ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك توختامىنى «ئاخىرلاشتۇرۇش» بىلەن «بىكار قىلىش» ئوخشاشمۇ؟

ئەمگەك توختامىنى «ئاخىرلاشتۇرۇش» بىلەن «بىكار قىلىش» ئوخشاشمۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەك توختامىنى «ئاخىرلاشتۇرۇش» بىلەن «بىكار قىلىش» ئوخشاشمۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ئىككى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان قانۇنى ئۇقۇم.

ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ئەمگەك توختامى تۈزگەندىن كېيىن، تېخى تولۇق ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، مەلۇم سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىدىكى بىر ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى يوق قىلىش قانۇنىي قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش ۋە كېلىشىم بويىچە بىكار قىلىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

 

ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بولسا، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇش ياكى باشقا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ئەھۋالنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئەمگەك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بويىچىلا بولىدۇ، كېلىشىم شەرتى بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا، كېلىشكەن بولسىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى