ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچىنى قانداق تېپىش كېرەك؟

ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچىنى قانداق تېپىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 777 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېتىلىۋاتقان كارخانىلاردىكى CEO لار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. بەزىدە ئۇلار خېرىدارلارغا تايانسا ياكى بانكىدىن قەرز ئالسا ۋە ياكى ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچىغا تايانسا بولىدۇ. تەبىئىيكى، كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا، مەبلەغ سالغۇچى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچى تاپالىسىڭىز ئوقىتىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، سىجىل مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.

كارخانىچى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
رۇس مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچ خىل بولىدۇ:
مول بىلىمگە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، مەھسۇلاتىڭىزغا ۋە كەسپىڭىزگە قىزىقىدۇ؛
ئالاھىدە رىقابەت، ھالقىش تىپىدىكى كەسىپنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ؛
شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىدارى بولىدۇ
زۆرۈر تېپىلغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىشقا بولىدۇ.  
ئىلگىرى كارخانىچى بولغان ياكى ھازىرمۇ كارخانىچى بولۇۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلار باشقىلار بايقىيالمايدىغان نۇرغۇن پۇرسەتنى بايقىيالايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەجرىبىسى، نوپۇزى ھەم مۇناسىۋەت تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، كارخانا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاجايىپ ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ
پۇل مۇئامىلە كەسپىگە مەبلەغ سالغۇچىلار سېلىنما پايدىسىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىتقا چەكلىمە قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىت چەكلىمىسى كارخانا ياكى بازارنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، مەبلەغ سېلىشتا ياراملىق مەبلەغچىنى ئىزدەشنى بالدۇرراق باشلىغان تۈزۈك. مول تەجرىبىگە ئىگە باشلامچى مەبلەغ سالغۇچىنى تېپىپ، بىرقانچە زاپاس سودا ئەندىزىسىنى تەييارلاپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشمۇ كېرەك. بۇ بازار، مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە كوللېكتىپنى باشقۇرۇش تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى