ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لۇ جاۋشىنىڭ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە

لۇ جاۋشىنىڭ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 674 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

لۇ جاۋشى ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئانالىزچىلار ئۇنىڭ باش بولۇپ بىجىرىدىغان ۋەزىپىسى پاي چېكىنى بازارغا سېلىش دەپ قارىماقتا.
ئالى بابا گۇرۇھى تۈنۈگۈن ما يۈننىڭ ۋارىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ۋارىس ئېلان قىلىش مۆلچەردىكى ۋاقىتتىكىدىن ئىككى ئاي بالدۇر بولغان.
ئالى بابا گۇرۇھى باش سان-سىفىر باشقۇرغۇچىسى لۇ جاۋشى ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ CEO لىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئالى بابا مىكرو پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھىدىن باشقا بارلىق كەسىپلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ما يۈنگە دوكىلات قىلىدۇ.
لۇ جاۋشى 2013-يىلى 10-مايدىن باشلاپ ئالى بابا گۇرۇھىغا رەسمىي ھوقۇقدار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ما يۈن CEO لىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس مۇدىرىيەت رەئىسلىكىنى قىلىدۇ.
لۇ جاۋشى B2B شىركىتىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئىش ھەققى 47 مىليون 570 مىڭ يۈەن بولغان.
لۇ جاۋشىدىن باشقا يەنە پېڭ لېيمۇ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ كاندىدات CEO تىزىملىكىدە بولغان. ئەمما پېڭ لېي يېقىندا رەسمىي ھالدا ئالى بابا پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىپ، بارلىق زېھنى كۈچىنى گۇرۇھنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قاراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلىگەن.
بۇلتۇر ، ئالى بابا يىللىق مالىيە دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ B2B شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن لۇ جاۋشىنىڭ 2011-يىلى يىللىق ئىش ھەققى 47 مىليون 574 مىڭ يۈەن بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭ ئىش ھەققى يىللىق ئىش ھەققى، پايدا ئۆلۈشۈش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىقلار (جەمئىي سوممىسى 4 مىليون 166 مىڭ يۈەن) شۇنىڭدەك پاي ھوقۇقى كىرىمى 43 مىليون 401 مىڭ يۈەن بولغان. ئەمما ما يۈننىڭ 2011-يىللىق ئالى بابا B2B شىركىتىدىكى پاي ھوقۇقى كىرىمى ئاران 285 مىڭ يۈەن بولغان.

ئەڭ چوڭ خىرىس پاي چېكىنى بازارغا سېلىش
كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، لۇ جاۋشى ئالى بابانىڭ CEO لىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىنمۇ زور خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن. ئۇنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى پاي چېكىنى بازارغا سېلىش بولۇپ، مەيلى پۈتۈنلۈك ئارقىلىق پاي چېكىنى بازارغا سېلىش بولسۇن ياكى بۆلەكلەر بويىچە بازارغا سېلىش بولسۇن، يەنىلا زور خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ خۇسۇسىي جەھەتتىنمۇ خىرىسىغا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، ما يۈن جۇڭگو كارخانىچىلىقىدا ئەۋلىياسىمان ئادەم بولۇپ، ئالى بابا گۇرۇھىدا ئۇنىڭ «خەلىپە (教主)» دېگەن نامى بار. ما يۈن ئالى بابا گۇرۇھى بىلەن ئاساسەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەر قانداق ئادەمدىن تەڭداشسىز ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ.
#p#
«تېمۇرچىن» تەخەللۇسى
لۇ جاۋشىنىڭ ئالى بابادا «تېمۇرچىن» دېگەن تەخەللۇسى بار. ئۇ ئالى باباغا كىرىشتىن ئىلگىرى بىر تور ئالاقە شىركىتىنىڭ شېرىكى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىنتېرنېت ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەسپىنى يۈرۈشتۈرەتتى. لۇ جاۋشى ئوتتۇرا ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ سودا سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، 2000-يىلى ئۇ ئالى بابا گۇرۇھىغا كىرگەندىن بويان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالى بابا B2B گۇاڭدۇڭ سېتىشىنىڭ قۇرغۇچىسى، جىفۇباۋ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچى باش لېدىرى، چوڭ تاۋباۋ شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ۋە ئالى بابا B2B پاچ چېكى بازارغا سېلىنغان شىركىتىنىڭ CEO شۇنىڭدەك ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش سان-سىفىر باشقۇرغۇچىسى (CDO) قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. (ئالى بابا B2B كەسپى 2012-يىلى خۇسۇسىيلاشتۇرۇلغان). كونكرېت خىزمەت ئورنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، لۇ جاۋشى بىرىنچى مال ساتقۇچىلىقتىن تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ بىر قانچە بۆلىكىدىكى يادرولۇق كەسىپلەرنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرغۇچىلىقىنى ئۆتىگەن.

ئىككى قېتىملىق«ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش»
2011-يىلى 2-ئايدا، B2B نىڭ قىسمەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئالدامچىلىق سەتچىلىكى سەۋەبلىك، CEO ۋېي جې خاتالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، لۇ جاۋشى خەتەرلىك تەقدىرگە يۈزلىنىدۇ. ئۇ B2B نىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىش بىلەن بىرگە تاۋباۋ تورىنىڭ باش لېدىرى بولىدۇ. ئۇ زور كۈچ بىلەن B2B نى رەتكە سېلىپ ئىچكى تەرتىپنى ساقلايدۇ ھەمدە B2B نىڭ شىياڭگاڭ بازىرىدىن چېكىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، پاي قىممىتى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاي بازىرى ۋە پاي چەكلەرنىڭ پاراكەندە بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ.
2012-يىلى 9-ئايدا، گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئالى يانفون مەشغۇلات سىستېىمىسى بولغان بۇلۇت OS نى بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، لۇ جاۋشى يەنە بىر قېتىم خەۋپلىق تەقدىرگە يۈزلىنىپ، قوشۇمچە بۇلۇت OS مەشغۇلات سىتېمىسىنىڭ باش لېدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ يېڭى باشتىن پىلانلاپ، بۇلۇت OS نىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاندرويىد سىستېمىسى بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىدۇ.
ئوڭۇشلۇق ھالەتتىكى لۇ جاۋشى B2B نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جىفۇباۋنى قۇرۇپ، تاۋباۋ سۇپىسىنى يۈرۈشتۈرۈشتەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، ئوڭۇشسىز ھالەتتىكى لۇ جاۋشى B2B بوران-چاپقۇنىنى تىنجىتىپ، بۇلۇت OS مەشغۇلات سىتېمىسى ماجراسىنى ھەل قىلغان. بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلاشقاندا، بۇ ئىقتىدارلار لۇ جاۋشىنىڭ ئالى بابانىڭ CEO لىقىغا تەيىنلىنىشىگە تولۇق ئاساس بولالايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى