ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4R بازارشۇناسلىق مەشغۇلاتىدىكى مۇھىم نۇقتا

4R بازارشۇناسلىق مەشغۇلاتىدىكى مۇھىم نۇقتا

ۋاقتى: 2015-06-06 ئاۋاتلىقى: 379 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. خېرىدار بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش
كارخانا چوقۇم بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئارقىلىق تىجارەت، ئېھتىياج قاتارلىقلاردا خېرىدار بىلەن باغلىنىش ئورنىتىپ، بىرخىل ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان، ئۆز-ئارا ئىزىدىشىدىغان، ئۆز-ئارا تايىنىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانا بىلەن خېرىدارنى بىردەكلەشتۈرۈپ، خېرىدارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىشى، شۇ ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇقىم بولغان بازارنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. 
2. بازارغا نىسبەتەن ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرۈش
كۆپىنچە شىركەت خېرىدارغا سۆزلەشكە مايىل بولسىمۇ، بىراق دائىم زەن قويۇپ ئاڭلاشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ. ئۆز-ئارا سىڭىپ كىرىپ، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان بازاردا، كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئەمەلىي بولغان مەسىلە  قانداق ئورنىتىش، پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە تىزگىنلەش بولماستىن بەلكى قانداق قىلىپ دەل ۋاقتىدا خېرىدارنىڭ ئۈمىدى، ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئاڭلاش، ھەمدە خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش بولۇپ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بازار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 
3. خېرىدار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش
4R بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە، بۈگۈنكى كۈندە بازار ئىگىلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خېرىدار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش دەپ قارىلىپ، سودىنى بىرخىل مەسئۇلىيەتكە ئۆزگەرتىپ، خېرىدار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا باشلىغان. ھالبۇكى ئالاقە بولسا بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. 
4. ئىنكاس قايتۇرۇش بولسا بازارشۇناسلىقىنىڭ مەنبەسى
بازارشۇناسلىقنىڭ نىشانى چوقۇم مەھسۇلاتقا ۋە كارخانا تىجارەت داۋامىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش سەۋەبىدىن، كارخانا خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، خېرىدار ئۈچۈن قىممەت يارىتىشى، زۆرۈرىيىتى يوق ئىشىنى قىلماسلىقى كېرەك. بىرتەرەپتىن، ئىنكاس قايتۇرۇش بازار مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم شەرت؛يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىش بازارشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بازارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىممىتى بولسا كارخانىغا قىسقا ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك كىرىم ئېلىپ كىرىش ئىقتىدارنىڭ بار يوقلۇقىدا. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى