ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ نازارەت كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىرى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ نازارەت كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىرى

ۋاقتى: 2016-03-20 ئاۋاتلىقى: 598 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


6. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ نازارەت كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىرى

1. نازارەت كومىتېتى ياكى نازارەتچىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە نازارەت كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت كۆلىمى چوڭراق بولسا، نازارەت كومىتېتى تەسىسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى 3 كىشىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ. نازارەت كومىتېتى ئۆزىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزالار ئىچىدىن بىر رىياسەتچى كۆرسىتىدۇ. نازارەت كومىتېتى پايچىلار ۋەكىلى ۋە شىركەتنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت نىسبىتى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەت كومىتېتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچى سانى ئازراق، كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، بىردىن ئىككىگە نازارەتچى تەسىس قىلىنىدۇ.

مۇدىرىيەت ئەزاسى دېرىكتور ۋە مالىيىگە مەسئۇل خادىمىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىشىگە بولمايدۇ.

2. نازارەت كومىتېتى ياكى نازارەتچىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە نازارەتچىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى

نازارەت كومىتېتى ياكى نازارەتچى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

1) شىركەتنىڭ مالىيەسىنى تەكشۈرىدۇ:
2) مۇدىرىيەت ئەزالىرى دېرىكتورنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدىكى قانۇن، قائىدە-نىزاملار ياكى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ؛
3) مۇدىرىيەت ئەزالىرى دېرىكتورنىڭ  ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن چاغدا، مۇدىرىيەت ئەزالىرى دېرىكتورىدىن ئۇنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ:
4) ۋاقىتلىق پايچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛
5) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. نازارەتچىلەر مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
نازارەتچىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتتە ئۈچ يىل  بولىدۇ. نازارەتچىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق سايلانسا، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى