ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بايلار ياشلارغا ئېيتىدۇكى …

بايلار ياشلارغا ئېيتىدۇكى …

ۋاقتى: 2015-05-14 ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 30 ياشتىن بۇرۇن بىلىمىڭىزگە تايىنىپ ياشاڭ، 30 ياشتىن كېيىن كىشىلىك مۇناسىۋەت سەنئىتىڭىزگە تايىنىپ باي بولۇڭ
  30 ياشتىنئىلگىرى سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئىش ئىزدەش، مۇقىم بىر كەسىپنى تۇتۇش ۋە بۇ كەسىپ بىلەن پىششىق تونۇشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. 30 ياشتىن كېيىنمۇ يەنە كەسىپكىلا  تايىنىپ تۇرمۇشنى قامدايمەن دېسىڭىز ئايالىڭىز ۋە بالىلارغا يۈز كېلەلمەيسىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن 30 ياشتىن بۇرۇن كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ياخشى ئاساس سېلىپ، كېيىن بولسا مۇشۇ كوزىرىڭىز بىلەن پۇل تېپىشنى باشلاڭ.
ئانا مەكتىپىڭىز سىزنى بالىسى ئورنىدا كۆرمىسە، سىزنىڭ ئۇنى ئانىڭىز ئورنىدا كۆرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئىختىساسلىقلار بازىرى بىر ھەيۋىسى بار يامغۇرى يوق بازار. ئەگەر سىزدىن پۇل تەلەپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن دېسە، ئويلاپ بېقىڭ سىزدىن پۇل تەلەپ قىلغان ئورۇن سىزگە يەنە قانچىلىك پۇل بېرەلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدى-ئارقىڭىزغا قارىماي قېچىڭ.......

ماگىستىرلىققا ئىمتىھان بېرىش، ئازابلىق ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلى
ياشلىق باھارىنى ئىسراپ قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك دۇنيادا.
ماگىستىرلىقتا ئۈچ يىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىكىدىن 3 يىل ئىلگىرىلەيدۇ. كەسىپكە بولغان ئېھتىياجمۇ ئوخشىماي قالىدۇ. سىز ئاشۇ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە بىر ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشسىڭىز، بۇ كەسىپنى ئاز-تولا تەۋرىتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىسىز.

تىرىشچانلىقنىڭ ھامان نەتىجىسى بولىدۇ. بىراق ھەممىسىنىڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن
مۇھەببەت مەزگىلسىز يېتىپ كەلسە قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ، بىراق يالغاندىن ياسىماڭ. قانچە زېرىكسىڭىز، مۇھەببەتكە شۇنچە سەزگۈر بولۇڭ. زېرىكىشتىن ياسىغان مۇھەببەت سىزگە ئازاب ۋە ئىسراپچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ئون مىڭ كوي پۇلى بار ئادەم سىزگە يۈز كوي خەجلەپ بەرسە سىز پەقەت ئۇنىڭ 10 دىن بىرىگىلا ئېرىشىسىز، بىر 10 كويى بار ئادەم سىزگە 10 كوينىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بەرسە سىز ئۇنىڭ بارلىقىغا ئېرىشىسىز ئەمەسمۇ؟
ئىش قىلىش ئادەم بولۇشقا يەتمەيدۇ. ھازىرقى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتقان جەمئىيەتتە، سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىڭىز ئاچقۇچ بولۇپ قالدى. گەپ قىلىشنى بىلسىڭىز، كۈرەش قىلىشىڭىز 10 يىل ياكى 20 يىل قىسقارتىدۇ.

سىز دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئادەم ئارىلىقىدا پەقەت 4 ئادەملا بار
بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەش ئويى بارلارغا نىسبەتەن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆگىنىدىغىنىڭىز قانداق پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى قانداق پۇل ئىقتىساد قىلىش.
پوزىتسىيەرىڭىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىڭىز تۆۋەنلەپ ئەڭ ئاخىرقى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا، سىز پەقەت قوشۇمچە رول ئالغان «ئوقۇغۇچى» بولۇپ قالىسىز.

دەرستىن قاچمىغان ئوقۇغۇچى ياخشى ئوقۇغۇچى ئەمەس
قانداق دەرس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قاچمايدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن ھەممە دەرستىن قاچىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. قاچمايدىغان ئوقۇغۇچى، پەقەت بىر كىتاب خالتىسى خالاس، نەزەرىيەنى بولۇشىغا توۋلايدۇ. ئەمەلىيەتكە كەلگەندە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ#p#分页标题#e#.
ھەممە دەرستىن قاچىدىغان ئوقۇغۇچى، مەيلى نەزەرىيەدە بولسۇن ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن ھېچ ئىشنى بىر ياققا ئېلىپ چىقالمايدىغان، ئۆمرى سۇ ئۈستىدىكى خازاندەك «لەيلەپ» ئۆتىدىغان ئوقۇغۇچىدۇر.
ئەڭ مۇھىمى: سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق ، نېمىنى ياخشى كۆرىسىز شۇنى بىلسىڭىزلا بولدى. (بولمىسا جۇڭگونىڭ ئارىلاشما ئوقۇتۇش سىياسىتى، سىزنىڭ كاللىڭىزنى ئۇماچ قىلىۋاتىدۇ (

ھازىر جەمئىيەتتە قايسى كەسىپكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈڭ.
بۇ رېئال جەمئىيەتتە ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەڭ تەرتىپلىك، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىش. نېمە ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، جەمئىيەتنىڭ قايسى كەسىپكە بەكرەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش، خىزمەتچى قوبۇل قېلىش ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش كېرەك.
ئەگرى يولدا ماڭمىسىڭىز، چىغىر يول، مەنسەپ يولى، سودا يولى ياكى سەنئەت يولىدا مېڭىشىڭىز مۇمكىن. كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ ئاچا يولدا: يۈز ئادەم بىلەن بىر ئورۇننى تالاشقاندىن، بەش ئادەم بىلەن بىر ئورۇننى تالاشقىنىڭىز ئەۋزەل.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇمىغانلارنىڭ پەرقى ھەرگىزمۇ ئوقۇغانلارنىڭ بىر كەسىپنى تاماملىغانلىقىدا ئەمەس.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار زادى نېمە ئوقۇيدۇ؟
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغانلار ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى: بىر ئۆزى مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، خاتا بولسىمۇ شۇ پىكىردە چىڭ تۇرالىغان ئادەم، پىكىر قىلماي ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ پىكىرى توغرا ياكى خاتا بولامدۇ ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى