كارخانا ۋە ئىقتىساد ھەققىدە ھېكمەتلەر
يانفوندا كۆرۈش
كارخانا ۋە ئىقتىساد ھەققىدە ھېكمەتلەر
كارخانا يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى پەقەت ئۈزلۈكسىز تەربىيە ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ۋە كارخنىسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ
ئىقتىساد ـــ ئۇ جانلىق مائارىپتۇر. چۈنكى، ئىقتىساد ھەممەيلەننى ياشاشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ
كارخانا ــــ ئۇ زامانىۋى مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان بىر كۆزنەك. چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە روھىي ھالىتىدە گەۋدىلىك ئۆزگىرىش ياسايدۇ
كارخانىچىلار جاھان يېڭىلىقلىرىدىن ئەڭ ئالدىدا خەۋەردار بولغۇچىلاردۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشى زۆرۈر
پۇل تېپىپ بىلىم ئېلىش، بىلىم ئارقىلىق پۇل تېپىش، بىلىمگە، ئەقىل-پاراسەتكە مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى تىجارەت دەستۇرى
ياخشى كۆزىتىدىغان بولساق، پۇرسەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ يارىتىشىدىن كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇ ھەمىشە تەييارلىقى بارلارنىلا ياقتۇرىدۇ. تەييارلىقسىزلار پۇرسەت كەلسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ
پۇرسەت ھەممىگە باراۋەر. پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولمىغان كىشلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ مەرتىۋىلىك بولمىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى، ئوقۇش تارىخىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنى مەغلۇبىيەتنىڭ باھانىسى قىلىۋالىدۇ، تېخى بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ قابىللارنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن،ئوبدان ئورۇنلارنى ئايىغى چاققانلار ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىگە تاللاش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئاددىي كىشلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇلار پۇرسەتنى ئۆزى يارىتالايدۇ، پۇرسەت يارىتالايدىغان ئادەملەر مۆجىزە يارىتالايدۇ. ئامېرىكا تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر زۇڭتۇڭ لىكولىن ئەگەر مەن نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا ماڭا پۇرسەت يوق، دەپ ئولتۇرغان بولسا، ئۇتۇق قازىنالمىغان بولاتتى. دېمەك، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەربابلار ئەسلىدە «پۇرسىتى يوق» ئاددىي كىشىلەر ئىدى، بىراق ئۇلار ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىپ پۇرسەت ياراتقان، نەتىجىدە پۇرسەت ئۇلارغا كۈلۈپ باققان
ئويلىنىپ كۆرسەك، ھەر بىر كۈنىمىز پۇرسەت بىلەن تولغان بولىدۇ، ئۇ ھەمىسە ئىشكتىن كىرىپ، دېرىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنى بايقاشقا ماھىر كىشلەر تېزلا تۇتۇۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا سەگەك بولۇش كېرەك، مۇبادا ۋاقتىڭىزنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمىسىڭىز، ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىسىز، كۈننىڭ تېزرەك كەچ بولۇپ، ئەتىنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىسىز، شۇ جەرياندا نۇرغۇن پۇرسەتلىرىڭىز ھەر ياقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. مۇبادا كۈتكەن پۇرسىتىڭىز مەڭگۈ كەلمەي قالسا، ئۆمۈرلۈك نادامەتكە قېلىشىڭىز تۇرغان گەپ، شۇڭا ئېھتىماللىقلار ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە پۇرسەت يارىتىپ، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشىڭ، ئۇشبۇ دەملەردە بىر ئىشسىز بولسىڭىز، بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا مۇقىم بىر كەسىپنى تۇتۇپ ئاخىرغىچە ئۆگىنىڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر كىتابلارنى بېرىلىپ ئوقۇڭ، ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىڭ، بۇنداق قىلىش ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يول مېڭىشى، بىرەر باشلىق تۇغقىنىڭىزنىڭ بېشىڭىزنى سىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى. ئەسقەرجان ئەنۋەر