ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىق ئىلىمنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەمەلىي تەرەققىياتى

بازارشۇناسلىق ئىلىمنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەمەلىي تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-03-14 ئاۋاتلىقى: 799 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش  تەرەققىياتى» بۇ يەردە!

 

 2. بازارشۇناسلىق ئىلىمنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەمەلىي تەرەققىياتى


20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بازارشۇناسلىق ئىلىمى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، ھەر قايسى ساھەدە كەڭ تارقالغان. 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا بازارشۇناسلىق غەرب دۆلەتلىرىگە تارقالغان. يايونىيە 50- يىللارنىڭ بېشىدا بازارشۇناسلىق  ئىلمىنى كىرگۈزۈپ، 1953- يىلى ياپونىيە دوڭجى ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شىبەنتەي ئۈچ قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەن، ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپ قىلغان بىرىنچى سۆزى بولسا :"بىز بازارشۇناسلىقنى تولۇق ئۆگىنىشىمىز كېرەك " دېگەن سۆز بولغان. 1955- يىلى پايونىيە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇلغان، 1957-يىلى ياپونىيە بازارشۇناسلىق بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. بۇ ئىككى گۇرۇپپا بازارشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. 60-يىللاردا، ياپونىيە ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، بازارشۇناسلىق پرىنسىپى بىلەن ئۇسۇلى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سانائىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىپ، بازارشۇناسلىق ئۇقۇمى ناھايىتى كەڭ قوبۇل قىلىنغان. 60-يىللاردىن 70-يىللارنىڭ بېشىدا، ئىجتىمائىي بازارشۇناسلىق ئۇقۇمى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 70-يىللاردىن باشلاپ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى شۇنداقلا خەلقئارا بازارنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيە كارخانىلىرى دۆلەت سىرتىدىكى ھەر قايسى بازارلارنى كۆزدە تۇرۇلىدىغان نۇقتا قىلغان تىجارەت ئىستراتېگىيەسىنى دۇنياۋى بازارشۇناسلىق ئىستراتېگىيەسىگە ئۆزگەرتتى.


20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، بازارشۇناسلىق فىرانسىيەگە تارقالغان بولۇپ، ئەڭ باشتا ئەنگىلىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق يېمەكلىك شىركىتىدە ئىشلىتىلگەن. 60-يىللاردا سانائەت بۆلۈمىدە ئىشلىتىشكە باشلىنىپ، ئارقىدىن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىگە تارقالغان. 1969-يىلى فىرانسىيە تۆمۈر تولى تىجارەت بۆلۈمىگە كىرگەن. 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بازارشۇناسلىق ئىلمى دەرسلىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيەنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلىرىدە ئېچىلغان.


20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بازارشۇناسلىق ئىلمى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كىرگەن.


جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، ئاندىن بازارشۇناسلىق ئىلمىنى ئېلىپ كىرگەن. ئاۋۋال بولسا چەتئەل بازارشۇناسلىق كىتاب ژۇرنال شۇنداقلا غەرب ئوقۇرمەنلىرى سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنىدىن تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن قالسا، 1987-يىلىدىن باشلاپ تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئالىم، ئوقۇرمەن، ئوقۇغۇچىلار چەتئەلدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ بازارشۇناسلىق ئىلمى دەرسلىك ئەھۋالىنى شۇنداقلا چەتئەل كارخانا بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، يەنە چەتئەل ئالىملىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان. 1981-يىلى 1-ئايدا، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ بازار ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئارقىغا ئۇلىشىپ يەنە ھەر قايسى ئۆلكىلەردە بازارشۇناسلىق بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. بۇ بازارشۇناسلىق بىرلەشمىسى بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ئىچىدىكى ئىشلىتىلىشىگە رولى زور بولغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بازارشۇناسلىق ئىلمى ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسلىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە ئۇسۇلىمۇ ھەر قايسى كارخانىلاردا كەڭ ئىشلىتىلگەن. ھەر قايسى رايون، تارماق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ بازار يۈزلىنىشىدىمۇ پەرق بار، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈم ئىسلاھات سۈرئىتى ئوخشاش ئەمەس، ھەر قايسى كارخانا تىجارەت ئورگانلارنىڭ ئىسلاھات دەرىجىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بازارشۇناسلىق ئىلىمى بولسا ھەر قايسى رايون، تارماق، ھەر خىل كارخانىلاردىكى ئىشلىتىلىش دەرىجىسىنى ئىمكانقەدەر ئوخشاش قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى