ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش

ۋاقتى: 2015-12-27 ئاۋاتلىقى: 560 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھەم ئۇنىڭ تۈرلىرى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇقۇمى ئەڭ ئاۋۋال Hart قاتارلىق كىشىلەر تەرەپىدىن 1990 يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (1) ئوخشىمىغان ئالىملارنىڭ مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇقۇمىنى ئىپادىلىشى ئوخشىمايدۇ. Tax ۋە Brown مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئېنىقلىمىسىنى مۇنداق كۆرسەتتى: مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىر باشقۇرۇش جەريانى، ئۇ ئاۋۋال مۇلازىمەتتىكى، ئانالىز قىلىش جەريانىدىكى خاتالىقلارنى بايقايدۇ، ئاندىن مىقدارىرى ئانالىزى ئاساسىدا، مۇلازىمەتتىكى كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنى باھالايدۇ ھەم مۇۋاپىق باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ مەسلىنى ھەل قىلىدۇ. (2) باشقا ئالىملار، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بولسا مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى كارخانىلار خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە خاتالىق چىقققان ئەھۋالدا، خېرىدارلارنىڭ قاقشىشى ۋە رازى بولماسلىقىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ياخشىلاش خاراكتېرىدىكى ئىنكاس، دەپ قارايدۇ. مەقسىتى بولسا بۇ خىل ئىنكاس ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكى ۋە ساداقىتىنى قايتىدىن تىكلەشتۇر.

ئېنىقلىمىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىر ئىنكاستۇر، ئۇ كارخانىلار مۇلازىمەتتىكى خاتالىق كۆرۈلگەندە، خېرىدارلارنىڭ رازى بولماسلىقىغا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاس.

مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، ئەڭ مۇنەۋۋەر كارىخانىلارمۇ خاتالىقتىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى: 

بىر تەرەپتىن، مۇلازىمەتنىڭ پەرقى بار، مەھسۇلاتنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبى ۋە سۈپەت سەۋىيەسىنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، چېگراسىنى بېكىتمەك تەسكە چۈشتى. كۆپ ئەھۋال ئاستىدا، مۇلازىمەت جەريانىدا كاپالەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئېنىقسىزلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

يەنە بىر تەرەپتىن مۇلازىمەت ئايرىغىلى بولمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە، يەنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى جەريانى دەل ئېستىمالچىلارنىڭ ئېستىمال مۇلازىمىتى جەريانىدۇر. شۇڭلاشقا، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت جەريانىدىكى خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئېستىمالچىلاردىن يوشۇرۇپ قېلىش تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى مۇلازىمەتلەردە سەۋەنلىك ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ كۆرۈلىشىنى كارخاننىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن، خىزمەتچىلەرنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلى بىر ئۆينى تەڭلا ئىككى ئادەمگە ئىجارە بېرىش دېگەندەك، بەزى مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىك ۋە مەغلۇبىيەت كونتېرول قىلغىلى بولمايدىغان ئامىللار ياكى خېرىدارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ھاۋارايى ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئايروپىلاننىڭ كېچىكىشى ياكى خەت سالغۇچىنىڭ ئادرېسنى خاتا يېزىپ قالغانلىقى تۈپەيلى خەتنىڭ خاتا يەتكۈزىلىپ قېلىشى دېگەندەك، بۇلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.


ئېستىمالچىلارنىڭ كارخانىلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەتكە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىك خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقى ۋە ئاغرىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە ئۇلار رازى بولمىغان ئوبيېكت ئوخشاش بولمىسىمۇ، مەسىلەن ئۆزلىرى ياكى كارخانا دېگەندەك، ئەمما كارخانا چوقۇم «خېرىدارلارنىڭ دائىم توغرا» دېگەن ئويدا بولىشى، خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقى ئاغرىنىشىغا دەل ۋاقتىدا مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىنكاسنى قايتۇرۇشى لازىم. «دەل ۋاقىت» دېگىنىمىز، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش نەق مەيدان ۋە تېز سۈرئەت خاراكتېرىنى ئالغان. نەق مەيدان خاراكتېرلىقى دېگىنىمىز، كارخانا چوقۇم مۇلازىمەتتە خاتالىق كۆرۈلگەن نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. تېز سۈرئەت خاراكترلىقى دېگىنىمىز، كارخانا ئىلاجنىڭ بېرىچە تېز سۈرئەتتە مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى ئېلىپ بېرىپ، مۇلازىمەتتىكى خاتالىقنىڭ ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى، يامراپ كېتىشى ۋە ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى يەنە بىرىنجى قېتىمقى مۇلازىمەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەندىن كىيىن، كارخانا خېرىدارلارنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان، ياخشىلاش خاراكتېرىنى ئالغان ئىككىنجى قېتىملىق مۇلازىمەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئىككىنجى قېتىملىق مۇلازىمەت بىرىنجى قېتىملىق مۇلازىمەت بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، يەنى بىرىنجى مۇلازىمەتنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر. ئەلۋەتتە بىرىنجى قېتىملىق مۇلازىمەت بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ، يەنى ئىككىنجى قېتىملىق مۇلازىمەت بىرىنجى قېتىملىق مۇلازىمەتنىڭ كېڭىيىشى ياكى ئۆزگىرىشىدۇر. مەسىلەن، پارچە ساتىدىغان كارخانا مەھسۇلاتتىن رازى بولمىغان خېرىدارلارنى شەرىتسىز مەھسۇلاتنى ئالماشتۇرۇش ياكى مەھسۇلاتنى قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى