ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىلار ئۇيۇشمىسى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىلار ئۇيۇشمىسى

ۋاقتى: 2016-03-24 ئاۋاتلىقى: 520 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش» بۇ يەردە!


3. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىلار ئۇيۇشمىسى


1.پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە خىزمەت ھوقۇقى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىلار ئۇيشمىسى بارلىق پايچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. پايچىلار ئۇيۇشمىسى شىركەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجىنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛
2) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
3) پايچىلار ۋەكىلىدىن بولغانلار ئۈستىگە ئالىدىغان نازارەتچىلەرنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
4) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ؛
5) نازارەت كومىتېتى ياكى نازارەتچىلەرنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ؛
6) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ؛
7) شىركەتنىڭ پايدىنى تەقسىملەش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ؛
8) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپالىتىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
9) شىركەتنىڭ قەرز چېكىنى تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
10) پايچىنىڭ پايچىدىن باشقا كىشىگە مەبلەغنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
11) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاپ بوغۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
12) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى