ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پايچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى

پايچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى

ۋاقتى: 2016-04-03 ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى» بۇ يەردە!

 

3. پايچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى


1)پايچىلار پۇل ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ، مەدەنىي بۇيۇم ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ بولىدۇ. سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تېخنىكا ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھاغا سۇندۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان ماددىي بۇيۇم، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشتا، باھالاش ئارقىلىق باھا بەلگىلەش، مال-مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ياكى تۆۋەن مۆلچەر بويىچە باھا بەلگىلەشكە بولمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھالاشتا قانۇن، مەمۇرىي قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.


سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تېخنىكىنى باھاغا سۇندۇرۇپ سالغان مەبلەغنىڭ سوممىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ 20%ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دۆلەتنىڭ يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.


2)پايچىلار ئۆزلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.


پايچىلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. پايچى پۇل ئارقىلىق مەبلەغ سالغان بولسا، پۇلنى قۇرماقچى بولغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بانكىدا ئاچقان ۋاقىتلىق ھېسابىغا تولۇق ئامانەت قويۇشى كېرەك؛ ماددىي بۇيۇم، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ سالغان بولسا، قانۇن بويىچە مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.


پايچى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنى تاپشۇرمىسا، مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرغان پايچىلار ئالدىدا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.


پايچىلار شىركەت تىزىملانغاندىن كېيىن مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.


3)قانۇن بويىچە مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەمدە ئىسپات بېرىش


پايچى مەبلەغنى پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئىسپات بېرىشى كېرەك.
----------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى