ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

«ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «تەن ساقلىق-زور بايلىق» بۇ يەردە!

 

«ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

 

بايا مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئېلىپ تونۇشتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار مەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بېسىم ھېس قىلىشىدۇ. بەزىلەر: «ئىشقا چىقىدىغانلار ئىچىدە بېسىم ھېس قىلمايدىغانلار يوق» دېيشىدۇ. بۇنداق دېيىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بېسىم ئاستىدا تۇرۇپمۇ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بېسىم ئاستىدا پەيدا بولىدىغان بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامىتىنى مىسال كەلتۈردۈم، ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ!


[بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى]
1. ئىشقا بارغۇسى كەلمەسلىك؛
2. گەپ قىلىشنى خالىماسلىق؛
3. تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك؛
4. ئۆزىنىڭ ھەۋەسلىرىگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىش؛
5. دائىم قۇلىقى غوڭۇلداش؛
6. بىر تۈز سىزىقنى بويلاپ مېڭىشنى سىناپ باققان بولسىمۇ ماڭالماسلىق؛
7. كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىش؛
8. دائىم مەيۈس ھالەتتە تۇرۇش؛
9. نېمە ئۈچۈن دائىم بېشىنى ئېغىر ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەسلىك؛
10. ئۆزىنى ياساپ – جابدۇپ يۈرۈشكە قىزىقماسلىق (ئاياللار)؛
11. داۋاملىق ئەندىشە قىلىش تۇيغۇسىدا بولۇش؛
12. ئاغرىپ قالدىممۇ نېمە دەپ تولا گۇمانلىنىش؛
13. ئورۇنسىز غەم – ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىش؛
14. ھاراق ئىچكۈسى كېلىش؛
15. قولىدىن تاماكا چۈشمەسلىك؛
16. ئاغزىنىڭ پۇرايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش؛
17. كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ تۇتقۇچ ھالقىسىنى پاسكىنا دەپ تۇتماسلىق؛
18. ئىختىيارسىز قول يۇيغۇسى كېلىش؛
19. ئۇخلىيالماسلىق (ئۇيقۇسى قېچىش)؛
20. باشقىلارنىڭ كۆزىگە بەك دىققەت قىلىش.


مەن 20 خىلچە كېسەللىك ئالامىتىنى مىسال قىلدىم، تىلغا ئېلىنماي قالغانلىرى يەنە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز مۇشۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئالامىتىڭىزگە ماس كېلىدىغانلىرىنى بايقىسىڭىز، ئۇ چاغدا بېسىم ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولىسىز. لېكىن، ئىشقا بارغاندا بېسىم ھېس قىلىشمۇ ناھايىتى تەبىئىي ئىش، سىزدە يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغاندىمۇ، بەك ئەنسىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. مەيلى سىز بېسىم ھېس قىلىڭ ياكى قىلماڭ، بىر قانچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى