ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تور سودىگىرىنىڭ 10 يىلى: قىل-قان تومۇردىن ئىقتىساد ئارتېرىيەسىگىچە

تور سودىگىرىنىڭ 10 يىلى: قىل-قان تومۇردىن ئىقتىساد ئارتېرىيەسىگىچە

ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئون يىل بۇرۇن تاۋباۋ (淘宝) بارلىققا كەلدى، شۇندىن باشلاپ ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىنتېرنېت تورىدا «يەككە تىجارەتچى» بولۇشقا باشلىدى، بىر يىلدىن كېيىن «تور سودىگىرى (网商)» دېگەن بۇ نام پەيدا بولدى؛ ئون يىلدىن كېيىن، تور سودىگىرى، «تاۋباۋ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بۇ دەۋرنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ توردىن سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ كۆلىمى بىر تىرىليوندىن ئاشتى. 2012-يىلى 9-قېتىملىق تور سودىگىرى چوڭ يىغىنىدا، ما يۈن (马云) قاتارلىق چوڭ سودىگەرلەر بىر مەسىلىنى ئويلاندى، يەنى تور سودىگەرلىكىنىڭ كېيىنكى باشلىنىش نۇقتىسى قەيەردە؟
 

بەلكىم بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئالاقە دۇنياسىدا زاكاسلاشتۇرۇلغان بىر دەۋر ئېچىلىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقتىدا، بازار «تورتى» قانچە چوڭ بولسا، «كىچىك ھەم گۈزەل» نەرسىلەر ئەكسىچە شۇنچىلىك بايلىق يارىتالايدۇ.
 
 ئون يىلدا جۇغلىنىش ۋە بىر سەھەردە پارچىلىنىش
بۇ ئون يىلدا، «تور سودىگىرى» قىل-قان تومۇرىدىن ئىقتىساد ئارتېرېيەسىگە ئۆزگەرگەن.
ئەمەلىيەتتە، تور سودىگىرى دېگەن بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى توپتوغرا بىر يىل كېچىكىپ كەتكەن.  2003-يىلىلا ئامېرىكا «eBay» شىركىتى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ يىچۈ (易趣) شىركىتىنىڭ %33 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ جۇڭگوغا ئەگرى سىزىق بويىچە كىرىپ كەلگەن. 2003-يىلى تاۋباۋ (淘宝) مەيدانغا كەلدى ـــ جۈرئەت قىلالىغانلار ئىنتېرنېتتا «يەككە تىجارەتچى» بولۇشقا باشلىدى-دە، سېتىۋېلىپ ساتتى. ئەمما ئادەم سانى ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن ئەينى چاغدا جەمئىيەتتە ئانچە دىققەت  ئېتىبار قوزغىيالمىدى.
بىر يىلدىن كېيىن ئەلى بابا شىركىتى بۇ توپقا «تور سودىگىرى» دەپ نام ۋە مەۋقە بەردى. شۇندىن كېيىن «C2C» (شەخستىن شەخسكە) نى سودا شەكلى قىلغان تاۋباۋ تورىدا بىر قىسىم تاۋباۋداشلار ئىستېمالچىدىن تاۋباۋدا ساتقۇچىغا ئايلىنىشقا باشلىدى، تاۋار مال ئەسلىدىكى نىمكەش سودىنى ئاساس قىلغاندىن يېڭى تاۋار ماللارنىڭ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇشى بىلەن تور سودىگەرلەر توپى ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىدى.
ئېلېكترون سودا ساھەسىدە ئۇلار بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنىڭ قىل قان تومۇرلىرىدەك ئوتتۇرا كىچىك كارخانا، كىچىك مىكرو تىپتىكى كارخانا بولۇپ قالدى.
 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، ئەمەلىيەتتىكى پۇقراۋىي كارخانىغا ئوخشاش، تور سودىگەرلىرى چەتلىشىشتىن ئاساسىي ئېقىمغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. «باش كۆتۈرۈش ــ ئېكولوگىيەلىشىش ــ جەمىئىيەتلىشىش (ئىجتىمائىيلىشىش) ــ ئېكولوگىيەلىك بۆلۈنۈش» قاتارلىق جەريانلاردىن كېيىن، 2010-يىلى «تور سودىگىرى» ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە، جۇڭگودىكى تور سودىگەرلىرىنىڭ سانى 83 مىليوندىن ئېشىپ، تور ئىستېمالچىلىرىنىڭ سانى 214 مىليوندىن ئاشتى.
#p#
چوڭىيىپلا قالماي، ماركىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش
 بۇ ئون يىلدا كۆپلىگەن تور سودىگەرلىرى چوڭىيىشنى ئالدىنقى شەرت، ماركىنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
 مىڭيۈەن (名媛) كورىيەنىڭ گۈزەل، نەپىس مەھسۇلاتىنى ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان تاۋباۋ ئايالچە كىيىم-كېچەكلىرى دۇكىنى بولۇپ تەخمىنەن 25-35 ياشلاردىكى كىچىك بۇرژۇئازىيە ئاياللىرىنى نىشان قىلاتتى. نۇرغۇن قۇرۇق قول ئىش باشلىغان تاۋباۋ ئايالچە كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىغا ئوخشاش، مىڭيۈەنمۇ ئەڭ دەسلەپتە پەقەتلا بىر خۇسۇسىي دۇكان بولۇپ، ۋاكالەتچىلىك قىلىش، بازاردىن مال ئېلىش قاتارلىق تەرەققىيات جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 2009-يىلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شۇنىڭدىن باشلاپ ماركا يارىتىشقا، كوللېكتىپلاشقان تىجارەت قىلىشقا باشلىغان. 2011-يىلى 3-ئايدا، دۇكان مىڭيۈەن (名媛) دېگەن ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرغان.
 بۇ ئۆزگىرىش دەرھال ئۈنۈم بېرىپ، 2011-يىلى پۈتۈن يىللىق سېتىش مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن ئاشقان. «ھازىر بىزنىڭ ماتېرىيالىمىزنىڭ ھەممىسى كورىيە بازىرىدىن كىرگۈزۈلىدۇ، قوشۇمچە ماتېرىيال دۆلەت سىرتى ۋە ئىچىدىكى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇكان مەھسۇلات ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ %100 لىك مەھسۇلات لايىھەلەپ ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» دەيدۇ مەسئۇل خادىم.
 مىڭيۈەن دۇكىنىغا ئوخشاش تاۋباۋ ئايالچە كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، تاۋباۋ كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ ئالدىنقى 10 نىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەسلى ئىجاد قىلىنغان ماركا تەرىپىدىن ئىگىلەندى، ئەسلى ئىجادنىڭ كۈچى پۈتۈن تاۋباۋ ئايالچە كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ %40 كۈچىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز بولمىغان خاسلاشقان تور تاۋار ماركىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 100 يىلدىن 3 يىلغا قىسقاردى.
#p#
«تاۋ قىز»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى
بۇ 10 يىل خۇددى چەمبەر مەركىزىگە ئوخشاش تور سودىگىرىدە تۇغۇندى كەسىپلەر باشلىنىشقا باشلىدى.
مەسىلەن، «تاۋ قىز» ـــ «تور سودىگىرى»دىن پەيدا بولغان مودىل توپنىڭ گەرچە ئېگىز بويى، گۈزەل ھۆسن جامالى بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى ئىنتايىن كۆپ پۇل تاپالايدۇ. تاۋباۋ تورى ئاستىدىكى تور مودېلى سۇپىسى سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ سۇپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1.1 مىلياردتىن ئاشقان بولۇپ، شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 35 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. تاۋ قىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى كۈنلۈك كىرىمى 50 مىڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاستىچىسى بار. «تاۋ قىز» پەقەتلا جۇڭگو توردىن سېتىۋېلىش ساھەسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. توردىن سېتىۋېلىش بولمىغان بولسا «تېز يەتكۈزۈش» ساھەسى يەنىلا تاشپاقا سۈرئىتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسلىھەت بېرىش شىركىتى، ئېلان بازارشۇناسلىقى، ئېلېكترون سودا تەربىيەسى، ئۇچۇر-تېخنىكا تاشقى پىرېۋوتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ توردىن سېتىۋېلىشى بىلەن زورايغان.
ئەلى بابا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو ئېلېكترون سودا مۇلازىمەت كارخانىسى 150 مىڭدىن ئاشقان؛ ئېلېكترون سودا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كىرىمى 120 مىلياردقا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە 2015-يىلىغىچە سانائەت سودا كىرىمى 100 مىلياردتىن ئاشىدىكەن، سودا كۆلىمى 1300 مىلياردتىن ئاشىدىغان ئېلېكترون سودىسىنى يۆلىيەلەيدىكەن.
ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىڭ لىيەن (吴敬琏)نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر مۇلازىمەت كەسپى سودىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسى بولسا، ئۇنداقتا، ئېلېكترون سودا مۇلازىمەت كەسپى مۇھىم يېڭى ئاساسىي مۇئەسسەسە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاساسىي مۇئەسسەسەنىڭ ئىچىدىكى «تۈگۈن» ھېسابلىنىدىكەن. ئېلېكترون سودا مۇلازىمەت كەسپى ئۇچۇر ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر شارىدىكى ئىلغار ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە ئايلانماقتا، جۇڭگو دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار بولغان ئېلېكترون سودا مۇلازىمەت كەسپىگە ئىگە بولغۇسى.
كېيىنكى ئون يىل
كېيىنكى ئون يىل قەيەردە؟
«بىر كۈنى كەچ سائەت 10:00 دا مەن توردىن نەرسە سېتىۋالغانىدىم، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا نەرسە ئۆيگە كېلىپ بولدى، ئايالىم ئىنتايىن ھەيران قالدى: ئاھ خۇدا، نېمانچە تېز! ناھايىتى زور ئىستېمالچىلار سانى، ئەرزان ھەم ئەپچىل ئەشيا ئوبوروتى، جۇڭگونىڭ ئېلېكترون سودىسى ئامېرىكىدىن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە.» يىبو سودا شىركىتى (ExportNow)نىڭ ئالىي تىجارەت باش تەپتىشى رون(Ron): «جۇڭگونىڭ ئېلېكترون سودا كەسپىنىڭ ھەر يىللىق سودا كېلىشىش مىقدارى يۈز مىلياردتىن ئاشىدۇ، گەرچە بۇ كەسىپتە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن پۇرسەت بار. بولۇپمۇ يان تېلېفوندا پۇل تۆلەش جەھەتتىكى بۆسۈش جەھەتتە، جۇڭگودا بىر ئادەمنىڭ نەچچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى بولۇشى مۇمكىن، تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئامېرىكىدىن تېز.» دەيدۇ.
#p#
مانا بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى تور سودىگىرىنىڭ كەلگۈسى. يۇقىرىدا دېيىلگەن يىبو سودا شىركىتى (ExportNow) بۇ يىل ئەلى بابانىڭ تىيەنماۋ (天猫) سودا شەھەرچىسىدە مېيلىكې (美立客) ئىسىملىك دۇكان ئاچتى، ئۇنىڭ «پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىنى» بولسا ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ئالدىنقى مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانكلاۋىن (Franklavin). جۇڭگو تور بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېشىشى چەتئەللىكلەرنى جەلپ قىلماقتا.
ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى لىياڭ چۇنشىياۋ (梁春晓) مۇنداق دەيدۇ: «خاسلاشقان زاكاس قىلىش دەۋرى تەدرىجىي ھالدا مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.» ئەلۋەتتە كەلگۈسى بولسا «كىچىك گۈزەل» بولغان دەۋردۇر، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار پەيدا بولدى، بۇلۇت ھېسابلاش پەيدا بولدى ۋە گۈللەندى، تېخنىكا چوڭ ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
ئاخىرقى سۆز
ما يۈن: كەلگۈسىدە كارخانىنىڭ «كىچىك» ۋە «ياخشى» بولۇشى تېخىمۇ ھالقىلىق تېخىمۇ جانلىق
2003-يىلى تور سودىگىرى چوڭ يىغىنىنى ئويلىشىشقا باشلىغاندا پۈتۈن تاۋباۋنىڭ سودىسى 100 مىليونغىمۇ يەتمەيتتى، بۇ يىل تاۋباۋنىڭ سودىسى 100 مىلياردتىن ئاشتى، ئۆزگىرىش 10 مىڭ ھەسسە بولغان. تور سودىگىرى ئەسلىدىكى بىر ئاتالغۇدىن بۈگۈنگىچە ئۆزگىرىپ، جۇڭگوغا تەسىر قىلىپ كەلمەكتە.
ھازىرقى دەۋردە مەن تور سودىگىرىنىڭ كۈچىنى كۆردۈم، ياشلارنىڭ كۈچىنى كۆردۈم. 80-يىلنىڭ بالىلىرى، 90-يىلنىڭ بالىلىرىنىڭ قۇدرىتىنى كۆردۈم. ئادەملەر ئۆز-ئارا يۈز كۆرۈشمەيمۇ 100 مىليارد يۈەنلىك سودا قىلالايدىغان بولدى. ھەر كۈنى ئىشەنچكە تايىنىپلا 15 مىليونلۇق سودا قىلغىلى بولىدۇ. مەن ئىشەنچنىڭ كۈچىنى كۆردۈم، %70 تور سودىگىرى ھەقسىز بارلىق سۈپەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرۇۋېتىشنى خالايدۇ، بۇمۇ ئىشەنچنىڭ كۈچى. بىز ئىشىنىمىزكى، ئەڭ كىلاسسىك سۆز شۇ «جېنىم» دۇر.
#p#
ئىشەنچتىن باشقا يەنە ئىجادچانلىق بولۇشى كېرەك. تور سودىگىرى بەلكىم بېنز ماشىنىسى (Benz奔驰汽车) سېتىۋالالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىككى يىگىت توردىن زاپچاس سېتىۋېلىپ لەمبورجىنى (兰博基尼Lamborghini) ياساپ چىققان.
يەنە رومانتىكلىق بولۇشى كېرەك. سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگودا قىز دوستىغا سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى ئەڭ كۆپ سوۋغا قىلىدىغان جاي  شىنجاڭ ئىكەن. ئۇلار ھامان بىر كۈنى دېڭىز بويىغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھەر قانچە ھارسىمۇ بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئۈمىد بېغىشلاش ناھايىتى بەختلىك ئىشتۇر.
كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا بىز ئېلېكترون سودىسىنىڭ بىر نەچچە مۇھىم يۆنىلىشىنى نۇقتىلىق تۇتىمىز، بىرىنچى، كىچىك دېمەك گۈزەل دېمەكتۇر (Smallis beautiful). نەچچە يىل بۇرۇن مەن ياپونىيەدىكى بىر كىچىككىنە دۇكانغا بارغانىدىم، ئىشىك ئالدىدىكى تاختايغا بۇ دۇكان قۇرۇلغىلى 147 يىل بولدى دەپ يېزىلغانىكەن، كىرىپ قارىسام ئۇ بىر تورت دۇكىنى بولۇپ ئەر-ئايال ئىككىسى ۋە بىر بالىسى بار ئىكەن. دۇكاندار پادىشاھمۇ بىزنىڭ تورتىمىزنى سېتىۋالغان دەپ ئېيتتى. كەلگۈسى كارخانا «كىچىك» ۋە «ياخشى» بولۇش تېخىمۇ ھالقىلىق تېخىمۇ جانلىق رول ئوينايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئومۇميۈزلۈك «قوش مىليون» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق: پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر مىليون يىللىق سودا ئوبوروتى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان تور دۇكىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش؛ يۇمشاقلاشقان زاكاس قىلىش، ھەقىقىي خاسلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش، كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە جەمئىيەتنىڭ مۇقەررەر يۆنىلىشى بولىدۇ؛ ئىستېمالچىلار بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاناسىپىنى ئورنىتىش كېرەك.
كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەلى بابا گۇرۇھى ئۆزى بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا يۈزلىنىشتىن تور سودىگەرلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارغا يۈزلىنىشىنى قوللاشقا ئۆزگىرىپ، تور سودىگەرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ۋاسىتە بىلەن ئىستېمالچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغۇزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەمىمىي تور سودىگەرلىرىنى بېيىتىپ، پۇل مۇئامىلە، سانلىق مەلۇمات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەگەر ھەر بىر كارخانىغا بىردىن GPS ئورنىتىلسا، ھەر بىر كېمىگە بىردىن رادار ئورنىتىلسا، دېڭىزغا چىققاندا تېخىمۇ ئىشەنچ بولىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاخىرىدا بىر جۈملە: سۇپا، پۇل مۇئامىلە، سانلىق مەلۇمات.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى