ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەدەنىيەت كوللېكتىپ تەرەققىياتىنىڭ جېنىدۇر

مەدەنىيەت كوللېكتىپ تەرەققىياتىنىڭ جېنىدۇر

ۋاقتى: 2016-01-20 ئاۋاتلىقى: 506 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى 
ئىنتېل شىركىتى 1968-يىلى روبېرت . نويىس (Noyce Robert)، گوردون مور (Moore Gordon) ۋە ئەندىي . گروۋ (Grove Andy) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 1971-يىلى يەر شارىدا تۇنجى بولۇپ مىكرو تېخنىكىسىنى كەشپ قىلىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان، شۇنداقلا دۇنيا تورى ۋە كومپيۇتېر ئىنقىلابىنى قوزغاپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ سانائىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنتېل شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا داڭق چىقىرىپ، دۇنياۋى پەن-تېخنىكا باشلامچىلاردىن بولۇپ قالغان، بۇ شىركەت ھازىر 44 يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار يېتەكلەش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، 100 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىسى بار. 
ئىنتېل شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، شىركەت رەھبەرلىرى خىزمەتچىلەرنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېلاستىكىلىقى بار ئىجرا لايىھەلىرى ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى كىچىكلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ، بۇ جەرياندا تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە يېتەكلەيدۇ. 


ھازىرقى ئىنتېل شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرى مەسئۇلى خۇڭلى 1999-يىلى ئىنتېل شىركىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش تېخنىكا مەسئۇلى بولغانىدى. ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى خىزمەتچىلەرنى تەۋەككۈلچىلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەش ئەندىزىسى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھازىرغىچە چىقىپ كەتمىدى. ئەينى ۋاقىتتا خۇڭلى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيتتى. بىر يىلدىن كېيىن باش تېخنىك ئۇنىڭغا : ‹‹مېنىڭچە سىزنىڭ خىزمەت ۋەزىپىڭىز ئاز بولۇپ قاپتۇ.›› دەيدۇ، خۇڭلى شۇنچە بېرىلىپ ئىشلەۋاتسام قانداق قىلىپ ۋەزىپەم توشمايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئوڭايسىزلانغاندەك بولىدۇ. دىرېكتور جون ئۇنىڭغا: «سىز ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشلەۋاتىسىز، بىراق مەن سىزنىڭ بىر يىل ئىچىدە خاتالىق سادىر قىلغىنىڭىزنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىدىم، بۇنداق بولۇۋېرىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن، چۈنكى سىز پەقەت ئۆزىڭىز بىلىدىغان، ئۆزىڭىز رازى بولىدىغان ئىشلارنىلا قىلىپ كەلدىڭىز، بىرخىللا ئىش تۈرىگە بەنت بولۇپ، باشقا پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدىڭىز، يېڭىلىق يارىتىدىغان پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدىڭىز.» دەپ چۈشەنچە بەردى. 

پەنەسونىكنىڭ قۇرغۇچىسى كونوسۇكى ماتسۇشىتا مۇنداق دېگەن: ‹‹بىر كارخانا ئالدى بىلەن ئادەمنى <ياسىشى>، ئاندىن مەھسۇلات ياسىشى كېرەك. ئادەم <ياساش> بىلەن ماركا يارىتىشنىڭ بىردىنبىر قورالى مەدەنىيەت››. دېمەك، مەدەنىيەت بىر كارخانىنىڭ جېنى، ئۇ كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە كېڭىيىشىنى بەلگىلەيدۇ. 

ئەقلىي يەكۈن: 
كارخانا كارخانا مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كارخانا مەدەنىيەتكە تېخىمۇ موھتاج بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ياراتقىلى بولمايدۇ. كارخانىچىلار كەسىپ ۋە كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆزىگە مۇناسىپ كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشى؛ بىخلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كارخانىلاردا بۇرمىلاپ كىرەلەيدىغان، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان قىزغىنلىق بولۇشى؛ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەردىكى بوشاڭلىق ۋە كارخانىنىڭ پەسىيىشكە يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى