ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان ئۆسۈش شوتىسى

چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان ئۆسۈش شوتىسى

ۋاقتى: 2016-03-02 ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان ئۆسۈش شوتىسى
دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلارنىڭ تۈزۈمىدە، دائىم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆسۈش، ئىستىپا بېرىش، پىنسىيەگە چىقىش، ئىشتىن بوشىتىلىش ۋە ۋاپات بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. كىشىلەر ئىزچىل ھالدا دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلاردىكى ئۆسۈشنى «غەلىبە شوتىسىغا يامىشىش» ياكى «ھوقۇق شوتىسىغا چىقىش» دەپ قارايدۇ.

دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان ئادەتتە شوتىغا ئوخشىتىلىدۇ، چۈنكى شوتا بىلەن دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ ھەقىقەتەن بەزى ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى بار، مەسىلەن، شوتا كىشىلەرنىڭ يۇقىرىغا يامىشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى قانچە چوڭ بولسا خەتەرمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

بىر كىرىمى مۇقىم ئادەم، ئادەتتە ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىنى مۇۋاپىق باشقۇرالايدۇ. لېكىن، ئۇ بىر زور بايلىققا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالىدۇ.

ھەربىي قىسىم ياكى ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلىرىدا، بىر خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان ئەگەشكۈچى ئۆسۈپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقسا، ئۇمۇ تۇيۇقسىز خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي قالىدۇ.

خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان ئالىم ئۆستۈرۈلۈپ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالسا، ئۇمۇ بىر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان باشقۇرغۇچى بولۇپ قالىدۇ.


يۇقىرىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۆستۈرۈلگۈچىلەرنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۆستۈرۈلگۈچى ئۆسكەندىن كېيىن ئۆسۈشتىن ئىلگىرى ئېھتىياجلىق بولمىغان يېڭى ئىقتىدارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

بىر ئىزچىل سۈپەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن خىزمەتچى خادىم، ئۆزى بىرقەدەر ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بەلكىم باشقۇرۇش جەھەتتىكى رەھبەرلىكنى يامان ئەمەس قىلالىشى مۇمكىن، گەرچە خىزمەتتە سەل كۈچەپ قالسىمۇ، لېكىن ئۇ تىرىشىپ ئىشلىسە، ئەگەر دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ باشقا شەرت-شارائىتلىرى پايدىلىق بولسا، ئۇ يەنە بىر خىل خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان ھالەتكەـــــ بۆلۈم دىرېكتورلىقىغا ئۆستۈرۈلىشى مۇمكىن، بۇ بەلكىم ئۇ چىقالايدىغان شوتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ۋاقىتتا، ئۇ نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر قول ئاستىدىكى بىر توپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بولسا، ئۇ ھەرھالدا خىزمەتنى ئەپلەپ-سەپلەپ تاماملىيالىشى مۇمكىن.
ئۇ قارىماققا خىزمەتنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھبەرلىك ئابرويى بولغاچقا، ئۇ بەلكىم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلۈشى، يەنى باش دىرېكتور بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ھازىر ئاللىبۇرۇن ئەڭ زور دەرىجىدىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتتى.
بىر باش دىرېكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىركەتنىڭ نىشانى ۋە سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تەدبىرلەرنى بەلگىلەش بولىدۇ، سۈپەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان ۋە تېخىمۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچە بولغان جەرياندا، ئۇ بارغانسېرى كۈچى يەتمەي قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، شىركەتكە زىيان كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغىمۇ زور زىيان سالىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئاقىلانىلىك بىلەن بۇ ھالەتنى كۆزىتىپ، بۇ خىل كۈچلۈك رىقابەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى، تېخىمۇ قىممەتلىك ھاياتنى باشلاشنى قارار قىلىشى مۇمكىن.


بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ «چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان شوتا» ئويۇنىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئۇلار ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى پېتېر پىرىنسىپىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دەپ قاراپ، دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان قۇرۇشقا ئۇنچە قىزىقمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى بايقاشقا تىرىشتى.

يامان بولغىنى، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىدى، بەلكى قاتتىق بېرىلىپ كەتتى.

ئورنى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
كىشىلەر دائىم قانچە يۇقىرىغا چىقسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق، بۇ خىل قارىغۇلارچە يۇقىرىغا يامىشىشنىڭ قۇربانى بولغانلارنىڭ ھەممە يەردە بارلىقىنى كۆرىمىز.

ئانالىز قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، خىزمەتچىلەرنى ئۈچ دەرىجىگە بۆلىمىز: خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلار، خىزمىتنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋاپىق دەرىجىدە چىققانلار ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلار.

ئاۋكىمەن ليەم ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تېخنىك خادىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت ئورنىدىن ناھايىتى رازى، چۈنكى بۇ ئورۇندا ئۇ نۇرغۇن لايىھە خىزمەتلىرىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت ئۇنى ئۆستۈرۈپ مەمۇرىي خىزمەتكە قويماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ بەكلا رەت قىلىۋەتكۈسى كەلدى.

ئاۋكىمەننىڭ خانىمى ئەيما، شۇ يەردىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، ئۇ يولدىشىنى ئۆسۈش پۇرسىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئەگەر ئاۋكىمەننىڭ ئەمىلى ئۆسسە، پۈتۈن ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلەتتى. بۇنداق بولغاندا، ئۇ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك سايلام رىقابىتىگە قاتنىشالايتتى، بىر يېڭى ماشىنا سېتىۋالغۇدەك ۋە يېڭى جاھازلارنى سېتىۋالغۇدەكمۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولاتتى، ئوغلىغىمۇ بىر يېڭى كىچىك موتسىكلىت ئېلىپ بېرەلەيتتى.

ئاۋكىمەن ھازىرقى خىزمىتىنى ئىشخانىدىكى زېرىكىشلىك خىزمەتكە ئالماشتۇرۇشنى خالىمايتتى. لېكىن ئەيمانىڭ نەسىھەت قىلىشى ۋە جاۋۇلدىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاخىر باش ئەگدى. ئۆسۈپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ئاۋكىمەن ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولدى، دوختۇر ئۇنى ھەرگىز ھاراق ئىچمەڭ دەپ ئەسكەرتتى. ئەيمامۇ ئاۋكىمەننى يېڭى كەلگەن كاتىپ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بار دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى، ھەمدە رەئىسلىك مەرتىۋىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قويدى. ئاۋكىمەننىڭ خىزمەت ۋاقتى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن قىلچە مۇۋەپپەقىيەت ھېسسىياتى يوق ئىدى، شۇڭا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا مىجەزى ئوسال بولۇپ قالغانىدى. تۈگىمەيدىغان ئۆزئارا ئەيىبلەش ۋە ئۇرۇشۇش ئاۋكىمەن ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈۋەتتى.

يەنە بىر ئەكسىچە مىسال مۇنداق. خالىس ئاۋكىمەننىڭ خىزمەتدىشى، ئۇمۇ ليەم ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ مۇنەۋۋەر تېخنىك خادىمى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجايىن ئۇنىمۇ ئۆستۈرمەكچى بولغان. خالىسنىڭ خانىمى لىسا يولدىشىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ ئىشخانىدا ئولتۇرۇشنى، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى چوقۇم خالىمايتتى. لىسا خالىسنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى. شۇڭا خالىس داۋاملىق تېخنىك خادىملىقىنى قىلىپ، ئاشقازان يارىسىنى ئاۋكىمەننىڭ يالغۇز ئىگىدارلىق قىلىشىغا تاپشۇردى. خالىس ئوچۇق-يورۇق مىجەزىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى، مەھەللىدە ئۇ كەڭ دائىرىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى، ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تېخى مەھەللىدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قىلاتتى. ئەگەر قوشنىلىرىنىڭ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالسا چوقۇم ليەم شىركىتىگە ئاپىراتتى، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خالىسنىڭ ئادەتتە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولاتتى. خالىسنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ شىركەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بايلىقى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا، مۇقىم خىزمەت بەرگەن ئىدى ھەمدە ئۇنىڭ مائاشىنى تۈزۈم يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى چەككە ئۆستۈرۈپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خالىس بىر يېڭى ماشىنا سېتىۋالدى، لىساغا يېڭى ئۆي جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئوغلىغىمۇ بىر يېڭى ۋېلىسپىت ۋە كالتەك توپ پەلىيى ئېلىپ بەردى. خالىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر راھەت ۋە بەختلىك تۇرمۇشتا ياشىدى، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بەختلىك نىكاھ تۇرمۇشى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ بەكلا ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلار قولۇم-قوشنىلىرى ئارىسىدا ياخشى ئاتاققا ئىگە بولۇپ، بۇ دەل ئاۋكىمەننىڭ ئايالى ئىنتىزار بولغان غايىۋى تۇرمۇش ئىدى.


ھەربىر دەرىجە سىستېمىسى ئوخشىمىغان دەرىجە ۋە تۈرلەردىن تەركىب تاپىدۇ، سىستېمىدىكى شەخسلەر بولسا ھەرخىل تۈرلەرگە تەۋە بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە تۆۋەندىكىدەك تۆھپىسى بولىدۇ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادە ئۇنى يەنە ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئەسلىدىكى ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان دەرىجىدىن ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئامالسىز بولغان دەرىجىگە ئۆسۈپ چىقىدۇ.

دۇنيادىكى ھەرقانداق خىزمەت، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئادەمگە دۇچ كېلىدۇ. پەقەت يېتەرلىك ۋاقىت ۋە ئۆسۈش پۇرسىتى بولسىلا، بۇنداق ئىقتىدارى يېتەرسىز ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ۋەزىپىگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇ بۇ ۋەزىپىدە «ئورۇندا مارش» قىلىپ، خىزمەتنى مالىماتاڭ قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىسى خىزمەتداشلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن ئورگاننىڭ ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ «ئىقتىدارسىزلىقىغا باقماي خىزمەت ئورنىنى ئىگىلىۋالغان» كىشىلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغان بىر قىلتاققا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ، خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاۋكىمەندەك بولۇپ قالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى