ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈن دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى

ما يۈن دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى

ۋاقتى: 2016-09-29 ئاۋاتلىقى: 1643 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈن دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى


پۇل تۆلەش گۆھىرى «قوش 12» مال سېتىۋېلىش بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىر ھەپتە بولا-بولمايلا، يەنە بىر قاتار كىشى ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىدى. ما يۈن ئارقا-ئارقىدىن بانكا، دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئاتلاندى.

1. ئىنتېرنېت + مېترو: پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.


يېقىندا، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن مېتروسى پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، يولۇچىلار پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق چىقىدىغان، چۈشىدىغان بېكەتنى ۋە بېلەت سانىنى تاللىغاندىن كېيىن، مېترو بېكىتىدىكى كودنى سايىلەش ئارقىلىق بېلەت ئالالايدىكەن.
پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئەنئەنىۋى ئۆچرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىشقا خاتىمە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم نەخ پۇل ئىشلىتىشنى تۈگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مېترو بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېترونىڭ يۈرگۈزۈلۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پارچە پۇل قايتۇرۇش، پۇل ساناش، پۇل تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلار ئاستا-ئاستا شاللاندى. ھەممىدىن مۇھىمى، پۇل تۆلەش گۆھىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ، مېترو بېكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، ئىنتېرنېت + مېترو يېڭى دەۋرىنى ئاچىدىكەن.

2. ئىنتېرنېت + سۇغۇرتا: پۇل تۆلەش گۆھىرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 100 مىليون ئادەمدىن ئاشتى


بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۇل ئامانەت سۇغۇرتا تۈزۈمى رەسمىي ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر بانكا ۋەيران بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن. يەنى، بانكا يەككە ئابونتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن پۇل ئامانىتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. پۇل يوقاپ كېتىش، سچوت ئوغرىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، كۆپىنچە بانكىلار مەسئۇلىيەتنى خىزمەتچىلىرىگە ھەتتا «ۋاقىتلىق ئىشچى» لارغا ئارتىپ قويىدىغان بولۇپ، زادى بانكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ياكى ئابونتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئايرىماق ئىنتايىن قىيىن. ھالبۇكى، پۇل تۆلەش گۆھىرى 1 يۈەنلىك سچوت بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ خىل سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغانلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشقان. بۇ بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتېرنېت + سۇغۇرتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئابونتلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوماتىك تۆلەم تۆلەش ئىقتىدارى نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى. بانكىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە تور نۇقتىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئالدامچىلاردىن ساقلانماق تەس بولۇپ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ مۇلازىمىتى بىخەتەر بۇلۇت سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، بىر تۇتاش كونترول قىلىنغاچقا، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بانكىلارنىڭ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن تور نۇقتىلىرى ۋە مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن خىزمەتچىلىرى بانكىلارغا ئاۋارىچىلىك ۋە خەتەر ئېلىپ كەلمەكتە.

3. ئىنتېرنېت+دوختۇرخانا: مايۈن «دوختۇرخانا» ئاچماقچى.


مايۈننىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئاغدۇرماقچى بولغىنى دوختۇرخانا. مايۈننىڭ «كەلگۈسى دوختۇرخانا» قىياسى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشماقتا. تۈنۈگۈن، جېجياڭ ئۆلكىلىك تۇڭدې دوختۇرخانىسى پۇل تۆلەش گۆھىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، دوكلات تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، ئۇزاق ئۆچرەت تۇرۇش مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە ھەل قىلغان. مايۈننىڭ «دوختۇرخانا» سىدا، دوختۇرخانا پەقەت كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش، ئىستېمال، ئالدىن كېلىشىش، نومۇر ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى مايۈن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، پۇل تۆلەش گۆھىرى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇپ، دوختۇرلارغا قارىتا ياخشى باھا ياكى ناچار باھا بەرگىلى بولىدىكەن. قايسى دوختۇرخانا قالايمىقان ھەق ئالغان، قالايمىقان دىئاگنوز قويغان ئەھۋال بايقالسا، ناچار باھا يېزىپ، «باش كۆتۈرەلمەس» قىلىۋېتىدىكەن. كەلگۈسىدە، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا، يانفوننى سىلكىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى كېسەلگە ماس كېلىدىغان دوختۇرخانىنى تېپىپ، ئارىلىقنىڭ يىراق-يېقىنلىقى ۋە باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىغا ئاساسەن تاللىغىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارلار بىۋاسىتە پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق نومۇر ئېلىش ۋە ئالدىن كېلىشىش، يەنە پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق ماشىنا چاقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىش، ھەق تاپشۇرۇش، تيەنماۋ دورىخانىسىدىن دورا سېتىۋېلىش، دوختۇرخانىدا ياتقاندا تاماق زاكاز قىلىش، پۇلى يەتمىسە قەرز ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىكەن.. مانا بۇ مايۈننىڭ پۈتۈن ئېكولوگىيەلىك دوختۇرخانىسى. غايە ئىنتايىن گۈزەل، ئىشقا ئاشسا تېخىمۇ گۈزەل!

4. ئىنتېرنېت + يېمەك-ئىچمەك: تاماق ئۈستىلى پۇل يىغىش ئۈستىلىگە ئايلىنىدۇ.


بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شاڭخەيدىكى 600 دىن ئارتۇق يول ياقىسىدىكى ناشتىلىق ماشىنىلىرى پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئاسقان بولۇپ، ئىشچى، خىزمەتچىلەر ئەتىگىنى ناشتىلىق سېتىۋالغاندا، پۇل تۆلەش گۆھىرىنى بۇ ۋىۋىسكىلارغا قارىتىپ، پۇل سوممىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا پۇل تاپشۇرالايدىكەن ھەمدە پۇل دەل ۋاقتىدا خوجايىننىڭ ھېساباتىغا كىرىدىكەن. پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى POS ماشىنىلىرىنىڭ زومىگەر كېلىشىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئايدا، شاڭخەيدىكى بارلىق ناشتىلىق ماشىنىلىرىغا پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل تۆلەش گۆھىرى يەنە بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ئۈچۈن دۇكان كودى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر بىر ئۈستەلگە چاپلاپ قويۇلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا تاماق ئۈستىلى دەرھال پۇل يىغىش ئۈستىلىگە ئايلىنىدىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستەلدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق پۇل تاپشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. مايۈن يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم ئەسلىدىكى پەقەتلا توردىكى مۇلازىمەتتىن، ئەمەلىي مۇلازىمەتكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق تور ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشكەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مانا بۇ كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئېنىق يولى شۇنداقلا پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىنقىلابىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدۇر.
مەنبە: تەپەككۇر سالونى


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى