ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگەللەپ، توغرا ۋاقىتتا توغرا ئىشنى قىلغان

ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگەللەپ، توغرا ۋاقىتتا توغرا ئىشنى قىلغان

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىزچىل كۆڭۈل قويىدۇ(بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە)» بۇ يەردە!

 

 
11.ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگەللەپ، توغرا ۋاقىتتا توغرا ئىشنى قىلغان


ئەلى بابا: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+ئېلېكترونلۇق سودا.
گوگىل: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+خەنزۇچە ئىزدەش موتورى.
بەيدۇ: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+خەنزۇچە ئىزدەش.
تىڭشۈن: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+پەيتلىك ئالاقە.
Facebook: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+ئىجتىمائىي ئالاقە تورى.
شياۋمى: كۆچمە ئىنتېرنېت تورى+يانفون دەۋر ئالماشتۇرۇش ئېقىمى.
ئالما ۋە مىكروسوفت: مىكرو تىپلىق كومپيۇتېر دەۋرى گۈللىنىشى.
ئامازون: ئىنتېرنېت تورى يۈزلىنىشى+ئېلېكترونلۇق سودا


12.ھەممىسى سۈرئەت بىلەن ئىجرا قىلىش كۈچىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ


گوگىل ئەقىدىسى: قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى.


Facebook: Done is better than perfect. مۇكەممەللىكتىن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى تاماملاش؛ Move fast and breakthings. تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش.


1999-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لى يەنخوڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدىلا نۆۋەتتىكى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ياخشى بولغان ئىزدەش موتورىنى ئېچىش خىزمىتىنى تاماملىغان ئىدى.


بەيدۇ «مۇھاكىمە ۋە بايانى»: يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىجرا قىلىش.


بىرىنچى دەرىجىلىك ئىجادىي تەپەككۇر+ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئىجرا قىلىش كۈچى VS ئۈچىندى دەرىجىلىك ئىجادىي تەپەككۇر +بىرىنچى دەرىجىلىك ئىجرا قىلىش كۈچى، مەن كېيىنكىسىنى تاللايمەن ــــ ما يۈن.


لېي جۈن: ئەڭ ئاخرقى تەدبىر بولسا تېز بولۇش، مەن «جاھاندىكى گۇمپىلاردىن تېز بولغىنى يېڭىلمەيدۇ»غا ئىشىنىمەن. بەزىدە، تېزلىكنىڭ ئۆزى بىر خىل كۈچ، سىز تېز بولسىڭىز نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يېپىپ قالالايسىز، كارخانا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقاندا خەتەر ھەمىشە ئەڭ كىچىك بولىدۇ، سۈرئىتىڭىز ئاستىلاپ قالسىلا، بارلىق مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا سۈرئەتنى تېزلىتىش بارلىق ئىنتېرنېت تورى كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى.


13.ھەممىسى ئەڭ ياخشى مۇھىتتىن پايدىلانغان


1995-يىلى ما يۈن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ ئىنتېرنېت تورى بىلەن ئۇچراشتى؛ 1999-يىلى ئەلى بابا قۇرۇلدى، باش شتابى خاڭجۇ شەھىرىگە تەسىس قىلىندى، بۇ دەل ئىنتېرنېت تورىنىڭ جۇڭگودا ئەمدىلا باشلىنىشىغا ئۇدۇل كەلدى، جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى.


ما خۇاتىڭ چاۋشەنلىك، 10 ياشلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن شەنتوۋدىن شېنجېنغا كەلگەن؛ تىڭشۈن 1998-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان، باش شتابى شېنجېندا، بۇ دەل ئىنتېرنېت تورى جۇڭگودا ئەمدىلا باشلانغان ۋاقىتلار ئىدى؛ ئىقتىسادىي مۇھىت جەھەتتە جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى.

 

2000-يىل 1-ئايدا لى يەنخوڭ، شۈ يوڭ ئىككەيلەن بېيجىڭ جۇڭگۇەن كەنتىدە بەيدۇنى قۇرغان؛ ئىقتىسادىي مۇھىت جەھەتتە، جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى، يەنە تېخى ئىنتېرنېت تورىنىڭ جۇڭگودا ئەمدىلا باشلانغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى.
زۇكىربېرگ نيۇيوركتىكى بىر يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن؛ دادىسى چىش دوختۇرى ھەم پىسخىكا دوختۇرى بولغاچقا، زۇكىربېرگ كىچىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەندى، ئۇ كىچىكىدىنلا كومپيۇتېردا تالانتلىق ئىدى.

 

04-يىلى 3-ئايدا،  Zuckerberg، McCollum ۋە Moskovitz كالفورنىيە شتاتىنىڭ Palo Alto شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدى(تەرجىماندىن: ستەنفورد ئۇنۋېرسىتېتى تۇرۇشلۇق جاي، كىرىمىنى جىلغىسىنىڭ بۆشۈكى).


1993-يىلى 3-ئايدا، Google ئىشخانىسىنى كالفورنىيەنىڭ پالو ئاۋتو شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كەلدى، بۇ يەر نۇرغۇن داڭلىق كىرىمىنى جىلغىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئىدى.


برىن سوۋىت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، تەخمىنەن 6 ياش ۋاقىتلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىكى موسكىۋا دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن.


لارى پېج مىچگان ئۇنۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى پىرافىسسورى Carl Victor Page دوكتۇرنىڭ ئوغلى، ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېرغا قىزىققان ئىدى.



14.ھەممىسىنىڭ ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بار


ما يۈننىڭ EQسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلغان، شەخسىي جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك.


زۇكىربېرگ ۋە گايتىس، جوبسلار خېلى بۇرۇنلا ھەم ئۇستاز ھەم دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە ئىدى.


زۇكىربېرگ خارۋاردتا پىسخىكىشۇناسلىق ۋە كومپيۇتېر ئۆگەنگەن ھەم شۇنداقلا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى  Alpha Epsilon Piغا كىرگەن.


15.ھەممىسى ئاجايىپ تەلەيلىك


ئەڭ ھەيران قالارلىق بولغىنى ئەينى ۋاقىتتا شېنجېن پوچتا تېلىگراف سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، قارشى تەرەپ 600 مىڭ چىقارماقچى بولغان، ما خۇاتىڭ 1 مىليونغا سېتىشتا چىڭ تۇرغان، ئاخىر بىرلىككە كېلەلمەي سېتىلمىغان.


ھەممەيلەن بىلگىنىدەك، ئىككى قۇرغۇچى گوگىلنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسىنى سېتىۋەتكىلى تاس قالغان.


بىر ئەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا زۇكىربېرگقا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ بۇلاڭچىلىق قىلماقچى بولغان. زۇكىربېرگ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا سەكرەك چىقىپ قېچىپ كەتكەن، يارىلانمىغان، بولمىسا ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئىدى.


16.ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش ماھىرى


بەيدۇ «مۇھاكىمە ۋە بايانى»: مەسىلىلەرنى ئۆزىگە ھەيدەكچى قىلىش؛ پائال يېڭىلىق يارىتىش؛ سىناقتىكى خاتالىققا رۇخسەت قىلىش.


ئەلى بابا ۋە تىڭشۈننىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى: يېڭىلىق يارىتىش.


Facebook ھەر نەچچە ئايدا بىر قېتىم خاككىرلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.


ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئۇزۇن مەزگىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.


Googleدا، ئىنژىنىرلارنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ۋاقىتنى ئۆزى قىزىقىدىغان تۈرگە سەرپ قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرىي دېسىمۇ بولىدىغان تۈزۈم Google News قاتارلىق يېڭى مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


17.ھەممىسى ئىنتايىن سەۋىرچان


ئۆتكەن 5 يىلدا، ئامېرىكىدا 38 بازار قىممىتى 10 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانا بارلىققا كەلدى. قىممىتى 100 مىليون دوللاردىن ئاشقان توققۇز كارخانىنىڭ ئوتتۇرىچە تەرەققىي قىلغان ۋاقتى 7 يىل. تەرەققىي قىلغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغىنى Instagam، پەقەت 2 يىللا سەرپ قىلغان؛ ئەڭ ئۇزۇنى Pandora، 11 يىل سەرپ قىلغان، تىزىملىكتىكى بارلىق 38 كارخانىنىڭ پايچېكىنى بازارغا سېلىشسېتىۋېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە تەرەققىيات ۋاقتى 6.9 يىل. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىكلەرنى سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدىغان تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە پۇرسىتى بولسىمۇ، لېكىن رىممۇ بىر كۈندە قۇرۇلغان ئەمەس. ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كۆزنى چاقنىتىدىغان ئۇتۇققا ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇزۇن مەزگىل كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش خاھىشىغا ئىگە بولغان كوللېكتىپى بولۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى