ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 1082 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

 

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دېگەن نېمە؟

 

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى ئىناۋەتلىك كارتىنى تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسىدىن تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈننى كۆرسىتىدۇ. يەنى كارتا تارقاتقان بانكا ھېسابات تالونى چىقارغاندىن كېيىن، سىز قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز بۇرۇن خىراجەت قىلغان راسخوتنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دەل ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن قەرز قايتۇرسا ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئۆتۈپ كەتكىچە قەرز قايتۇرمىسا، قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ، قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە ئۆسۈم بىلەن جەرىمانىنى قوشۇپ تۆلەيدۇ.

مىسال: ھېسابات تالونى كۈنى ھەر ئاينىڭ 10-كۈنى، قەرز قايتۇرۇش كۈنى ھەر ئاينىڭ 30-كۈنى.


ئەركىننىڭ خېرىدار چاقىرىش بانكىسى ھېسابات تالونى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چىقتى، 1000 يۈەن قەرز بولغان ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىكەن، يەنى ئۇ پەقەت 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن 1000 يۈەننى ئىناۋەتلىك كارتا ھېساباتىغا كىرگۈزسىلا، بانكا تەمىنلىگەن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

 

ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

 

كارتىنى يېڭى بىجىرگەندە، بانكىلار كۆپىنچە ئۆزىنىڭ كارتىسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 50 ياكى 56 كۈن ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بۇ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

 

يۇقىرىدىكى مىسالغا ئاساسەن:

 

ئەگەر ئەركىن 4-ئاينىڭ 11-كۈنى كارتا سۈرۈپ 1500 يۈەن خەجلىگەن بولسا، ئۇنداقتا ھېسابات چىقىرىش كۈنى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدە بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنى بولسا 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بولىدۇ، بۇ 50 كۈن ئەركىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھېسابات كۈنىنىڭ كېيىنكى كۈنىدىن باشلاپ كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلسا، بانكا ۋەدە قىلغان ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

 

قايسى ئىستېماللار ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ؟

 

ئالدى بىلەن، چوقۇم بانكا بەلگىلىگەن قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن بۇرۇن قەرز بولۇپ قالغان كارتا سۈرۈش ئىستېمالىنى تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرۇپ بولسا، ئۆسۈمسىز مۇددەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىپ ئىستېمال قىلغاندا ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، يەنە كېلىپ نەق پۇل ئالغان شۇ كۈندىن باشلاپلا ئالغان نەق پۇل سوممىسىنىڭ ئون مىڭدىن بەشى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلايدۇ، ھەر قېتىم نەق پۇل ئالغاندا يەنە نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەن، ئەگەر بانكا بەلگىلىگەن ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدە ھەتتا ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنىمۇ تولۇق قايتۇرمىغان بولسا، ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالمايلا قالماي، شەخسنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقىدىمۇ قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش خاتىرىسى ھاسىل بولىدۇ.


 

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى دېگەن نېمە؟

 

روڭ 360 ئىناۋەتلىك كارتا سوئال-جاۋاب سۇپىسىدا، كۈندە نۇرغۇن ئابونتلار «كرېدىت كارتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى دېگەن نېمە؟ مېنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ھېسابات تالونۇمدا RMB شۇ مەزگىلدىكى قالدۇق سوممائەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى RMB477.748.00 دەپ كۆرۈندى، بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ سان روڭ 360 كارتا ئىگىلىرىگە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.


بەلكىم نۇرغۇن ئادەملەر بۇ خىل مەسىلىلەر ناھايىتى چۈشىنىشلىك دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن سىز خاتالاشتىڭىز، راستىنلا نۇرغۇن ئابونتلار ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي، بانكىنىڭ ھېسابات تالونىدا ئەسكەرتكەن ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى بويىچە قايتۇرسىلا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق بولغاندا كېلەر ئايلىق ھېسابات تالونىغا نۇرغۇن ئۆسۈم قوشۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ.

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى دېگەن نېمە؟


تورداش «تيەنتيەن» بىر تىپىك مىسال، ئۇ 2014-يىل 2-ئايدا ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلغان، كېيىن كارتىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىغان، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھېسابات تالونىدا، RMB شۇ مەزگىلدىكى قالدۇق سوممائەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى RMB1580158 دەپ كۆرۈنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاددىي ھالدا ئەسكەرتىشكە ئاساسەن، 30-چېسلا ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدە، ئىناۋەتلىك كارتىغا 158 يۈەن نەق پۇل ساقلىغان. تەجرىبىلىك دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ھېسابات تالونى چىققاندىن كېيىن، شۇ ئايدىكى كارتا سۈرۈش ئىستېمالىدىن سىرت، يەنە 40 يۈەنلىك ئۆسۈم قوشۇلۇپ قالغان.

 

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى دېگەن نېمە؟

 

ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى: كارتا ئىگىسىنىڭ قەرەل توشۇپ پۇل قايتۇرىدىغان كۈنى(ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بۇرۇن بارلىق تۆلەشكە تېگىشلىك تۈرلەرنى قايتۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بولسا، كارتا تارقاتقان بانكا بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىغا ئاساسەن قەرز قايتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى ئىستېمال سوممىسىنىڭ %10گە باشقا ھەرخىل تۆلەشكە تېگىشلىك تۈرلەر قوشۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى شۇ مەزگىللىك ھېسابات تالونىغا يېزىلىدۇ.

ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر، تورداش «تيەنتيەن» بانكا ئەسكەرتكەن ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك سومما دەپ قالغان، شۇڭا ئۇنىڭ 3-ئايدىكى بارلىق ئىستېمالى ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، كۈندە ئون مىڭدىن بەش ئۆسۈم تاپشۇرۇش كېرەك بولىدۇ، بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا بىر ئەقىل تاپىدۇ، كېيىنكى 4-، 5-ئايلاردا ئۇ ھېسابات تالونىغا ئاساسەن بارلىق قەرز پۇلنى بىر قېتىمدىلا تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇردى.


 

روڭ 360 ئەسكەرتىشى: بانكا تەمىنلىگەن ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى مەبلەغ بېسىمى چوڭ، قەرزنى ۋاقتىدا تولۇقى بىلەن قايتۇرالمايدىغان كارتا ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاچقان جىددىي ئەھۋال مۇلازىمىتى، ئەگەر مەبلىغى يېتەرلىك بولسا، ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى بويىچە قەرز قايتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا بانكا تەمىنلىگەن 56-20 كۈنلۈك ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىگە سىز ئېرىشەلمەيسىز.

 

ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىشتىكى خاتا قاراش


تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىناۋەتلىك كارتا كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە بولۇپ قالدى، بەزى ئادەملەر گەرچە ئىناۋەتلىك كارتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كارتا ئىشلىتىش ساۋاتلىرىنى بىلمەيدۇ، بۇ ساندا، روڭ 360 تەھرىرى ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان بىرنەچچە خىل دائىم ئۇچرايدىغان خاتا قىلمىشلارنى ئانالىز قىلىپ تۈزىتىدۇ.

 

خاتا قاراش 1: ئىناۋەتلىك كارتىدا پۇل ساقلىسا ئۆسۈمى چىقىدۇ

 

ئىناۋەتلىك كارتا بىلەن قەرز كارتىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئىناۋەتلىك كارتىدا ئونكول قىلىپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ پۇل ساقلىسا ئۆسۈمى چىقمايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئىناۋەتلىك كارتىنى قەرز كارتىسىغا باراۋەر قىلىپ ئىشلىتىدۇ، نەق پۇلنى ئاۋۋال ئىناۋەتلىك كارتىغا ساقلاپ قويۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن، كىم بىلسۇن، پۇلىڭىز ئىناۋەتلىك كارتا ئىچىدە تۇرۇپ بىر پۇڭمۇ ئۆسمەيدۇ.

 

خاتا قاراش 2: ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئالسا پۇل كەتمەيدۇ

 

نۇرغۇن ئادەملەر ATMدە ئامانەت پۇل كارتىسىنى ئىشلىتىپ نەق پۇل ئېلىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىپ ئادەتلەنگەن، ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكەندىن كېيىن، يەنە ئامانەت پۇل كارتىسىنى ئىشلەتكەن ئادىتىگە ئاساسەن، ئىناۋەتلىك كارتىدىن بىۋاسىتە نەق پۇل ئېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ، بانكىنىڭ ھېسابات تالونىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىدە ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئېلىشنىڭ ھەقسىز ئەمەسلىكىنى، بانكىنىڭ يەنە رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغانلىقىنى، يەنە تېخى كۈندە نەق پۇل ئالغان سوممىسىنىڭ ئون مىڭدىن بەشى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

 

خاتا قاراش 3: پەقەت كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلسىلا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ

 

«مەن ھەر ئايدا ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىپ تاۋباۋدا نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەيمەن، لېكىن ھېسابات تالونىدا ھېچقانداق جۇغلانما نومۇر يوق، بۇ زادې نېمىشقا؟» ئىناۋەتلىك كارتا جۇغلانما نومۇرى بانكا تەمىنلىگەن بىر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن ئىلھاملاندۇرۇش ۋاسىتىسى، كارتا ئىگىسى كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بانكا سوۋغا قىلغان ماس ھالدىكى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىدۇ، لېكىن بۇ پەقەتلا بانكىنىڭ سۆزلەش سەنئىتى، كەينىدە يەنە بىر جۈملە يوشۇرۇن سۆز بار، ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىپ ئۆي-مۈلۈك تۈرىدىكىلەر، ئاپتوموبىل سېتىش تۈرىدىكىلەر، توپ سېتىش تۈرىدىكىلەر، دوختۇرخانا تۈرىدىكىلەر، مەكتەپ تۈرىدىكىلەر، ساخاۋەت ئورگىنى تۈرىدىكىلەر، ۋاكالەتەن تۇتۇپ قېلىش ۋە ۋاكالەتەن تاپشۇرۇش تۈرىدىكىلەر، كېمە سېتىش تۈرىدىكىلەر، سوت ھەققى تۈرىدىكىلەر، ھۆكۈمەت ئورگىنى تۈرىدىكىلەر، چوڭ تىپتىكى كارخانا توپ تارقىتىشى تۈرىدىكىلەر، تاماكا تەقسىملەش تۈرىدىكىلەر، سۇغۇرتا سېتىش تۈرىدىكىلەر،  سۇغۇرتا ساھەسى ۋە سۇغۇرتا سوممىسى تۈرىدىكىلەر، بىۋاسىتە سېتىش تۈرىدىكىلەر، گۆرۈخانا تۈرىدىكىلەر، توردىكى ئىستېمال، بانكا خىراجىتى(ئىناۋەت كارتىسىنىڭ يىللىق ھەققى، ئىناۋەت كارتىسى ئۆسۈمى ۋە جەرىمانە ئۆسۈمى، ئالدىن قەرز ئالغان پۇل ۋە رەسمىيەت ھەققى، قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش جەرىمانىسى قاتارلىق ئىستېماللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەرگە ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىپ پۇل تۆلىسە، ھېچقانداق جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر تېز سۈرئەتتە جۇغلانما نومۇر جۇغلىماقچى بولغان دوستلار بولسا، بۇ ئىستېماللارنى ياخشى كۆرۈپ بېقىپ، ئىمكانقەدەر ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتسۇن.


 

خاتا قاراش 4: ئىناۋەتلىك كارتىدا مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلسا كارتا سۈرگەندىنمۇ تىجەشلىك بولىدۇ

 

« IPhone5سېتىۋالغاندا، xx بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى سۈرسە مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.» سودىگەرلەر دائىم ھەرخىل بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىلىرىنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىدۇ، لېكىن مۇددەتكە بۆلسە زادى تىجەشلىكمۇ-ئەمەسمۇ؟ سىزگە دېسەم، ئىناۋەتلىك كارتىدا مۇددەتكە بۆلسە ھەقىقەتەن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، يەنە كېلىپ بارلىق بانكىلار مۇددەتكە بۆلسە ئوخشاشلا ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، لېكىن مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ، ھېسابلاپ كەلسە، يىللىق ئۆسۈم ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ %10دىن ئېشىپ كېتىدۇ، بانكا تەمىنلىگەن ئىناۋەتلىك كارتا مۇددەتكە بۆلۈش مۇلازىمىتى كارتا ئىگىسىنىڭ نەق پۇل ئېھتىياجىنى پەسەيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، ئاساسلىقى مەبلەغ بېسىمى بىرقەدەر چوڭ، قولى قىسقا بولۇپ قالغان خېرىدارلارغا قارىتىلغان، شۇڭا، ئەگەر قولىڭىزدا بىكار پۇل بولسا، ئىناۋەتلىك كارتىدا مۇددەتكە بۆلۈش ئىستېمالى قىلماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

خاتا قاراش 5: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇشىمۇ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

 

ھەر قېتىم ھېسابات تالونى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۈستىگە ئېنىق قىلىپ سىزنىڭ بۇ مەزگىللىك ھېسابات تالونىدىكى سوممىڭىز XXX يۈەن، ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىڭىز XX يۈەن دەپ يېزىلغان بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر «ھە، ئەسلىدە مەن ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنى قايتۇرساملا بولىدىكەن، بۇنى ماڭا بانكا دېگەن، خاتاسى يوق.» دەپ ئويلايدۇ. سىز خاتالاشتىڭىز، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى بانكا مەبلىغى يېتەرسىز ئابونتلارنى تەمىنلەيدىغان بىر خىل پەسەيتىش ۋاسىتىسى، كارتا ئىگىسى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدە پەقەت قەرز قايتۇرۇش ھېسابات تالونىدىكى سوممىنىڭ %10نى قايتۇرسىلا بولىدۇ، مانا بۇ ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسى، ئەڭ تۆۋەن قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنى تاللىسا، بانكا تەمىنلىگەن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، يەنە كېلىپ شۇ مەزگىللىك ھېسابات تالونىدىكى بارلىق ئىستېمالدىن ئىستېمال قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ، كۈندە ئون مىڭدىن بەش بويىچە ھېسابلاپ ئۆسۈم تۇتىدۇ، بۇلارنى بانكا ھېسابات تالونىدا ئەلۋەتتە دېمەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش ئادەتلىرى كارتا ئىگىلىرى ئەڭ ئاسان سادىر قىلىدىغان خاتالىقلار، كارتا ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىشنىڭ ئاساسىي ئىشلىتىش قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، كارتىنى خاتا ئىشلەتكەنلىك تۈپەيلىدىن تۆلەش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئارتۇق پۇل تۆلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلغان ھامان، كارتىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كارتىنى ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك، ھەرقانداق چۈشەنمەيدىغان مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، روڭ 360 ئىناۋەتلىك كارتا سۇپىسى سىزگە ياردەم قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى