ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ

«ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 429 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئاددىي تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ» بۇ يەردە!

 

 «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ

 

ئالدىراشچىلىق ئۆلچەملىك تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىپ قالغاندەك، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بەك ئالدىراشلىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بىر – بىرىدىن ئەھۋال سوراش تىلىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ قېلىپتا ئۆزگىرىپ: «يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دەپ سورىسا، «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم!» دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر مەن مۇشۇ تېما ئۈستىدە يېزىۋاتىمەن.


ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، كۆپ ھاللاردا مەنمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مۇشۇ سەۋەنلىكنى ئۆتكۈزىمەن، ئەمما مەن بۇ مەسىلىگە بارغانسېرى دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. مەركىزىي نۇقتىنى بارغانسېرى شۇ ئالدىراشچىلىققا مەركەزلەشتۈرەي دەيمەن — نەتىجە مەن كۈتكەن يەردىن چىقسا مەيلىغۇ!
بىز باشقىلارغا «مەنمۇ سىزدەك ئالدىراش» دەپ ئېيتقاندا، بىر – بىرىمىزگە تەسەللى بەرگەندەك بولىمىز. تۈنۈگۈن كەچقۇرۇش ئىشخانىدىن ئۆيگە قايتىش يولۇمدا مىلىچ ماللار دۇكىنىغا نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى كىرىپ، ئىككى دوستنىڭ يۈز كۆرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ قالدىم. بىرىنچى كىشى: «ھوي، تيەن زوجۈن! يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، تيەن زوجۈن ئۇھ تارتىپ: «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم، سىزچۇ؟» دېدى. ئۇنىڭ دوستى بولسا: «شۇنداقمۇ، مەنمۇ پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپتىمەن، يېقىندىن بۇيان خىزمەتلىرىم بەك جاپالىق بولۇپ كەتتى!» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ، ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۇچراشقاندا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان دىئالوگ. چۈنكى، بىز راستتىنلا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. شۇ خۇسۇستىن بەزى كىشىلەر ئەگەر ئۆزىنى ئالدىراش دەپ ھېسابلىمىسا، بۇ جەمئىيەتتە تازا قىممىتى يوقتەك قارايدۇ، بەزى كىشىلەر تېخى «قېنى قايسىمىز ئالدىراش» دەپ بەسلىشىدۇ. مەسىلە بۇ خىل ئالدىراش روھىي ھالەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي مۇقامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدا. بىزنىڭ ئۆزئارا تەكىتلەيدىغىنىمىز، تۇرمۇشتا قانچىلىك بېسىمنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، ھالبۇكى، تۇرمۇش دېگەن شۇقەدەر جاپالىق ۋە مۇرەككەپ نەرسە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى چاغدا بىرمەھەل بوش ۋاقتىڭىز بار دېگەندىمۇ، دوستلىرىڭىزغا ئۇچراپ قالسىڭىز، يەنىلا ئۆزىڭىزنى باسالماي، ئۇنىڭغا بەك ئالدىراشلىقىڭىزنى ئېيتىسىز. گەرچە گېپىمىز راست بولسىمۇ، لېكىن ئالدىراشلىقىمىزنى قايتا – قايتا تەكىتلەيمىز، شۇنداقلا دوستلىرىمىزنىڭ يېقىنلىشىشىنى چەتكە قاقىمىز. سىزنىڭ بەك ئالدىراشلىقىڭىزدا گەپ يوق، ئەمما سىز ئالدىراپ – تېنەپ ئۆتۈشكىلا يارالمىغان، يەنە باشقا ھەۋەسلىرىڭىز ۋە لەززەت ئالىدىغان ئىشلىرىڭىزمۇ بار. ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئادەم دېگۈدەك مۇشۇنداق سۆھبەت ئەندىزىسىگە پېتىپ قالغان. بىز مۇنداق ئەندىزىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، چۈنكى ئالدىراشچىلىق ھەممە ئادەم بىلىدىغان پاكىتقا ئايلاندى. بىز ئۆزئارا كۆرۈشكەندە، باشقا ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىمىز كېرەك.


ئەگەر دوستىڭىزغا يولۇقۇپ قالسىڭىز ياكى تېلېفون بەرسىڭىز تىلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. شۇ چاغدا دوستلىرىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى چوقۇم بايقايسىز. خۇددى بىر تەجرىبە ئىشلىگەنگە ئوخشاش، بىر ھەپتىگىچە دوستلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىق ئالدىراشلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچماي تۇرسىڭىز، ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرىسىز. قانچىلىك ئالدىراشلىقىڭىزنى قايتا تەكىتلىمەيدىغان بولغىنىڭىزدا، راستتىنلا ئۇنچىۋالا ئالدىراش ئەمەسلىكىڭىزنى ھېس قىلىشقا باشلايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىزنى قايتا تەكىتلىمىگەندە، دوستلىرىڭىزمۇ تەسىرىڭىزگە ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى تەكىتلەۋەرمايدىغان بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ بېسىمدىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بەرگەندەك بولىسىز، ئاراڭلاردىكى سۆھبەتمۇ قىزىقارلىق، ئەركىن – ئازادە بولىدۇ. كېلەر قېتىم بىرسى سىزدىن يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى سورىغاندا «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېمەي، باشقا گەپلەرنى دېگىنىڭىزدە، مۇشۇ قىلغىنىڭىزدىن خۇشال بولىسىز.
-------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى