ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز نېمىشقا داڭق چىقىرالمايدۇ؟

يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز نېمىشقا داڭق چىقىرالمايدۇ؟

ۋاقتى: 2015-04-10 ئاۋاتلىقى: 927 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز نېمىشقا داڭق چىقىرالمايدۇ؟
بىلگىيار ياسىن
ئوغلانى يوللانمىسى



بىز بىر قانچىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە سۆزلەشكەن چېغىمىزدا يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزدىكى سىر ھېكمەت، تەم قۇۋۋەت ھەققىدە ئىپتىخارلىق ئىلكىدىكى باھالارنى بېرىمىز. ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ كاتتىلىقى ھەققىدە تەرىپ-تەھسىنلەرنى ئوقۇيمىز. بازار ئارىلىغان چېغىمىزدا پولۇ، مانتا، كاۋاپلىرىمىز. . . ھىدىغا مەستانە بولۇپ تاڭلاي چىكىمىز. ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ تارىخى سەلتەنىتى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن ئىلمىي ئەسەرلىرىمىزدىمۇ قالتىس ئىلمىي قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بىزنى قايىل قىلىدۇ. 
دەرۋەقە، ئۇيغۇر تائاملىرى تائاملارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق. 
بىراق بىر قانچە قېتىملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قىلغان سەپىرىمدىن كېيىن تائاملىرىمىز ھەققىدە ئارتۇقچە مەمەدان پىكىردە بولغانلىقىمنى، بىز ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن تائاملىرىمىزنىڭ ھەممە تائاملارنى تاپقىلى بولىدىغان ئاشۇ كاتتا شەھەرلەردە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەن ئالدىم. بىز ئانچە نەزىرىمىزگە ئېلىپ كەتمەيدىغان، يا تەمدە، يا رەڭدە يوق تائاملارنىڭ قالتىس شۆھرەت تېپىپ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە داۋراڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىزنىڭ تائاملىرىمىز مەن كۆرگەن يەردە يوقمۇ ئەمەس، ھەر ھالدا ئىزدىسە بىر قانچە ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما كۆلەملەشكەن، زەنجىرسىمان باغلانغان، ھەممە يەردە شۇنىڭ ئىشى، ھەممە يەردە شۇنىڭ داۋرىڭى دېگەندەك دەرىجىدە ئەمەس. 
بۇرۇن ئاشخانىلىرىمىزنى بىزەشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتتۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ رېستۇرانلىرىمىز كۆپەيدى. رېستۇرانلارنى زىننەتلەش بىر مەزگىل قالتىس مودا بولدى. ھەشەمەتلىك رېستۇرانلار كۆزلەرنى ئالاچەكمەن قىلدى. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بېزىلىشى ئىنتايىن كۆركەم ئاشخانىلىرىمىزمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى. بۇ ئاشخانىلار قويۇق ئۇيغۇر مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا بېزىلىپلا قالماي يەنە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشىدىكى ھەرقايسى ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۈتكۈل ئاشخانا نەپىس سەنئەت بويۇمىغا ئايلاندۇرۇلدى. ئاشخانىلىرىمىزدىن ئېسىللىق، مەردانىلىق، دۆلەتمەنلەرچە سالاپەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى. مۇشۇنداق ئاشخانىلىرىمىزنىڭ يارقىن مىسالى سۈپتىدە «ماي گۈلى» زەنجىرسىمان يېمەك-ئىچمەك تىلغا ئېلىش تامامەن مومكىن. دېمەك، بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز ئۇزاق ئەنئەنىگە، مول ئوزۇقلۇق قىممىتى، نۇرۇغۇن تۈرلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئاشخانا بىزەشتىمۇ ئەنئەنىۋى مىمارچىلىق ئەندىزىلىرىمىز بار. يىغىپ ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى دۇنيانىڭ قەيەرىگىلا ئاپارسا، مىللى خاسلىقى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلمىيلىكى بىلەن بازار تاپالىشى مومكىن. 
ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ كۆلەملىشىشى، ئەل ئىچىدىكى شۆھرىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. 
سەۋەب زادى نەدە؟ 
مۇئەللىپنىڭ كۆزىتىشى ۋە ماتېرىياللاردىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بىزدىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تاق يۆنىلىشلىك تىجارەت قىلىدۇ. بۇ خىل تىجارەتتە كۆلەملىشىش مەقسدىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن داڭلىق ماركا بولۇشتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى زەنجىرسىمان يېمەك-ئىچمەك شىركەتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما كۈتكەن تەلەپتىن تېخى كۆپ يىراق. يەنە بىر موھىم مەسىلە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپ قىسىم خوجايىنلارنىڭ داڭلىق ماركا ئېڭى تۆۋەن. تەشۋىقات، ئېلانغا ئېتبار قىلمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىغا شۈكرى قىلىپ داڭلىق ماركا يارىتىش يولىدا ئىزدەنمەيدۇ. 
ھازىر «ماي گۈلى»گە ئوخشاش رايونىمىزدا نام چىقارغان يېمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بىر قانچىسى بار. بىراق مۇشۇنداق نامى بار دېيىلگەن ئاشخانىلىرىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى نام-شۆھرىتى قانداق؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە ئىپتىخارلىق بايانلارنى قىلىشتا ناقىسلىق قىلىمىز. 
ئىچكىرىگە قىلىنغان بىر قانچە قېتىملىق سەپەر جەريانىدا «لەنجۇ ئۈگرىسى» نامىدىكى ئۈگرىنىڭ ھەممە يەرگە كەڭ تارقالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لەنجۇ ئۈگرىسىنىڭ بۇنداق كەڭ تارقىلىشىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ناھايىتى كۈچلۈك رول ئويناپتۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ، تۈر بىلەن ياردەم قىلغاندىن باشقا تەشۋىقات سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ لەنجۇ ئۈگرىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپتۇ. بىزنىڭمۇ ناھايىتى مەززىلىك ئۈگرىمىز بار. ئۇنى تېتىغان ھەرقانداق ئادەم بىر ئېغىزدىن ماختىماي قالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ھېكايىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم: بىر قانچە چەتئەللىك قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سۇيۇق-سەلەڭ تاماق يېگۈسى كەلگەن ئىكەن، ساياھەت يېتەكچىسى بولغان ئۇيغۇر يىگىت ئۇلارنى باشلاپ چەترەك بىر يەرگە جايلاشقان، كۆرۈمسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە كىچىك، بىر ئۈگرىخانىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئاشخانىغا مەنسىتمەسلىك بىلەن نەزەر سېلىپ، ساياھەت يېتەكچىسى بولغان يىگىتكە نارازى بولغاندەك قارىشىپتۇ. ساياھەت يېتەكچىسى ئۈگرە بۇيرۇتۇپتۇ. چەت ئەللىكلەر ئۈگرىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپتۇ. «دۇنيا بويىچە ئەڭ تەملىك. ئۈگرىنى ئەڭ كىچىك، ئەڭ كۆرۈمسىز بىر ئاشخانىدا ئۇچراتتۇق.» دېيىشىپتۇ ئۇلار. دېمەك، بىزنىڭ ئۈگرىمۇ ھېچقانداق ئۈگرىدىن قېلىشمايدۇ. ھەتتا ھەرقانداق ئۈگرىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، لەنجۇ ئۈگرىسىدەك داڭقى، شۆھرىتى يوق. بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولسىڭىز لەنجۇ ئۈگرىسى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ بېشى سۈپتىدە ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. ماركا نامىمۇ مەملىكەت بويىچە ئوخشاش، مانا بۇ تەشۋىقاتنىڭ، كۆلەملىشىشنىڭ كۈچى. 
بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساھەيىمىزدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر تەشۋىقات بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما تەشۋىقاتنىڭ سالمىقى يېتەرلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، كەڭ دائىرىلىك، مەزمۇنلۇق تۈس ئالالمىدى. بىرەر ئاشخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېلېۋېزىيە ياكى گېزىتتە قىسقا ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن ئىش تامام ۋەسسالام بولۇۋاتىدۇ. 
يېمەك-ئىچمەكمۇ نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ، بىر رايوننىڭ مۇھىم مەدەنيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى. يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ سىرتقا كېڭىيەلىشى ئەمەلىيەتتە مەدەنيەتنىڭ كېڭىيىشى، تونۇشتۇرۇلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مىللىي يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرشىمىز لازىم. ھازىر ھۆكۈمەتمۇ مىللىي يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. بىزنىڭ مانتا، پولۇ، لەغمەن كاۋاپ. . . لىرىمىز ناھايىتى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمدى گەپ كونا قاراشلاردىن ئازاد بولۇپ يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنى بىر كارخانا سۈپتىدە باشقۇرۇپ تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ جاھانغا تونۇتۇش كېرەك. 
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم داڭق قازانغان يېمەك-ئىچمەكلەرمۇ تۈرلۈك خىزمەتنى مۇكەممەل ئىشلىگەندىن باشقا تەشۋىقاتنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. داڭلىق مەھسۇلات تەشۋىقاتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى ۋە تۇتاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش جەھەتتە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى داڭلىق مەھسۇلاتى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە زەنجىرسىمان ئاپپاراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك تىجارەت شەكلى ئىلگىرىكى كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى گەۋدىلىك يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان چوڭ ساراي تۈسىنى ئالغان تىجارەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. 
شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى سىرتقا يۈزلەندۈرىمىز، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا روناق تاپقۇزىمىز، دەيدىكەنمىز، تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ئۇنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ، داڭلىق مەھسۇلات تەشۋىقاتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. 
ھازىر شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە ئەسلىدىنلا چەكلىمىلىك مەۋجۇت. شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىي تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى؛ يەنە بىرى، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى چۈشىنىدىغانلار ئىنتايىن ئاز؛ ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ رېستوران، ئاشخانا كەسپىگە بولغان قارىشىمىز دېگەندەك ئاكتىپ ئەمەس، ئاشخانا مۇلازىملىقىنى تاللايدىغانلار ناھايىتى ئاز، يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيا قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسى يېمەك-ئىچمەك كەسپىي تەرەققىياتىغا قىسمەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ئامىلدىن باشقا يېمەك ئىچمەكلىرىمىز ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلەرگىمۇ ئىگە. بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ خام-ئەشيالىرى تەبئىي ئۆسكەن ماتېرىياللارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئورگانىك يېمەكلىكلەر، قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىرىدىن تۈزۈلگەن؛ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەبئىي يېمەكلىكلەردىن بەھرلىنىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى بىرخىل ئىنتىلىشىدىن ئىبارەت. 
شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، شۇڭا بۇنداق چەت، يىراق رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قانداق كۈچەيتىش موھىم بىر مەسىلە. 
يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە بىزنىڭ ئاشپەزلىرىمىز خېلى كۆپ ماكانلىشىپ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىرتقا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتتى. ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەر يىلى ئاشپەزلەرگە مۇھتاج بولىدىكەن. بۇ بىر پۇرسەت شۇنداقلا چوڭ بازار ھېسابلىنىدۇ، بۇخىل ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى جانلاندۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى چەتئەل بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش دەۋرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ داڭلىق ئوبرازىنى تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، شۇنداقلا نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج. ئلاقىدار فونكىسىيەلىك تارماقلار ئۈزۈپ چىققان كارخانىلاردىن باج ئېلىش جەھەتتە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى قوللىنىش كېرەك، باشقا جەھەتلەردە قىسمەن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىىقىنى قوزغاش كېرەك. 
باشتا دەپ ئۆتكەندەك، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز مەدەنىيەت بەلگىلىرىمىزنىڭ بىرى. ھەركىمنىڭ تىلىدا قالغۇدەك تەم قىممەتكە ئىگە تائاملىرىمىز تائاملار ئەنجۈمەنىدە تۆردىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ تۆردىن ئورۇن ئېلىش-ئالالماسلىقى يەنىلا مۇشۇ ساھەدە تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ ئىدىيەسىگە، تىرىشچانلىقىغا، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىش روھىغا باغلىق. 
  
 مەنبە:  شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2012-11-سانىدىن ئەسەر ئاپتورى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتنىڭ رۇخسىتى بىلەن باغداش مۇنبىرىگە يوللاندى. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى