ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز

كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 553 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز


تۈزۈم رەھىمسىز، باشقۇرۇش ھېسسىياتسىز، ئىجرا قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.

1. باشقۇرۇش كۆزىتىشتىن، ئىقتىدار مەشقتىن، ئامال-چارە ئويلاشتىن، يوشۇرۇن كۈچ زورلاشتىن كېلىدۇ.
2. ياخشى قىلالمىغانلىق پەقەتلا شۇ ياخشى قىلالمىغانلىقتۇر، ھېچقانداق باھانىنىڭ پايدىسى يوق. خالىغانچە تاپساڭ باھانە، يوقتۇر ساڭا نەتىجە. 
3. ئامال-چارە يوق ئەمەس، پەقەتلا كۆڭۈل قويۇپ ئويلاشمىغانلىقتۇر. كۆڭۈل قويۇپ ئويلانغاندا ھامان بىر پەيتتە ئامال-چارە تېپىلىدۇ.
4. نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىق شۇ ياخشى بولمىغانلىقتۇر.
5. ئېرىشىش ئۇ بىر ئىقتىدار، ۋاز كېچىش بولسا پوزىتسىيە.
6. باشقىلارنى راۋۇرۇس ماختاڭ، باشقىلارنى ماختىغانلىق = شۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نۇسخىلىغانلىق.
7. ئىنچىكە ئىشلارنى ياخشى قىلغانلىق نەپىس دەپ ئاتىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا قوتۇر دېيىلىدۇ.
8. ھەم دېموكراتىك ھەم مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش، ئەمەل قىلىشتىن خاتالىق چىقمايدۇ.
9. ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن ھەرىكەتلىنىڭ، ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.
10. نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى كۆپ ئويلىشىڭ، نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئاز ئويلىشىڭ.
11. پەرق-كارخانا رىقابىتىنىڭ يادروسى، نىسپىي ئەۋزەللىك ئەڭ ياخشى ئەۋزەللىكتۇر.
12. ئىجرا قىلىش كۈچى بولمىسا رىقابەت كۈچىمۇ بولمايدۇ.
13. تاللاش تىرىشىشتىن مۇھىم، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇش تاللاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆتمۈشتىكى تاللاش بۈگۈنكى تۇرمۇشىڭىزنى، بۈگۈنكى تاللاش كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
14. سۈرئەت بىرىنچى، مۇكەممەللىك ئىككىنچى؛ ھەرىكەت بىرىنچى، ئوي-خىيال ئىككىنچى؛ نەتىجە بىرىنچى، باسقۇچ ئىككىنچى.
15. ئىجرا قىلىش كۈچى "ئەگەر"گە قارىمايدۇ، پەقەتلا نەتىجىگە قارايدۇ.
16. توغرىمۇ توغرا ئەمەسمۇ دەپ ئويلىماي، ياخشىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ دېگەنگە قاراڭ.
17. كەمچىلىككە كۆنۈپ قېلىش ئەڭ چوڭ كەمچىلىكتۇر.
18. ئىشچى-خىزمەتچىڭىز يارامسىز بولسا، شۇ يارامسىزنى باشقۇرۇشقا مۇۋاپىق ئۇسۇل تېپىپ چىقىڭ.
19. ئىدىيە يۈكسەكلىكى ھەرىكەت يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ، مەدەنىيەت يۈكسەكلىكى كارخانا يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
20. ئوي-پىكىر بولمىسا، نەتىجىمۇ بولمايدۇ.
21. ۋاقتىدا ھەرىكەتلەنمىگەنلىك راسا قىينالمىغانلىقتىندۇر.
22. ھەممە ئادەم ياخشى كۆرگەن ئىشنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن، توغرا ئىشنى ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىمۇ ناتايىن.
23. باشقىلارنىڭ يارامسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ياراملىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
24. باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ، باشقىلارنىڭ سىزگە ئېھتىياجلىق بولۇشىنى ئويلاڭ. 
25. پىكىر ئالماشتۇرۇشتا باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
26. باشقىلاردىن يوليورۇق سورىغاندا سوئال بىلەن سورىماي لايىھە بىلەن سوراڭ. خىزمەتتىن دوكلات بەرگەندە، باھا خاراكتېرلىك دوكلات بەرمەي، بايان خاراكتېرلىك دوكلات بېرىڭ.
27. پايدا ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسىي كۈچى، كارخانا مەدەنىيىتى ئىجرا قىلىشنىڭ توختاۋسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
28. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، چوڭ ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغىلى بولىدۇ.
29. ئاسان بولغان ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
30. ۋاقىتنى ئوبدان باشقۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ.
31. كارخانىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر.
32. ئىدىيە ئۆزگەرسە، جاھان ئۆزگىرىدۇ؛ ئىدىيە ئۆزگەرمىسە، ئەسلى ئورۇندا توختىماي چۆرگىلەشكە توغرا كېلىدۇ.
33. چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلار كىچىك ئىشلارنى ئىنچىكە، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا ئامراق كىشىلەردۇر.
34. كارخانا يۈرۈشتۈرۈشتە: دۇنيادا ئەسلىدە يول بار ئىدى، ماڭىدىغانلار كۆپىيىپ يولمۇ يوق بولدى.
35. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار داۋاملىق تەدبىر ئۆزگەرتىدۇ ئەمما نىشاننى ئۆزگەرتمەيدۇ. مەغلۇب بولغۇچىلار داۋاملىق نىشان ئۆزگەرتىدۇ لېكىن تەدبىرنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
36. ھەرقانداق ئىشنىڭ چوقۇم ئۈچتىن ئارتۇق ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ.
37. قانداق قىلىش توغرا كەلگەندە، ئۆزىگە تايىنىش كېرەك.
38. بىر قېتىم كۆپ ئويلىسىڭىز، بىر ئېغىز خاتا گەپتىن قۇتۇلىسىز؛ بىر قېتىم كۆپ كۆرسىڭىز، بىر ئىشنى خاتا قىلىشتىن قۇتۇلىسىز.
39. توختىماي خاتالىق سادىر قىلىش ئىقتىدارسىزلىق ئەمەس، بەلكى پوزىتسىيەنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدۇر.
40. كۈندىكى ئۈچ ئىش: چوقۇم قىلىدىغان ئىش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، قىلسا بولىدىغان ئىش. 
41. ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىدۇ، سىزنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىڭىز ئۇلارنى خاتالىق سادىر قىلغۇزىدۇ.
42. خوجايىنغا ئوخشاش خىزمەتچى بولۇڭ، ئۆزىڭىزگە خوجايىننىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇڭ، كارخانا يۈرۈشتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆز خىزمەت ئورنىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈڭ.
43. ئازادىلىك ھەمىشە چېكىنگەنلىكتۇر.
44. مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەتنى ئىنچىكە ھالقىلار بەلگىلەيدۇ.
45. سىزدىن بىر بالداق يۇقىرى بولغان تەشكىلنىڭ نىشانىنى ئۆز نىشانىڭىز قىلىڭ: بۆلۈم باشلىقىنىڭ پوزىتسىيەسىدە بۆلۈم خىزمەتچىسى بولۇڭ، باشقارما باشلىقىنىڭ پوزىتسىيەسىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇڭ، باش لېدىرنىڭ پوزىتسىيەسىدە باشقارما باشلىقى بولۇڭ، خوجايىننىڭ پوزىتسىيەسىدە خىزمەت قىلىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى