بازار كاسات بولغاندا زىياننى پارچە ساتقۇچى سودىگەرلەرگە ئىتتىرىپ قويۇشقا ئۇرۇناتتى. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە بارلىق ھالقىلار بىر گەۋدە دەپ قارىلىپ كارخانا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا يەنە پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىشى كېرەك. چۈنكى خېرىدارنىڭ مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى تاللىشى زەنجىردىكى بارلىق ھالقىلارغا پايدا ئېىلىپ كېلىدۇ. خېرىدار بۇ مەھسۇلاتنى تاللىمىسا زەنجىردىكى بارلىق ھالقىلار زىيان تارتىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلۇم بىر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ باشقا تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن رىقابەتلىشىشىنىڭ مۇھىم شەرتى.