ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باي بولغىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

باي بولغىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 890 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەلكىم نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ھەر ئىش قىلىشقا رازى بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، سىزنىڭ نامراتلىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدىغان كىچىككىنە يامان ئادەتلىرىڭىز خالاس.
«بايلارنىڭ ئادەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تام كورېي ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامراتلاردا بايلاردا بار بولغان نۇرغۇن ئادەتلەر يوق ئىكەن. ياپونىيە تور بېكىتى يېقىندا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسەن بايلار ۋە نامراتلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئوخشاش بولمىغان يەتتە ئادىتىنى كونكرىت تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. سىزمۇ ئۆزىڭىزدە بۇنداق ئادەت بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىڭىز سىزنى ياكى باي قىلىۋىتىدۇ ياكى نامرات قىلىۋىتىدۇ.
1. كۈندە ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟
كورېيەنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70 بايلار كۈندە 300 كالورىيەگە يەتمەيدىغان ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىكەن، ئەمما %97 تىن ئارتۇق نامرات كىشىلەر بولسا كۈندە 300 كالورىيەدىن ئارتۇق ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىكەن.
2. كاللىڭىزغا كەلگەننى دەمسىز ياكى كاللىڭىزغا كەلگەننى قىلامسىز؟
%69 نامرات كىشىلەر كاللىسىغا بىرەر ئىش كەلگەن ھامان ئۇنى دەۋېتىدىكەن، بۇنداق ئادەت پەقەت %11.6 باي ئادەملەردە بولۇپ، نامراتلارنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغىمۇ يەتمەيدىكەن.



3. ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتتىڭىزمۇ؟
%80 بايلار ئۆزىگە نىشان بىكىتىدىكەن ۋە پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ بۇ ئىشنى قىلىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىگە نىشان بېكىتىدىغان نامراتلار پەقەت %12 ئىكەن. ئۆز نىشانىنى قەغەزگە يېزىپ قويىدىغان بايلار بولسا نامراتلاردىن تۆت ھەسسە كۆپ ئىكەن.
4. ھەر ھەپتىدە قانچىلىك ۋاقىت ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟
ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن ھەرىكەت قىلىشقا چىڭ تۇرىدىغان بايلار %76 بولۇپ، نامراتلار پەقەت %23 ئىكەن. تەن سالامەتلىك ئىنقىلابنىڭ ئاساسى، ساغلام بەدەن بولمىغاندا ئىشلىگۈدەك غەيرەت ۋە روھ نېمىش قىلسۇن؟! ھەرىكەت ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىكەن.
5. ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتى، قىزىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئوقۇمسىز؟
%88 بايلار بىر كۈندە ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال كۆرىدىغان بولۇپ، پەقەت %2 نامراتلار بۇنداق قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بايلار بالىلىرىغا بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىدىغان بولۇپ، نامراتلارنىڭ ئارىسىدا بۇنداق قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن.
6. مومىڭىزغا تېلېفون قىلىپ «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەمسىز؟
%80 بايلار مومىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەيدىكەن، پەقەت %11 نامراتلارنىڭ بۇنداق ئادىتى بار ئىكەن. ياپونىيەلىكلەرنىڭ مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلى بار: «بىرەر ئىشنى بىكارچىلارغا قارىغاندا ئالدىراش كىشىلەرگە ئىشىنىپ ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ». ھەقىقەتەنمۇ ئالدىراش كىشىلەر ھەرقانداق ئىشنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان بولۇپ، ئىشقا پىششىق.
7. دائىم تېلېۋىزور كۆرەمسىز؟
تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىدا بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور. بايلارنىڭ ھەركۈنى تېلېۋېزور كۆرىدىغان ۋاقتى بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدىغانلىرى %67 بولۇپ، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى كۆرىدىغانلار بولسا %6 كىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمما نامراتلار ئارىسىدا %78 ئادەم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى كۆرىدىكەن.

بايلار ۋە نامراتلارنىڭ ئادەتلىرى ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرگەندىن كېيىن، نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوبزورچى داۋىد دونالد ئىلگىرى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، كېيىن بېيىپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق باھا بەرگەن: «ئۇلار ئاغرىنىپلا يۈرمەيدۇ، يەنە كېلىپ بايلاردىن ئۆگىنىدۇ». ئەگەر سىزنىڭمۇ باي بولغىڭىز كەلسە، ئۇنداقتا سىزمۇ بايلاردىن ئۆگىنىڭ، ئىشنى تۇنجى ئادەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ. 

مەنبە: نۇر خەۋەر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى