ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇۋەپپەقىيەت يولى: ساھىپجامال دۆلەتنىڭ كەچمىشى

مۇۋەپپەقىيەت يولى: ساھىپجامال دۆلەتنىڭ كەچمىشى

ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 1062 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت يولى

-ئۇيغۇر ئايال دوكتور ساھىپجامال دۆلەت ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ يېتەكچىسى پېروفېسسور جا چاۋجېڭ ھەققىدە


تەرجىمان: ئىسكەندەر جىلىل (كۆكتاش)

تەھرىر: ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت



2000-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەزىرىيەۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا ياپونىيە ئالىملىرى قاتناشقان دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ۋىجىك ھەم تارتىنچاق كەلگەن ئۇيغۇر قىزى ساھىپجامال دۆلەت 9 نەپەر جۇڭگو ۋە چەتئەللىك باھالىغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلىدا دېسسىرتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ماقالىنىڭ تېمىسى «مەكىزى زەرەت C=2 بولغان ھەمشەكىل مەيدان تەلىماتى ۋە مەركىزى زەرەت C=3، N=2 سۇپېر سېممىتېرىك ھەمشەكىل مەيدان تەلىماتىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشى» ئىدى. 
مەزكۇر ئىلمىي ماقالە بىردەك ئېتىراپ قىلىندى. باھالىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ساھىپجامال دۆلەت نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ ساھەدە، ئەھمىيەتلىك ۋە ئاددى بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ، بۇ ماقالىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، مۇنەۋۋەر ماقالە ھېسابلىنىدىكەن. 
بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «ئېتىبار» قىلدىمۇ قانداق؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. دېسسىراتسىيە تېمىسىنى داڭلىق گېرمان نەزىرىيەۋى فىزىكىشۇناسى پېروففېسسور نام (W. Nahm) ساھىپجامالغا چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر تېما ھەمشەكىللىك ئۆزگەرمەس كۋانت مەيدانى نەزىرىيەسى، سۇپېر يىپ نەزىرىيەسى، مودېللىق گۇرۇپپا، كرىستال گۇرۇپپا قاتارلىق يۇقىرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى ۋە ئالىي ئالگىبىرا ئۇقۇملىرىغا چېتىلاتتى، بۇ ئىلىملەر نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ زەررە فىزىكا ھادىسىسى، تارتىش كۈچى ۋە كائىنات ئىلىملىرىنى تەتقىق قىلىشىتىكى مۇھىم يوللار ھېسابلىنىدۇ. چەتئەللىك ئالىم دېسسىراتسىيەگە يۇقىرى باھا بەردى. خەلقئارادىكى داڭلىق زەررە فىزىكىشۇناسى پىروفېسسور نىللېس (H.P. Nilles) باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ساھىپجامال ... فىزىك بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىغان ... بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان چوڭقۇر چۈشۈنۈشى ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق يېڭى ۋە مۇھىم نەتىجىلەرنى چىقىرالىشىغا تۈرتكە بولغان». 
داڭلىق خەلقئارالىق نەزىرىيەۋى فىزىكىشۇناس پىروفېسسور نام (W. Nahm) باھالاپ مۇنداق دەيدۇ: «ساھىپجامالنىڭ نەتىجىسى مۇھىم بىر قەدەمنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى قىزىقىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغۇسى. ئۇنىڭ ماقالىسى مۇنەۋۋەر بولغاچقا، تامامەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشقا تېگىشلىك». 
پىروفېسسور رومېر (H. Roemer) مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ساھىپجامالنىڭ خىزمەتتە ئېپى باركەن، تەشكىللىشى ئىنتايىن ياخشى، يۇقىرى مۇرەككەپلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەۋى فىزىكا ساھەسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى ھاسىل قىلىپتۇ». 
داڭلىق نەزىرىيەۋى فىزىكىشۇناس پىروفېسسور فىليۇم (R. Flume) باھالاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ك. ۋىندران بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان ئەسلى ماقالىسى (دوكتورلۇق دېسسىراتسىيەنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، مەلۇم بىر ياخشى ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان) بىر ئۆلچەملىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغۇسى». دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، بۇ «ئۆلچەملىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى» دېگىنى نەزىرىيەۋى فىزىكا ساھەسىنىڭ تارىخ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ باھا ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ باھا سۆزلەر ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بىرسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا  1500 خەت بولۇپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساھىپجامالنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك ھەمشەكىل ئۆزگەرمەس كۋانت مەيدانى ساھەسىدىكى نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىپ، زەررە فىزىكىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قىسقىسى، نەزىرىيەۋى فىزىكا ساھەسىدىكى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق شەخسىلەر ئۇنىڭغا قىلچىمۇ «ئېتىبار» قىلمىدى. 
ساھىپجامال خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ چاغلاردا مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاچقا، ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن ئىدى. 1990-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، پىروفېسسور جا چاۋجېڭنىڭ نەزىرىيەۋى فىزىكا كەسىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ماگىستىر ئاسپرانت بولۇپ كىرگەن. ماگىستىر ئاسپرانتلىقتا ئۇ «دېففېرېنسىئال گېئومېتىرىيە»، «لېي ئالگېبراسى»، «ئالىي كۋانت مېخانىكىسى»، «كۋانت مەيدان نەزىرىيەسى» قاتارلىق ئالىي ماتېماتىكا ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك فىزىكا ئىلىمى ساھەسىدە ئوقۇشنى باشلىغان. لېكىن ساھىپجامالنىڭ بەزى ئاساسىي بىلىملىرى يېتەرسىز بولغاچقا خەنزۇچە دەرس ئاڭلاشتا قىينىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن چىرا ناھىيەسىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلىغان. گەرچە ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا مەخسۇس خەنزۇچە ئۆگەنگەن بولساممۇ، لېكىن كېيىنكى تۆت يىلدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ئۆتۈلدى. ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەچكە، مەن ھەقىقەتەنمۇ قىينىلىپ قالدىم.»
ساھىپجامالنىڭ ئالدىدا ئاسپىرانتلىقتىن ئىبارەت يېپيېڭى ئىلىم مۇساپىسى تۇرۇپتۇ. خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى 100 مېتىرلىق بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئوخشاش، ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر سىزىقتىن يۈگۈرۈپ چىقىدۇ، سىز ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن 10 مېتىر ئاۋۋال يۈگۈرىۋالامسىز؟ ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خەنزۇ پىروفېسسور جا چاۋجېڭ ساھىپجامال بىلەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلارغا «سىلەرنىڭ ئاساسىڭلار ئاجىز، لېكىن ئىلىمنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاجىزلارغا ئورۇن يوق، پەقەت ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئىلىمىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە كىرەلەيسىلەر.» دېگەن ئىدى. 
ساھىپجامال ئىرادىلىك ھەم ئۆز كەسىپىگە سادىق قىز ئىدى. ئۇ ئەينى چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ چاغدا، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئىكەنمەن، چوقۇم دىپلوم ئېلىشىم كېرەك، دەپلا ئويلىدىم. مەن ئارقىغا چېكىنەلمەيتتىم، ھەم چېكىنىش يولۇممۇ يوق ئىدى!»
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن چېكىنىش يولى يوق ئىدى. چېكىنسە ئاسپرانتلىق ئوقۇشنى تاشلاشقا توغرا كېلەتتى. ئالدىدىكى ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئاساسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى پىروفېسسور جا چاۋجېڭغا ئايان ئىدى. ئالىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم تەلەپنى قاتتىق قويۇش، ئۆلچەمنى قەتئىي تۆۋەنلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتسە، ئۇنى قانداقمۇ ئالىي ئىختىساس ئىگىسى دېگىلى بولسۇن!؟ لېكىن مائارىپ، بولۇپمۇ مىللىي مائارىپتىكىلەرگە ئەمەلىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل تەڭشەش كېرەك. ئەينى چاغدا پىروفېسسور جا چاۋجېڭ دەرس تولۇقلاپ بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر تەدبىرنى قوللاندى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، دەرس تولۇقلاشقا ئايجامال ئىسىملىك يەنە بىر ئاسپرانت قىزمۇ تەڭ قاتناشقان ئىدى. دەرستە نەنى بىلمىسە شۇ يەرنى تولۇقلاپ سۆزلەپ بېرەتتى. ماتېماتىكىدا زور مىقداردا ھېسابلاشقا توغرا كېلەتتى، ھېسابلاشنى بىلمىسە ماتېماتىكىنى ئۆگەنگىلى بولمايتتى. بەزى تېمىلارنى ئىككى ئاسپرانت قىز تولۇق چۈشەنگەنگە قەدەر خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش ۋە دەرس تولۇقلاشلار بىلەن، پىروفېسسور جا چاۋجېڭ ئۇلار بىلەن كۈندە دېگۈدەك كەچ سائەت 11:00، 12:00 لەرگىچە ئىشلەيتتى. 
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت. ئاسرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ساھىپجامال دەل ياشلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاچقا، باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئوخشاش ناخشا-ئۇسۇلغا، ياسىنىپ-تارىنىشقا ئامراق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا ۋاقتى يەتمەيتتى. ئۇ كۈندە ياتاق، سىنىپ ۋە ئاشخانا ئارىلىقىدىلا قاتىراپ يۈرەتتى. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق دەرسلىك كىتابلار، كەم بولسا بولمايدىغان خەنزۇچە لۇغەت ۋە يېشىلمەس قىيىن سۇئاللار ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى. ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يىگىتى بىلەن كىنو كۆرۈپ كېلىشى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئاراملىق ۋاقتى ئىدى. ئاھ، نېمە دېگەن زېرىكىشلىك ئۆگىنىش ھاياتى-ھە!
تۆت يىل جەريانىدا، ساھىپجامال خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسىدىكى بارلىق ماتېماتىكا ئاساسىنى قايتىدىن تىكلەپ، يەنە تېخى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئاڭلاش، پاراڭلىشىش، ئوقۇش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈردى. باشقىلار ئۇنىڭ كۈتۈپخانىدا «لېي ئالگېبراسى»، «دېففېرېنسىئال گېئومېتىرىيە» قاتارلىق قىيىن ماتېماتىكا نەزىرىيە كىتابلىرىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا ھەيرانۇ ھەۋەس بىلەن قارايتتى. چۈنكى بۇ خىل كىتابلارنى ماتېماتىكا فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىمۇ تەس ئىدى، لېكىن ساھىپجامال بۇلارنى ئوقۇپ چۈشەندى. ئۇ چوڭقۇر ماتېماتىكىلىق ئاساس بىلەن ئالىي ماتېماتىكىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، جاپالىق ئۆگىنىش ئاخىرى ئۇنى دىسسېرتاتسىيە باسقۇچىغا كۆتۈردى. ئۇ دىسسېرتاتسىيەسىنى خەنزۇچە يازغان بولۇپ، دەسلەپكى ئارگېنالىنى ئوقۇتقۇچىسىغا تاپشۇردى. پىروفېسسور جا چاۋجېڭ دىسسېرتاتسىيەنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، چۈنكى بۇ ماقالە پەقەتلا دىسسېراتاسىيەگە ئوخشىمايتتى. پىروفېسسور مەسىلىنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئانا تىلىدا ئىكەنلىكى، يەنى لوگىكا قالايمىقانچىلىقى، ئۇنىڭ لوگىكا بىلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدى. پىروفېسسور ساھىپجامالدىن «بۇ زادى نېمە ئىش؟» دەپ سورىدى. ساھىپجامال ئۆزىنىڭ ماقالە يازالمايدىغانلىقىنى، كىچىكىدە مەشىق قىلمىغانلىقىنى، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، بىر مەۋسۈمدە ئاران بىرەر ماقالە يازىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قارىغاندا، ساھىپجامال ماقالىنىڭ يېزىلىش تەرتىپلىرىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىروفېسسور جا چاۋجېڭ باشتىن باشلاپ ساھىپجامالغا بىرمۇ-بىر ئۆگىتىشكە باشلىدى... ئاخىرى، ئۇنىڭ خەنزۇچە ماگىستىرلىق دىسسېراتسىيەسى پۈتۈپ لاياقەتلىك ياقىلاندى. 
ساھىپجامال ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇنداق چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى: ئۇ جاپاغا چىدايدۇ، ئەستايىدىل ئىلىم تەھسىل قىلدۇ، يېتەكچىلىككە بوي سۇنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئاڭلىق بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارالايدۇ، ئىرادىسى كۈچلۈك، ئۆزىنى بىلىدۇ، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، لېكىن ماگىستىرلىق پەقەت ئالىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى بىر باسقۇچ، كېيىنكى يول تېخى ئۇزۇن، چۈنكى نەزىرىيەۋى فىزىكا ئىلىمى زىيادە ئابستراكىتلاشقان ماتېماتىكا پادىشاھلىقى بولۇپ، يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكىسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ساھىپجامال ئىتالىيەدىكى نەزىرىيەۋى فىزىكا مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا گۇرۇپپىسىدا ئاسپرانتلىق دەرسلىرىنى قايتا ئوقۇماقچى بولدى. بۇ، مەخسۇس ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى ئاسپرانتلارنى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلەيدىغان يەر بولۇپ، ئۆگىنىش ۋاقتى پەقەت بىر يىل ئىدى. بۇ بىر قېتىملىق مۇستەقىل خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق چېنىقىدىغان پۇرسەت بولۇپ، يېنىدا ئافرىقا ۋە ئەرەب دۇنياسىدىن كەلگەن كەسىپداشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى يوق ئىدى. دەرسلەر جىددىي ۋە ئىنتايىن تەس بولۇپ، ھەرگىزمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشىمايتتى. كۈندە نۇرغۇن مەشىق تېمىلىرى بار ئىدى. ساھىپجامال بىر يىللىق مۇستەقىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، بارلىق دەرسلەرنى تاماملاپ بولدى. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن كەلگەن لاياقەتسىز كەسىپداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھەممىدە لاياقەتلىك بولۇپ، مۇستەقىل خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. كېيىن ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە گېرمانىيە بون ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق نۇقتىسىدا ئوقۇدى. 
دەرسلىك لايىھەسى مۇنداق ئىدى: بىرىنچى يىلى بېيجىڭدا ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى يىلى گېرمانىيەگە بارىدۇ، ئۈچىنچى يىلى يەنە بېيجىڭدا بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى گېرمانىيەگە بېرىشنىڭ ئارپىسىدا، ساھىپجامال تۇيۇقسىز يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەر پىروفېسسور جا چاۋجېڭنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ھەمدە ساھىپجامالغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىڭىزدا ئىككى يول بار، بىرسى ئۆيگە قايتىپ بالا تۇغۇپ ئوقۇشىڭىزنى يېرىم يولدا توختىتىسىز، بۇ ئارقىلىق ئوقۇشنى ئائىلىگە تېگىشىسىز؛ يەنە بىرسى بالىنى ئالماي، چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرىسىز، يەنى ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئائىلىنى قۇربان قىلىسىز. ئىنسان پەۋقۇلئاددە تۆھپىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن، ھەمىشە پەۋقۇلئاددە قۇربانلىقلارنى بېرىدۇ». 
يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرى ساھىپجامالغا تەسىر قىلدى. ساھىپجامال ئۆز ھاياتىدا مۇھىم تاللاشقا دۈچ كەلدى: بىرسى ئۆزى ئىنتىلىۋاتقان ئىلىم-پەن ئوردىسى، يەنە بىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى. پەرزەنت بولسا ئاللاھ ئاتاھ قىلغان نېمئەت، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قايسى بىرسى بالىغا ئىنتىلمەيدۇ؟ كەسكىن ئىدىيەۋى كۆرۈش نەتىجىسىدە، ئۇ ئاخىرى يولدىشىنى قايىل قىلىپ، ھامىلىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرىۋەتتى، ھەمدە گېرمانىيە بون ئۇنىۋېرسىتېتى نەزىرىيەۋى فىزىكا تەتقىقان ئورنىغا بېرىپ، داڭلىق خەلقئارا نەزىرىيەۋى فىزىكا ئىلىمى پىروفېسسورى نام (W. Nahm) نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ دىسسېراتسىيەسىنى يېزىپ تاماملىدى. 2000-يىلى 8-ئايدا دىسسېراتسىيەنى ياقىلاپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، ساھىپجامال ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، بۇلارنىڭ ئەڭ مۈشكۈلى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت بولدى. 

ساھىپجامال 1994-يىلى توي قىلغان بولۇپ، ئوقۇش ئۈچۈن ھامىلە چۈشۈرگەنلىك ئىشىنى ئاپىسىغا دېيىشكە پېتىنالمىدى. ئاپىسىنىڭ نەۋرىلىك بولۇش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىدى. 2001-يىلى قايتىدىن بالىلىق بولغاندا، ساھىپجامال 33 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. بۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. 1998- 2000-يىلغىچە ئۇ گېرمانىيەدە ئوقۇدى، خەلقئارادىكى داڭلىق بون ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق دىسسېراتسىيەسىنى تۈگەتتى دېگەن بىلەن، خىزمەت ئالدىراش، قەتئىي بىكار ۋاقتى بولمىغانلىقتىن، پۈتۈن ۋاقتىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، بون شەھىرىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدى. ئالدى-كەينى بولۇپ 10 ئاي جەريانىدا، پەقەت بولكا ۋە ئالمىلا يەپ قۇرساق باقتى. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن چاچلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. 1998-يىلى يولدىشى تۇرغۇن بون شەھىرىگە بېرىپ سۆيۈملۈك ئايالى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ، كۈندە ئۇيغۇر تائاملىرىنى قىلىپ چۈشتە ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بەردى. ساھىپجامالغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىش دادىسىنىڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقى بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە، دادىسى ۋاپات بولسا، پەرزەنتلىرى قانچىلىق يىراقتا بولسىمۇ قايتىپ كېلەتتى. ئورۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە مىيىتقا كەلگەن ئاقساقاللار ساھىپجامالنىڭ يولدىشى تۇرغۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ساھىپجامالغا مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىنى تاپىلىدى. ئەگەر ساھىپجامال قايتىپ كەلمىسە ۋاپادار پەرزەنت ھېسابلانمايتتى. تۇرغۇنمۇ تىت-تىت بولۇپ، كىشىلەردىن «ساھىپجامال دادىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قالسا چوقۇم ھوشىدىن كېتىدۇ، قانداق قىلساق بولار؟» دەپ سورىدى. بۇنىڭغا ئاقساقاللارمۇ بىر نەرسە دېيەلمىدى، بۇ خەۋەرمۇ شۇ پېتىچە قالدى. تۇرغۇنمۇ مۇسىبەتنى ساھىپجامالغا ئېيتمىدى. ئۇ بېيجىڭدىكى دىسسېراتسىيە ياقىلىشىنى تۈگىتىپ، شىنجاڭغا، يۇرتى چىرا ناھىيەسىگە كەلگەندىلا دادىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. 
ساھىپجامال دوكتورلۇق ئۇنىۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى ماختاشتى، لېكىن ئۇ ھەر بىر قەدەمنى مۈشكۈلدە بېسىپ بۇ نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنى دىسسېرتاتسىيە تېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. چۈنكى: فىزىكىدا نەزىرىيەۋى فىزىكا ھەممىدىن تەس؛ خوردا نەزىرىيەسى بولسا نەزىرىيەۋى فىزىكىدىكى ئەڭ تەس تېما؛ لېكىن ھەمشەكىل مەيدان نەزىرىيەسى بولسا خوردا نەزىرىيەسى بىلەن ئىستاتىستىكا فىزىكىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئىشلىنىدىغان ئەڭ قىزىق تېما بولۇپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن نەزىرىيەۋى فىزىكا گۇرۇپپىلىرى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. «بۇ مەسىلە مۆلچەرلىگۈسىز مۇرەككەپ بولغاچقا، يېشىلمەي كەلدى» (پىروفېسسور نامنىڭ باھا سۆزى). ھەمشەكىل مەيدان نەزىرىيەسى يۈكسەك ئابىستىراكىتلاشقان ماتېماتىكىلىق نەزىرىيەۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئېچىلىشنى كۈتۈپ ياتقان ھېسابلاشقا تەۋە بولۇپ، ئالدىنقىلار ئۇنىڭدىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. بېيجىڭدىكى نەزىرىيەۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنى دەسلەپتە بۇ تېمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، كۆپىنچە كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەر ساھىپجامالنىڭ بۇ تېمىنى ئورۇندىيالىشى ھەققىدە بېشىنى چايقىغان ئىدى. لېكىن ساھىپجامال ئىرادىلىك قىز ئىدى. ئۇ بون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپلا تېما ئىشلەشكە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ دىسسېرتاتسىيە پۈتمىدى، ئامال يوق ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلدى. ئىككىنچى يىلى پىروفېسسور جا چاۋجېڭمۇ بون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ساھىپجامالنىڭ چاچلىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. پىروفېسسور جا چاۋجېڭمۇ ئۆزىمۇ دۇنياغا داڭلىق نەزىرىيەۋى فىزىكىشۇناسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىسىنىڭ قولىدىن پىروفېسسور نام ئوقۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئالدى. تەخمىنەن بىرەر ھەپتىدىن كېيىن، پىروفېسسور جا چاۋجېڭ ماتېرىياللارنى رەتلەپ بولماستىنلا، ساھىپجامال ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ، ھاياجان بىلەن «مۇئەللىم، مەن تېمىنى يەشتىم» دېدى. 
بۇ بىر تۇيۇقسىز كەلگەن خۇش خەۋەر ئىدى. كىممۇ بۇ شىنجاڭدىن، يەنى ئىنتايىن يىراق جايدىكى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئېتىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ دۇنياۋىي نەزىرىيەۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ تەس مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ ئويلايدۇ!؟ ھەتتا پىروفېسسور ناممۇ ھەيران قالدى، ئۇ بۇنداق چوڭ بۆسۈشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى راست، ھەمدە بىر خىل ئىجادىي پىكىر بولۇپلا قالماي، يەنە بىراۋنىڭ نەچچە يۈز ئۇيقۇسىز كېچىلەردىكى تەپەككۈرىنىڭ يىغىندىسى، ئاڭدىكى بۆسۈش، شۇنداقلا پەۋقۇلئاددە ئىرادىنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىسى ئىدى! 
خۇددى كىشىلەر ئېيتقاندەك «ئەجرنىڭ تېگى ئالتۇن» بولدى. بارلىق دىسسېرتاتسىيە تەكشۈرلگەندىن كېيىن، تۆت نەپەر گېرمانىيەلىك پىروفېسسور ئۇنىڭغا ئەڭ ئادىل باھالارنى بەردى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ، ئۇيغۇر ئىلىم-پەن تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە، بۇنى چوقۇم شىنجاڭ تارىخىغا كىرگۈزۈش كېرەك. 
ساھىپجامالنى تەربىيەلەپ ھەقىقىي لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، پىروفېسسور جا چاۋجېڭ ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى جۇڭگو يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتور ئاشتى پونكىتىغا بېرىپ ئىككى يىل خىزمەت قىلىش تەكلىۋىنى بەردى. لېكىن قايىتىپ كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، مەكتەپ تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. چۈنكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار كېتىپ قالغان ئىدى. ئەگەر كەتمەكچى بولسا تەربىيەلەش ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ساھىپجامال بۇ پۇلنى تاپشۇرالمايتتى، ھەم تاپشۇرغۇدەك پۇلىمۇ يوق ئىدى. بۇ چاغدا ھۆرمەتلىك پىروفېسسور جا چاۋجېڭ بەكمۇ تىت-تىت بولدى، ھەمدە ئايالى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ مۈلۈك كېنىشكىسىنى رەنىگە قويۇش ھېسابىغا، ساھىپجامال ئۈچۈن كاپالەت بەردى. ئۇلار گۇۋاھلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ گۇۋاھلىققا ئالدۇردى. بارلىق نەرسىلەر مەكتەپكە تولۇق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن مېڭىشقا رۇخسەت بېرىلدى. ھازىر ساھىپجامال جۇڭگو يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، تەتقىقات ئورنىدىكى يوقىرى-تۆۋەن رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلار ئۇنىڭغا زور ياردەملەرنى بېرىۋاتىدۇ. 
دوكتور ئاشتى پونكىتى مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان جاي بولۇپ، ساھىپجامال ئۇ يەردە ياخشى ئىشلىدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئىككى ماقالە ئېلان قىلدى. بىرسى دۆلەت ئىچىدىكى يادرولۇق مەتبۇئادتا، يەنە بىرسى چەتئەللىدىكى يادرولۇق مەتبۇئادتا ئېلان قىلىندى. بۇ نەتىجە نەزىرىيەۋى فىزىكىدەك بۇ ساھەدە ئاسان ئەمەس. مەزكۇر تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلات بېرىپ، ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشتى. كېيىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىقتدارى بارلىقىدىن، دوكلاتتا يېڭىلىق ۋە بۆسۈش بولغانلىقىدىن بولدى. ئەمەلىي ئىقتىدارى يوقلار ئەلۋەتتە بۇنداق ئىلىم-پەن مۇنبىرىگە چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بېيجىڭدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 
شۇنداق قىلىپ، ساھىپجامال ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېراتسىيەسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تاماملاپ، 2000-يىلى نەزىرىيەۋى فىزىكا ئورنىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىردىنبىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دىسسېراتسىيە بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ھېچقانداق ئېىتبار بېرىشكە ئېرىشمىدى. بۇ پەقەت ئۇنىڭ 15 يىللىق قان-تەر بەدىلىنىڭ ئىپادىسى خالاس. ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇر تارىخىدىلا كەمدىن كەم كۆرۈلۈپ قالماستىن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىمۇ كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى نەزىرىيەۋى فىزىكا ئىنتايىن ئابىستراكىتلاشقان ساھە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋۋەپپەقىيىتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋېتىشى قەدىمىي ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تۇتۇشۇپ، شىنجاڭ زېمىنىغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بەخىش ئەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ! ساھىپجامالنىڭ نەمۇنىسى شىنجاڭدىكى يېڭى بىر ئەۋلات مىللىي ياشلارنىڭ ئەقىل ئىشىكىنى چەكتى. پەقەت ساھىپجامالدەك تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئىجادىي ئىزدىنىپ، ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشكەندىلا، ئۇيغۇرلاردىكى غايەت زور ئەقىل بۇلىقىنى چوقۇم ئاچقىلى بولىدۇ. 
ساھىپجامال-ئۇيغۇر تىلىدا «گۈزەل»، «چىرايلىق» دېگەندەك مەنالارغا ئىگە. بىزنىڭ ساھىپجامالنىڭ ئۆز ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى گۈزەل ئارمان ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرگە تولغان. ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزات ئەمەس، بەلكى ئارىمىزدىن چىققان تالانت ئىگىسى. بۈگۈنكىدەك ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن يېڭى دەۋردە، ئارىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ «پەرىزاتلار» يېتىشىپ چىققۇسى!
(تۈگىدى)

خاتىمە:
مەزكۇر ماقالىنى مەن دوكتور ساھىپجامال بىلەن پىروفېسسور جا چاۋجېڭنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يېزىپ چىقتىم. ماقالىنى يېزىۋاتقاندا قەلبىم ھاياجانغا تولۇپ، مېنى تەسىرلەندۈرگەن بارلىق مەزمۇننى يېزىپ چىقماقچى بولدۇم، لېكىن ئاقىۋەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم. چۈنكى ماقالە ئورگېنالىنى پىروفېسسور جا چاۋجېڭنىڭ نەزىرىگە سۇنغىنىمدا، ئۇ ئۆزى يېزىلغان يەرلەردىكى چوڭ ئىشلارنى كىچىكلىتىپ، كىچىك ئىشلارنى چىقىرۋېتىپتۇ. ئاخىرىدا جىكىلەپ، مېنىڭ ئۇنى يازماسلىقىمنى، چۈنكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ زور خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەزىرىيەۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنى ۋە يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك فىزىكا ئورنىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ساھىپجامالغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە پەقەت ساھىپجامالنىلا تەشۋىق قىلىشنى قايتا-قايتا تاپىلىدى. ماقالىنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ساھىپجامالغا ئەۋەتتىم. ئۇ مۇنداق دېدى، يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى راست، لېكىن جا مۇئەللىمنىڭ نەزىرىيەۋى فىزىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى پەقەت مەنلا ئەمەس، يەنە بىر قانچىسى بار، جا مۇئەللىمنى كۆپرەك يېزىڭ. پىروفېسسور جا چاۋجېڭنىڭ كۆڭۈل قويغان تەربىيەسى بولمىغان بولسا، بۇلار تالانتلىق بولالمايتتى. 
ساھىپجامال ماڭا باشقىلارنىمۇ زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ ئىككەيلەننىڭ پىكىرىگە قارىتا، مەن نېمە قىلىشنى بىلەلمىدىم. ئاخىرىدا مەن قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، تۆۋەندىكىلەرنى تولۇقلا قويۇشنى لايىق تاپتىم:
1. پىروفېسسور جا چاۋجېڭ جەمئىي 5 نەپەر ئۇيغۇر ئاسپرانت قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىككىسى ئوغۇل، ئۈچى قىز، بۇلارنىڭ ئىككىسى كىچىكىدە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ساھىپجامال ساۋاقدىشى ئايجامال بىلەن گېرمانىيەدە كۋانت ئىلىمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى ئېلىپ، شۇ يەردىكى دوكتور ئاشتى پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. قالغان ئۈچى گېرمانىيەگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. 
2. پىروفېسسور جا چاۋجېڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تالانت تەربىيەلىگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆگىنىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئىلىم-پەندە ئېتىبار بېرىش يوق. قانچىكى ئېتىبار بېرىلسە، شۇنچىكى ناچارلىشىدۇ». «شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىشىمىز كېرەك، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بولسا مىللىي مائارىپ. پەقەت مىللىي مائارىپنى يۇقىرى كۆتۈرسىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بىز خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە چوقۇم كۈچىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە مىللىي ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى تىرىشىشى كېرەك، تىرىشمىسا تالانتلىق بولالمايدۇ. مېنىڭ 5 ئوقۇغۇچۇمنىڭ ھەممىسى خەلقئارالىق پەن–تېخنىكا مۇنبەرلىرىگە چىقالىدى، ئۇلار ئۇ يەردە خەلقئارادىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ سىناقلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا ئېتىبار قىلمايدۇ، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە. ئۇ بىر ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغان، ھەمدە ئىلىمگە بولغا تۈزۈمى قاتتىق بولغان دۆلەت».
3. ساھىپجامالنىڭ دوكتور دىسسېرتاتسىيەسىنىڭ ئېنگلىزچە تېما نامى: 
« Toasards a Classification of UnitaryConformal Field Theories with Central charge c=2 and N=2 Superconformal Therries with c=3». ھازىر بۇ ماقالىنىڭ بەزى پىرىنسىپ ۋە خۇلاسىلىرىنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم داڭلىق ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ 5 پارچە يېڭى ماقالىسىدا ئىشلەتتى. 


ئەسلى خەنزۇچە مەنبە: 
http://www.ts.cn/GB/channel8/357/953/954/200508/29/180722.html?COLLCC=4038264164&COLLCC=4038314777&

ئۇيغۇرچە مەنبە:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى