4Rs نەزەرىيەسىدىكى يېتەرسىزلىك
ۋاقتى: 2016-07-21
ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەلۋەتتە، 4R بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭمۇ ھەرقانداق نەزەرىيەگە ئوخشاشلا بەزى يېتەرسىزلىكلىرى بار. مەسىلەن خېرىدار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئەمەلىي كۈچ ئاساسى ۋە بەزى ئالاھىدە شەرتلەر كېرەك بولۇپ، بۇنى ھەرقانداق كارخانىنىڭ ئاسانلا ئورۇنلىيالىشى ناتايىن. لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 4R بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ناھايىتى ياخشى ئوي-پىكىر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنى تىجارەتچىلەر ۋە بازارشۇناسلىق خادىملىرى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى كېرەك.
4R دىن باشقا يەنە +0.5R مۇ بار. بارلىق بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قانداق قىلىپ بازار ئىگىلەش ۋە خېرىدارنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلەپ، پايدىغا ئېرىشىشنى ئەڭ چوڭ نىشانى قىلىدۇ. بىراق بازار ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىدە بىرخىل خەتەر قورشاۋى بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بازاردا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، پەقەت پايدا ۋە خەتەرلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ نەزەرىيەنى ئۆگەنگەندە 0. 5R نى قوشۇپ ئۆگىنىش تەۋسىيە قىلىندۇ، يەنى risk control (خەتەر تىزگىنلەش). شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى خەتەر تىزگىنلەشنى ئىگىلىگەن باشقۇرغۇچىلارلا تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان تەرەققىيات كۈچى ۋە بوشلۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.