ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ

ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 2638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ

ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر ئىگىلىك تىكلىسە نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ؟
ئىقتىدار بىلەن ئوقۇش تارىخى بىر ئۇقۇم ئەمەس، كارخانىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كارخانا خوجايىننىڭ ئوقۇش تارىخىغا ئەمەس ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسى باشقىلارنىڭكىدىن كۈچلۈك، جاپاغا چىداپ تىرىشىدۇ، قىيىنچىلىققا ئاسان باش ئەگمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بازار كۆزىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ.

بەزىلەر ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى كىشلەر ئىقتىدارلىق، كەلگۈسى پارلاق دەپ قارايدۇ. رىقابەتكە تولغان ھازىرقى بۇ دەۋىردە بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئۇنداقتا ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر يەنە نېمە ئۈچۈن مىليونېر، ھەتتا مىلياردنىر بولالايدۇ؟ ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق تاللانغان ئادەم ئاساسىي جەھەتتىن ساپاسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بىراق بۇ ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەنتىقىسىگە ماس كەلمەيدۇ.

ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئادەم قاتلاممۇ-قاتلام ئۆسۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا كارخانىنىڭ يۇقىرى ئورنىغا چىقىدۇ. ئۇ كارخانىنىڭ پايدىغا ئېرىشىشىگە تايىنىپ ئۆزىگە تىگىشلىك ھەقكە ئېرىشىدۇ. ئەمما ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل ئادەم نەزەرىيە بىلىملەرنى بىلمىسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى، ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئادەملەرگە خوجايىن بولالايدۇ، چۈنكى ئۇ كۈنبويى قانداق قىلسا كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، ئۆزىنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. كەسىپتە باشقىلارغا يەتمىسىمۇ ئەمەلىي مەشغۇلاتتا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت نەزەرىيۋى ئاساسى پۇختا ئەلاچىلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا تولىمۇ ئاددىي، يەنى ئۆزىنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇپ ئىقتىسادتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ بايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت، شۇڭا ئوقۇش تارىخىنى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالماسلىقىمىز، ئوقۇش تارىخىغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكىمىز، ئوقۇش تارىخى تۆۋەن دەپ كۆزگە ئىلمىغان شۇ ئادەمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزگە خوجايىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: قانۇنچىلىق گىزىتى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى