ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوقەتچىلىگىمىزدىكى مەنىۋى نامراتلىق ۋە سودىدىكى كاساتچىلىق

ئوقەتچىلىگىمىزدىكى مەنىۋى نامراتلىق ۋە سودىدىكى كاساتچىلىق

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 2256 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوقەتچىلىگىمىزدىكى مەنىۋى نامراتلىق ۋە سودىدىكى كاساتچىلىق

مەتسىلىم مەتقاسىم



بازار ئىگىلىگى بىزدە باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىختىسادنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولغان سودا سانائەت ۋە قولھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز ھالدا ئالغا سىلجىتتى، ئۆتكەن ئوتتۇز نەچچە يىللىق تارىخ ئىگىرىكى ئەسىرلىك تارىخىتا قولغا كەلگەن نېتىنجىلەردىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ سودا ئېڭىمىز،دۇنيانىڭ،جۈملىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ سودا ئېڭى ھەم سودا سانائەتنىڭ تەرەققىياتى ئالدىدا بىرقىسىم يىتىرسىزلىكلىرى بىلەن بۇيۇن قىسىپ تۇراقتا.تاپاۋەتچىلىرىمزدىكى بىكىنمىچىلىك ۋە مەنىۋى نامراتلىق ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسىدۇر. مىنىڭچە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ باشقىلارغا يىتىشۋېلىشنىڭ كەڭ ئىمكانىيەتلىرى بىزگە يۈزلۈنۈپ تۇرىۋاتقان تارىخى پۇرسەتتە يېنىلا سورەلمىلىك قىلىش ئۇياتلىق ئىشتۈر.مەلۇمكى ئوقەتچىلىك ئاتالغۇسى بىزدە يىراق تارىخىتىن باشلاپ ناھايىتى كەڭ مەنىدە ئىشلىتىلىپ كەلدى، يەنى ئۇنىڭ ئىچىگە سودا ـ تىجارەت، ئېلىم ـ سېتىم،قول ھۈنەرۋەنچىلىك،قول ھۇنەرۋەنچىلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن يىنىك سانائەت،ئۇنىڭ قازىرقى تەرەققىياتى بولغان شىركەت ،كارىخانىلارمۇ كىرىدۇ. يۇقارقى كەسىپلەر بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار بولسا بىزدە يەنە ‹تاپاۋەتچىلەر›، ‹ ئوقەتچلەر› دەپ ئاتىلىدۇ.كەمىنە مۇئەللىپ مۇشۇ ئادەتكە ئاساسەن مەزكۈر يازمىسىدا سودا سانئەتچىلەرنى ‹ئوقەتچىلەر› دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتى. 
قايسى بىر كۈنى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى چەرچىن مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كىلىۋاتقان قۇشنىمىز يېقىندىن بۇيان تىجارىتىنىڭ يۈرۈشمەي ئائىلىسىنىڭ ئادەتتىكى يىمەك ـ ئىچمىگىنىمۇ قامدىيالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋىدى تۇرۇپلا ئويلۇنۇپ قالدىم،قوشنامنىڭ مىنى ئۆز بىلىپ دىگەن بۇ گىپى ماڭا بەئەينى تۈگە ئۈستىدە ئولتۈرۈپ تۈگە ئىزدەپتۇ دىگەندەك قىزىقارلىق تۇيلدى. مۇشۇ كۈنلەردە ناھىيىنىڭ ئاۋات بازىرىدا چەرچىن مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تىجارەتچىنى ئائىلىسىنىڭ تۈۋەن چەكتىكى ئىستىمالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دىسە كىممۇ ئەجەپلەنمەي تۇرالىسۇن!؟ بۇ ئەزەلدىن سودا ـ تىجارەتنى جان بېقىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى بېيىپ زەردارلارغا ئايلىنىشنىڭ بىردىن بىر يۈلى دەپ قارايدىغان، شۇنداقلا سودا ـ تىجارەت رىسالىسىنى ئەن ئەنىۋى ئۆرۈپ ـ ئادەتنىڭ باشقا پەرھىزلىرى بىلەن ئوخشاش كۈرۈدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. شۇنىڭدىن كىيىن مەن تاپاۋەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىگە ئالاھىدە نەزەر سالىدىغان، ئۇلارنىڭ تاپاۋەت يوللىرىدىكى دۇقاللار ئۈستىدە ئۆزۈمچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىزدەنگەنسىرىم بىر قىسىم ئەھۋاللار سەمىمگە ئايان بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئەجداتلىرىمىزنىڭ سودا ئېڭى يىپەك يۇلى گۈللەنگەن ئەينى دەۋىرىلا شەكىللەنگەن.غەرىپ ۋە شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر بىرىگە سىڭىشىشى ئۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى ئىدى.ئەجداتلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەتكە بولغان چىۋەرلىگى توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا ئەڭ ئاۋال پۈتكۈل دۇنيانىڭ سودا تىجارەت تارىخىدا يادىرولۇق ئۇرۇن تۇتۇپ كىلىۋاتقان يىپەك يولى ‹بۈيۈك كارۋان يۇلى› بىلەن ، باشقىلار تەرىپىدىن « جۇڭگونىڭ يەھۇدىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان ئاتۇشلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ سودا ئېڭى توغرىسىدا توختالماي بولمايدۇ.چۈنكى يىپەك يولى سودا ئارقىلىق قىتئەلەرنى قىتئەلەرگە چاتقان بولسا، ئاتۇشلۇقلار ئەينى دەۋىرلەردە يىپەك سودا ئارقىلىق يۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەجداتلارنىڭ سودا روھىنى ئۆز ۋۇجۇتلىرىدا بىردىن بىر ساقلىغانلاردۇر. ئەجداتلىرىمىز تارىخىتا كوچمەن چارۋىچىلىك مەدەنىيەتىدىن، تەدىرجى ھالدا دىھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە كوچكەندىن كىيىن بىر پايان يايلاقلاردىكى چاچقۇن ئولتۈراقلىشىشتىن، ئاسىيانىڭ ئىچكى چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى كوجۇم بوستانلىقلاردا توپلۇشۇپ ئولتۇراقلىشىش دەۋرىگە قەدەم باسقان.كىيىن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزگۈرىشى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش ۋە تىرىكچىلىك ئادەتلىرىنى ئاستا ئاستا ئۆزگەرتىپ ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش يەنى سانائەتنىڭ دەسلەپكى ئىپتىدائى شەكلى بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى بارلىققا كەلتۈردى.تۈرلۈك تۇقۇلما بۇيۇملار يەنى ئۇشتە خامچىلىق، يىپەك،گىلەم،جاۋىچىلىق، تۇرمۇش لازىمەتلىكرىدىن قېرىمچىلىق، ياغاچچىلىق، تۈمۈرچىلىك مىسكەرچىلىك، زاگەرچىلىك، نەققاشلىق، تىكىمچىلىك، مەھسۇلاتلىرى، دىھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق كەسىپلىرىگە كىرەكلىك ھەر خىل ئۈسكىنىلەر ئەجداتلىرىمىز ئەقىل پارىسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئەنە شۇ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىختىراسى ئارقىلىق بارىققا كەلدى.قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى كىشىلەر ئارىسىدىكى توۋار ئالماشتۈرۈش ئۇسۇلىنى يېڭى باسقۇچقا كۈتۈردى، مانا مۇشۇ خىل ئۆزگۈچە تارىخى جەرياندا سودا ـ تىجارەتتىن ئىبارەت يېڭىچە ئالماشتۈرۈش شەكلى بارلىققا كىلىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغىچە سىڭىپ كىردى.دىمەك سودا تىجارت بىر تەرەپتىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ ئۈستۈنلىگىنى نامايەن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ جەمئىيەت شەكلىنىڭ يېڭى بىر باشقۇچقا قاراپ سىلجىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.ھەرقانداق مىللەتنىڭ جەمئىيەت شەكلى ئۇلارنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ شۇنداقلا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى بەلگۈلەيدۇ، جۈملىدىن ئەجداتلىرىمىز قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئارقىلىق سودا تىجارەتنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كىيىن سودىنى ئىچكى قىسىمدىن، تەدىرجى سىرىتقا يۈزلەندۈردى،بۇ ئەلبەتتە ئەينى دەۋىردىكى ئىھتىياج بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىختىزادى قانۇنيەتنىڭ قۇزغاتقۇچ كۈچى ئارقىلىق كۈندىن كۈنگە يۈكسەلگەنلىكنىڭ بىشارىتى ئىدى.قەدىمكى يىپەك يۈلى مانا مۇشۇ تارىخى دەۋىرنىڭ مەھسۇلىدۇر، يىپەك يۇلىنىڭ ئەتىراپتىكى رايۇنلاردىن بارا بارا يىراقتىكى ئەللەرنىڭ ئىھتىياج تەلىۋىنى قاندۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ ئۇزۇرىشى ھەتتا باشقا قىتئەلەرگىچە سۈزۈلۈپ، ئاخىردا غەرىپ ۋە شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرۈتكە بۇلىشى تارىخى مۆجىزىدۇر.مانا مۇشۇ ئۇزۇن يوللاردا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ باشقا ئەل خەلىقىرىگە بولغان دوستانە مىھرى سەل كەبى ئاققان ئىدى.يىپەك يۇلى ئۆز رۇلى بۇيىچە يېنىلا سودا يۇلى، ئالماشتۈرۈش يۇلى ۋە دوستلۇق يۇلى ئىدى،ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى سودىنىڭ ئوبروت سۈرئىتىنىڭ ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە ئاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.شۇڭا كىيىنكى دەۋىرلەردە يىپەك يۇلى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان ئالىملار يىپەك يۇلىنىڭ دۇنياۋى سودىنىڭلا ئەمەس،دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بىرىشتى،دۇنيا قەدىمقى جەمئىيەت تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى مورگاننىڭ‹ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكانغا كۆمۈكلۈك،قاچان بۇ ئاچقۇچ تېپىلسا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى ئاشكارە بۇلىدۇ› دىگەن مەشھۇر قارىشى دەل يىپەك يۇلىنىڭ شەۋكىتىگە ھەم كىشىنىڭ كۆڭلىنى سىھىرلەيدىغان خاسىيىتىگە قارىتىلغان.يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىش بىر ھېساپتا ماگىلاننىڭ يېڭى دېڭىز يوللىرىنى ئېچىپ دۇنيانىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىنى بىراقلا سىلجىتقانلىقىغا ئوخشايدۇ.دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كىيىنكى باسقۇچلاردىكى مۆجىزە توسىنى ئالغان تەرەققىياتى ئەلبەتتە يىپەك يۇلىدا ئۇزۇلمەي داۋام قىلىۋاتقان ئالماشتۈرۈشنىڭ نېىنجىسى ئىدى.
خوش، ئەمدى بىز ئاتۇشنىڭ جۇملىدىن ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا تىجارەت ئېڭىنىڭ ئۇستۈنلىگى ھەم ماھىرلىقىغا كەلسەك گەپ يېنىلا يىپەك يۇلىغا ئۇلىنىدۇ.يەنى ئاتۇش قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ئۇ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر.ئەينى دەۋىردە غەرىپ ۋە شەرىق مەدەنىيەتنى ئالماشتۈرۈش ئۈچۈن يىپەك يۇلىدا سەپەر قىلغان ھەرقانداق كارۋاننىڭ قەدەم ئىزلىرى ئاتۇش زىمىنىغا بېسىلماي قالمايىتتى،يەنە كىلىپ ئاتۇش تەۋەسىدە ئۇلارنىڭ ئارام ئالىدىغان قۇنالغۇلىرىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى مال( سودا بۇيۇملىرى) ئالماشتۈرىدىغان سارايلىرى(كىيىنكى دەۋىرلەردىكى كوپراتىپ توسىنى ئالغان سودا سارايلار) بار ئىدى،شەرىق ۋە غەرىپتىن قارمۇ قارشى كىلىۋاتقان كارۋانلار توپلىرى دەل ئاتۇشقا كەلگەندە مال ئالماشتۇراتتى.مال ئالماشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە سودا تىجارەتنىڭ يەنە بىر تورى بۇلۇپ ئۇ كىيىنكى دەۋىرلەردىكى توپ مال تارقىتىشنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى.مانا مۇشۇ خىل ئەۋزەللىك ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ سودا ئېڭىنى يىتىلدۈرۇپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردىكى سودا تىجارەتكە بولغان چىۋەرلىگىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ تارىخى جەريان كونىلارنىڭ : ‹ ياغنىڭ يېنىغا بارساڭ كىيىمىڭگە ياغ يۇقىدۇ› دىگەن تەمسىلىگە دەل ئوخشايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرىۋاتقان‹ ئاتۇشلۇقلار بالىسىغا بىر نان بەرسە بالا قۇرسىقى شۇنچە ئېچىپ تۇرسىمۇ ناننى دەرھال يېۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنى يۇقۇرى باھادا سېتىپ پۇلىسىدا تىجارەت قىلىپ، ئەسلىدىكى بىر ناننى ئىككى قىلغاندىن كىيىنلا بىرىنى يەيدۇ›،‹ سابىق سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارىن ئاي شارىغا چىققاندا ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ئاللىقاچان ئاي شارىدىكى تىجارىتىنى تۈگۈتۈپ يەرشارىغا قايتقان ئىكەن› دىگەن يۇمۇرلاردىمۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا ئېڭى ئىخچام ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.گەپنى يىراقتىن كۆرە يېقىنغا يوتكىسەك ئاتۇشلۇقلار ئىشىك سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ باشلامچىلىرى سۈپپىتىدە ئەجداتلىرىنىڭ سودا روھىنى ۋۇجۇدىدا قايتا نۇرلاندۈردى. ئۇلار ئۇتۇش،قەشقەر، يەكەن،ئۈرۈمچى قاتارلىق ئۇرۇنلارنى مەركەز قىلىپ سودا تىجارەت قىلىشتىن بىراقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىيىنرەك ئوتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا قەدەم باستى.ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزى ياۋرۇپادىن ھالقىپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگىچە يىتىپ باردى.ئەمدى ئەل ئارىسىدا تارقالغان‹ دۇنيانىڭ قانداق يېرىگە بارساڭ بىرەر ئىككى ئاتۇشلۇققا يۇلىقىسەن› دىگەن گىپىمۇ مۇبالىغە بولماي قالدى.ھازىر ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى چوڭ ـ كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا ھازىر ئوتۇرا ئاسىيا دوۋلەتلىرىدىلا تىجارەت قىلىۋاتقان ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر 5000دىن ئاشىدىكەن. قىرغىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدىكى ئۈچ چوڭ سودا بازىرىنىڭ ئىككىسى ئاتۇشلۇق سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتى بىلەن يۇرىشىدىكەن.ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئۇستۈن بولغان سودا ئېڭى ۋە سودا ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۈش روھىنى ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ قەدىمقى يىپەك يۇلى بىلەن بولغان باغلىنىشىدىن باشقا،مۇھىمى ئۇلارنىڭ كىيىنكى دەۋىلەردىكى تىجارەتكە كىرىششنىڭ ئالدىدىكى ئىدىيى ۋە ماددىۋى تەييارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ئادىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ كونكىرىتنىلاشتۈرساق باشقا يەرلىك تىجارەتچىلەر جان بېقىش ئۈچۈن باشقا يول تاپالماي، ئاخىردا تىجارەت يۇلىنى تاللاپ ئاۋال يول ئۇستىدە بىرەر تۇخۇنى يىگىرمە يۈئەنگە سېتىۋېلىپ، كىيىن ئۇنى بازارغا ئەكىرىپ يىگىرمە ئىككى يۈەنگە سېىتىپلا تىجارەتكە قىزىقىپ قالغان بىلەن، ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر بۇ خىل ئىستىخىلىك تاللاش باسقۇچىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن.بەلكى بۇنداق باسقۇچنى ئاتۇشلۇقلارنىڭ تۇلىمۇ يىراقتا قالغان ئەجداتلىرى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تەجىربە ـ ساۋاقلار ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۇرۇنلاپ بولغان،دىمەك ئۇتۇشلۇقلار سودا تىجارەتكە كىرىشىشتىن ئاۋال ئۆزىنى تۇلۇق دەڭسىۋالىدۇ،يەنى ئۇلار ئاۋال پەننى بىلىملەر بىلەن، سودا بىلىملىرىنى پۇختا ئۈگۈنىدۇ،بۇ تەرىپى يېنىلا باشقىلارنىڭ سودا تىجارەتنى ‹ ئۇستازسىز ھۈنەر› دەپ قاراپ« ئېزىپ ـ تېزىپ» كىرىپ قالغانلىقىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ.ئۇلار بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەش،ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بىرىش، مال سۈپپىتىنى تاللاش قاتارلىق مۇھىم ھالىقىلاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.ھەرگىزمۇ باشقىلاردەك سودىدىكى رىسقىنى باشقىلارنىڭ ئىنساۋىدىن تەما قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. 
بۇ يەردە تېخى يېقىندىلا يۇلۇقتۇرغان بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.يەنى بىر ئۇقۇتقۇچى تۇنۇشۇم ماڭا ئۆزىنىڭ تورخانىغا كۈنۈپ مەكتەپتىن قاچقان ئوغلى ئۈستىدە داتلاپ بەردى. ‹ ئۆزۈڭىز زىيالى، يەنە كىلىپ پىشقەدەم مائارىپچى تۇرۇپ كەنجى ئوغلىڭىزنى باشقۇرالماي داتلىسىڭىز قاملىشامدۇ،› دىسەم ئۇ: ‹ ئۈچ بالىنىڭ ئىككىسىنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتتىمغۇ؟ بۇ كەنجىسى پىچەك چىققان تۇرسا،مەندە نىمە ئامال دەيسىز؟بېسىم ئىشلىتەي دىسەم يىراقلارغا قېچىپ كىتىشتىن ئەنسىرىدىم،ئۇقۇشتىن تالىيى بولمىغاندىكىن كىيىنچە تىجارەت قىلىپ جېنىنى باقاردەيمەن!› دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭ بۇ ئاددى جاۋابى نىمىشقىدۇر مىنى تەگسىز خىياللار باغرىغا بۆلىدى. تۇلىمۇ تاساددىبى بولغىنى ئۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ئىشنى ئىسىمگە سالغان ئىدى.ئىنىقراق دىسەم مەكتەپتىن ئارىلاپ قېچىپ يارلىقتا مۈكۈشمەك ئوينايدىغان ئويۇن قېپى ئۇقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى بىلەن قىلىشقان ئۇ قىسقا پاراڭنى ئۆتكەن يىللاردا ئۈنتۈپمۇ كەتكەن ئىدىم. ئەينى چاغدا ئۇقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى مىنىڭ:‹ بالىڭىزغا ئائىلىدە ياخشىراق نەسىھەت قىلىڭ،ئۇ مۇشۇنداق ئۇيۇن قېپى بۇلۇپ كەتسسە چوڭ بولغاندا جېنىنى قانداق باقىدۇ›دىگەن سۇئالىمغا ئۇ:‹ قانداق قىلىمەن مۇئەللىم، بالىغا نەسىھەت قىلىپ ئېغىزىمنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشەي دىدى،بىراق بالام قامغا كىرمىدى.ئۇنىڭ ئۇقۇشتىن تەلىيى بولمىسا كىيىنچە بىرەر ئۇستىغا تۇتۇپ بەرسەم ھۈنەر ئۈگۈنۈپ جېنىنى باقار›دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن سەل خاپا بۇلۇپ:‹مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇمىغان بالا قانداقمۇ ھۈنەرنى ياخشى ئۈگىنەلەمدۇ؟› دىسەم ئۇ تۇلىمۇ خاتىرجەم ھالدا:‹ ھۈنەر ئۈگۈنەلمىسە سودا ـ سېتىق قىلىپ جېنىنى باقار›دەپلا گەپنى خۇلاسىلىغان ئىدى.ئۆز ۋاختىدا مەن بۇ جاۋاپقا ئانچىمۇ ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم.مانا بۇ قېتىم ئۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمدا تەبىئى ھال ئىككى خىل سېلىشتۇرما ھالەتنى شەكىللەندۈردى.راست، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان،شۇنداقلا ئويغاق قەلىبلەرگە ۋەزنى ئېغىر سۇئاللارنى قۇيىدىغان سېلىشتۈرما ئىدى.يەنى ئارىدا ئۆتكەن ۋاقىت يىگىرمە نەچچە يىل. ئالدىنقىسى مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن، ئەتىدىن كەتكۈچە دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن بەنىت بۇلۇپ يۈرۈيدىغان مويسىپىت دىھقان. كىيىنكىسى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان بىلىمى مول قابىل ئۇقۇتقۇچى،مەكتەپكە كەلسەك بىرى ئەينى دەۋىردىكى تاملىرىدا ھوپوپ ئۇۋا سالغان سوقما تاملىق ۋەيرانە مەكتەپ.ئۇنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ھېچقانداق جەلىپكارلىقى يوق.كىيىنكىسى بولسا ھازىرقى بىنالاشقان،ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، ھويلا ـ ئاراملىرى باغچىلاششقان كۆركەم مەكتەپ.ئالدىنقىسىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان جەلىپكارلىق ھەم ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بولمىغان بىلەن،كىيىنكىسىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ھەر خىل ئۇيۇنچۇقلار تەل. ئەپسۇس، مەكتەپنىڭ شارايىتى ئوخشاش بولمىغان بىلەن نېتىنجە ئوخشاش.يەنى ھەر ئىككىلا بالا مەكتەپىن قاچقان،كىشىنى تېىمۇ ئويغا سالىدىنى بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسى تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان دادىلىرىنىڭ ئويۇن قېپى بالىلىرىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە تۇتقان يۇلى ئوخشاش.يەنى ھەر ئىككىلىسى سودا تىجارەتنى يارامسىز بالىلىرىنىڭ بىردىن بىر چىقىش يۇلى دەپ قارىغان.قىسقىسى ئۇلار ئۈچۈن سودا تىجارەت جەمئىيەتتە پەقەت چىقىش يۇلى تاپالىغانلارنىڭ بازىسىدۇر.دەرۋەقە سودا تىجارەت ھەممە كىشى قىزىقىدىغان كەسىپ.ئەقلى ھۇشى جايى بولغان ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىنى سىناپ باققۇسى كىلىدۇ.ئۇنىڭسىزمۇ ئۆتكەن يىللاردا بازارلار جانلىنىپ سۇدا ـ سېتىق يوللىرى راۋانلاشتى. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشى ئېلىم ـ سېتىم ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ تاپاۋەتچىلەر سېپىگە قۇشۇلۇپ كىتىشتى. ھەتتا تۇمۇر دەپتەردە ئىسمى بارلارنىڭمۇ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بۇ قاينامغا تەۋەككۇل قىلىپ كىرىپ كىتىشتى.بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ يۇقارقى مىسالغا ئوخشاش تۇرمۇشتا چىقىش يۇلى تاپالىغانلار ئەمەس،بەلكى تۇرمۇشىنى ئىلگىرىكىدىن باياشات قىلىشنى ئويلىغانلاردۇر.يەنى ئۇلارنى بىز تاپاۋەت قىلىشقا مەجبۇر بولغۇچىلار ئەمەس،بەلكى ئاقىلانىلىق بىلەن تاللىغۇچىلار دىسەك توغرا بۇلىدۇ.دىمەك تاپاۋەتنى ياشاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى،قۇلىدىن باشقا ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ چىقىش يۇلى دەپ قاراش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.مىنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ بىزدە مۇئاييەن ئىجتىمائى مەنبىيى بار. 
دەرۋەقە بىز ئۇزاقتىن بۇيان قۇل ھۈنەرۋەنچىلىككە چىۋەرلىگىمىز، ناخشا ئۇسۇلغا ھېرىسمەنلىگىمىز مۇھىمى سودا ئارقىلىق قەدىمى يىپەك يۇلىنى ئاچقانلىقىمىز بىلەن ماختىنىپ كەلدۇق.ھەم مۇشۇ ئاساستا ناخشا ـ ئۇسۇل ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە ئۇنى زامانغا لايىق ھالدا يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئىلمى يوللىرى ھەققىدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردۇق. بىراق مىللىتىمىزنىڭ يەنە بىر شەۋكىتى بولغان تىجارەت ۋە تاپاۋەت ئىشلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە سسېتمىلىق ئىزدىنىپ باقمىدۇق. مىنىڭچە سودا يوللىرى راۋان ھەم بىخەتەر بولىۋاتقان مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا بىزنىڭ تۈۋىنى تەنزىكەشلىرىمىزدىن باشلاپ، يۇقۇرىسى كارخانچىلىرىمىزنىڭ سودا ئېڭىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم يىتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ، تەجىربە ـ ساۋاقلار ئاساسىدا ئىجابى يوللارنى ئاچىدىغان ۋاختىمىز ئاللىقاچان كىلىپ قالدى. ئەمدى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى نەچچە ئون يىل تىجارەت قىلىپمۇ روناق تاپالماي بىر ئىزدا تۇرۇۋاتقانلار،ھەتتا شەھەر،بازارلاردىكى تىجارەتچى دىگەن ئاتاققا ئىگە بۇلۇپ تۇرۇپمۇ غۇرۇگول تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ئۆزىگە تارتىشى كىرەك.بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئاۋات شەھەرلىرىمىزدە قۇرۇلغان تۈرلۈك نامدىكى ئاشخانىلار،مىلىچ ماللار دۈككانلىرى، تاللا بازىرى، ناۋايخانىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھازىرمۇ ئۆز پېتىچە تۇرىۋاتقانلىقىنى،ئاشخانىلارنىڭ رىستۇرانلارغا، تەنزىكەشلەرنىڭ دۇككاندارلارغا، مىلىچ ماللار دۇككانلىرىنىڭ تاللا بازىرىغا دوككاندارلارنىڭ غوللۇق تىجارەتچىلەرگە، غوللۇق تىجارەتچىلەر شىركەت ھەم كارخانىچىلارغا تەرەققى قىلالماسلىقتەك بىنورمال ئەھۋال ئۈستىدە ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىز كىرەك.ئەلبەتتە بۇ ۋەزنى بەكمۇ چوڭ تىما،شۇنداقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن خالىغان ئادەم چىقالمايدۇ.قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىگەندەك ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىنى مۇھاكىمە قىلىشقا كەسىپ ئەھىللىرى،يەنى مىللى سودا ـ سانائىتىمىزنىڭ باشلامچىلىرى،سودا دېڭىزىغا سەكرەپ تەجىربە ـ ساۋاقلارغا ئىگە بولغانلار،سودا ئارقىلىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلىۋاتقان ساناقلىق يولباشچىلار ئۇرۇنۇپ كۆرگىنى تۈزۈك.دەرۋەقە مىنىڭ بۇ ئاددى يازمام مۇشۇ ئەھمىيەتلىك تىمىغا كەسىپ ئەھلىلىرىنى قىزىقتۈرۈپ بىرەلىسىلا مەن مەخسەتكە يەتكەن بولىمەن. 
شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى چۈشەنچەم ئاساسىدا بۇ يىتەرسىزلىەرنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى بىزنىڭ بالا تەريىلەش ئادىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.يەنى بىزدە بالا تەربىيلەشتە ئىنتايىن ناچار بىر خىل ئادەت شەكىللەنگەن. يەنى كوپ كىشىلەر پەرزەنىتلىرىنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنى پەقەت ھۈكۈمەتنىڭ تۈمۈر دەپتىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن دەپلا بىلىدۇ، قىسقىسى ئۇلار بىلىمنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى پەقەت بىر نوختىغىلا. يەنى ھۈكۈمەتنىڭ تىزىملىكىدىكى خىزمەت قىلىشقىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ باشقا رولىنى قارىغۇلارچە يوققا چىقىرىدۇ. قىسقىسى مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇماي تۇرمۇشتا ھېچقانداق چىقىش يۇلى تاپالمىغان پەرزەنىتلىرىنى سودا تىجارەت قىلىشقا زورلايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ يۇقۇرىسى كارخانا قۇرغان زەردارلىرىمىزدىن باشلاپ، كوچىلاردا تەنزىكەشلىك قىلغان ئۇششاق تىجارەتچىلىرىزنىڭ ئاساسلىق قىسمى يۇقارقى قاراشنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. ھەتتا ئۇلارنىڭ ككپ قىسمى مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن. بەزىلىرى ھەتتا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان تىجارتنىڭ ھېساۋىنىمۇ قىلالمايدۇ. شۇڭا بىزدە دەسلەپتە روناق تاپقان بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ كىيىن ئاستا ئاستا زاۋالىققا يۈز تۈتىشى مۇشۇ سەۋەپتىندۇر. يەنى خۇجايىننىڭ ساپاسى بولمىغاچقا ئۇلار يېڭى دەۋىرنىڭ تەلىۋىگە، يېڭى تۈرلەشنى يولغا قۇيۇشقا جۈرئەتلىك بلالمىغان. قىسقىسى ئۇلار سودا تىجارەتنى دەسلەپتە ياشاشنىڭ ئاساسالىق ۋاستىسى قىلماي، بەلكى ياشاشتا چىقىش يۇلى تاپالاماي ئىلاجىسىز تاللىغان يولى قىلغاچقا ئۆزىدە يىتەرلىك بىلىم قابىليەت ھازىرلىمىغان.قىسقىسى ئاۋال بىلىم ساپا ھازىرلىماي تاپاۋەت قىلغانلار دەسلەپتە بېيىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ كىيىن قۇلىدىكى مال دۇنيانى لايىقىدا باشقۇرالماي ئاخىردا پەيران بۇلۇپ كىتىدۇ.بۇنداق مىساللار بىزدە ناھايىتى كۆپ يېپىلىدۇ.بىز يۇقارقى نورمالسىز ئەھۋاللارنى جەم قىلىپ ئانالىز قىلىپ باقساق نۆۋەتتە بىزنىڭ تاپاۋەتچىلىرىمىزدە بىلىم ساپا ئىگىلەشكە ئىتىۋار بەرمسىلىك.ئىجاتچانلىق، ھەمكارلىق روھى بولماسلىق،بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك. ئۆزىنى كۆرسۈتۈشكە ئالدىراش. ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق يول ئېچىشقا ماھىر بولماسلىق.تاساددىبى ۋەقەلەرگە قارىتا ھېچقانداق تەييارلىقى بولماي،ئازراق زىيانغا يۇلۇققان ھامان تۈگۈشۈپلا كىتىش. پايدىنى كۆرۈپلا خۇيىنى ئۆزگەرتىش. بىر بىرسى بىلەن دۇشمەنلىك ئاساسىدا رىقابەتلىشىش قاتارلىق نوخسانلاردىن باشقا ممۇھىمى تۈۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك گەۋدىلىك يىتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا. 


دورامچىلىق قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى نامايەن قىلالماسلىق

ھازىر بىز بازارلىرىمىزغا قاراپ باقساق بىر قىسىم تاپاۋەتچىلىرىمىزنى دورامچىلىق يىتەرلىك قورشاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز خاسلىقىنى نامايەن قىلىش روھىنى سۈندۈرۋاتقانلىقىنى ماڭدامدا بىر كۆرىمىز. دورامچىلىقىنىڭ زىيىنىغا بىزنىڭ بىر قىسىم نادان كىشىلىرىمىزلا يېپىشماستىن بەلكى نۇرغۇنلىغان شىجائەتلىك،پاراسەتلىك، جۈرئەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ قارىغۇلارچە يېپىشماقتا..گەرچە تاپاۋەتچىلىرىمىزدىكى دورامچلىق يەنە بىر جەھەتتىن ئوخشاش تۈردىكى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى رىقابەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارالسىمۇ، بىزدە ئۇنىڭ تەقدىرى باشقىچىرەك بولىۋاتىدۇ.يەنى ئۇنىڭ پايدىسىدىن زيىنى ئارتۇق بۇلۇپ تۈرلۈك سودىنى كاساتلاشتۇرماقتا.ساغلام بولمىغان رىقابەتنى پەيدا قىلىش،ئىجاتچانلىقىنى بۇغۇش درامچلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ئىپادىسىدۇر. تەگلەپ كۆرسەك بىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىمىزدىكى بىر بىرسىگە تۇتاش كەتكەن ئوخشاش خاراكتىردىكى مىلىچ ماللار دۇككانلىرىدىن تارتىپ، يەنە شۇ قاتاردا خۇددى خۇمداندا قويغان كىسەكتەك ئوخشاش ئاشخانا،ناۋايخا ۋە ئاللىقانداق تاپاۋەت ئۇرۇنلىرىنىڭ سودىسى يۈرۈشمەيۋاتسىمۇ ئۇلار دورامچىلىقىنى يەنە بىمالال داۋاملاشترۇماقتا. دورامچىلىق ئۇلاردا شۇنداق ۋايىغا يەتكەنكى ئاشخانىلارنىڭ تاماق تۇرلىرىدىن باشلاپ، تەم خۇرۇخلىرىىچە، ناۋايخانىلاردا يېقىلغان نانلارنىڭ شەكلىدىن باشلاپ سۈپپىتىگىچە، مىلىچ ماللار دۇككانلىرىدىكى ئاددى تازلىق قەغىزىدىن باشلاپ،يۇقۇرىسى ئوخشاش ماركىدىكى ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىغىچە جىپسىلىشىپ خاسلىقىنى ئېچىنىشلىق ھالدا يۇقاتقان. قارىماققا ئاشخانىنىڭ تېمىغا چاپلاپ سېلىنغان ئاشخانا، ناۋايخانىنىڭ تېمىغا چاپلاپ سېلىنغان ناۋايخانىلاردىكى «ئاۋاتلىق» كۆزلەرنى قاماشتۈرىدۇ.بىراق بۇ مەنزىرىلەرگە ئەقىل كۆزىدە قاراپ باقساق بىر قىسىم غەيرى ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز، بىرسى ئاشخانىسىنى «چەيزە لەڭمەنخانىسى» دىگەن نامدا ئېچىپ سەيلىرىدە چەيزىنى گەۋدىلەندۈرسە، يەنە بىرسى باشقا بىر سەي تۈرىنى گەۋدىلەندۈرمەستىن دەل خوشنىسىغا ئوخشاشلا « چەيزە لەڭمەنخانىسى»نىڭ ۋاريانتىنى قۇرۇش ھادىسىسى كەڭ ئەۋىج ئالغان.نىمىشقا بىزنىڭ يىمەك ـ ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ئەقلى بىر بىرسىنى دورۇشقىلا يىتىپ،ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى بەرپا قىلىشقا يەتمەيدىغاندۇر،دورىغان تەقدىردىمۇ نىمىشقا ئىلمى رىقابەت ئاساسىدا دورىماي، بىر بىرسىنى ۋەيران قىلىش مەخسىتىدە دورىيدىغاندۇر!؟بازارلىرىمىزغا قاراپ باقساق دورامچىلىق يىمەك ـ ئىچمەك تىجارىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولماقتا.دورامچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە ھۆپىگەرلەرنىڭ ئارىسىدا ساغلام بولمىغان رىقابەتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مۇبادا بۇ خىلدىكى تاپاۋەت ئۇرۇنلىرىنىڭ بىزىلىشىدىن باشلاپ، يىمەك ـ ئىچمەكلىرىنىڭ تۈرى ھەم تەم ـ خۇرۇچلىرىدا ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن بولسا ئىدى ئۇلار خېرىدارلارنى ئەمەس، خېرىدارلار ئەلبەتتە ئۇلارنى تاللىغان بولاتتى.ئېچىنارلىقى بۇ خىلدىكى تاپاۋەت ئۇرۇنلىرىنىڭ سودىسى كاساتلاشقان بۇلۇپ بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاددى تۇرمۇشىنىمۇ قامدىيالماي ئاخىردا زاۋالللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ.مانا بۇ دورامچلىقىنى كەسىپ قىلۋالغان تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ تەقدىرى.بىز بۇ يەردە نەزىرىمىزنى تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ يۇقۇرى تەبىقىسىگە مۇنداقچە ئېيىتقاندا كارىخانا،شىركەتلەرگە نەزەر سالساق تېخىمۇ ئەپسۇسلەنىمىز،كەمىنە ئاپتۇر ئۆزىنىڭ ئاساسى مەۋقەسىدە مىللى كارخانىچىلاردىن پەخىرلىنىشنى، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق روھىغا مەدەت بىرىشنى ۋىژدانى مەسئۇلىيەت دەپ بىلگەچكە ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان دورامچىلىقىنى تەپسىلى تىلغا ئېلىشتىن چەكلەندى.شۇنداقتىمۇ مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ پىچىنە ـ پىرانىك،قۇۋەت تالقانلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى،چىش پاستىسى،چاچ سۇپۇنى،ئىچىملىك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقىلا مەركەزلىشىپ قالغان رېئاللىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانماي تۇرالمايدۇ.مۇھىمى دورامچلىقىنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ھېلىقى جېنىنى باقالماي زاۋال تاپقان ئاشخانىلاردەك ئاقىۋاتكە دۇچار بۇلۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ...


تۇترۇقسىزلىق قىلىپ داڭلىق ماركا يارىتالماسلىق:

ماركا يارىتىش ئوقەتچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى خاس كارىخانا ۋە شىركەتلەرنى قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرۋاتقانلار جىددى كۆڭۈل بۇلۇشكە تىگىشلىك مەسىلە.دەرۋەقە داڭلىق ماركا كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپپىتىنى نامايەن قىلىدىغان بىردىن بىر بەلگىدۇر.داڭلىق ماركا يارىتىش بىرۋاستە كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىگە ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. مىللى كارخانىلىرىمىزدا ھازىرقىدەك ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەۋىج ئېلىۋاتقان تارىخى شارائىتتا داڭلىق ماركا يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىش مىنىڭچە باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىمدۇر.ھازىر مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ماركا ئېڭى يىتىلىش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ گەۋدىلىك يىتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا دادىل ئىزدەنمەي بولمايدۇ،مۇدا كارخانا قۇرۇپ خىېلى ۋاخقىچە ئۆز ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەن،يامان بولغىنى ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۈپ ئۇنى ئەتىراپقا تۇنۇتۇشنى ئاۋارىچىلىق دەپ بىلىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ سەمىگە نۇقۇماي، ھەمدە ئۇلارنى پۇرسەتنى غىنىمەت بىلىپ كارخانىسىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى رۇياپقا چىقىرىشىغا مەددەت بەرمەي بولمايدۇ.بازارلىرىمىزغا قاراپ باقساق بىر قىسىم مىللى كارخانىلارنىڭ ماركىسىنى ئەنگە ئالدۈرۈپ نامىنى ئەتىراپقا تارقىتىشقا يارىغۇدەك بىرنەچچە خىل مەھسۇلاتلىرى ماركىسىز ھالدا بۇلۇڭ ـ پۇشقاقلاردا قېقىپ سۇقۇلۇپ بازار تاپالمايۋاتىدۇ.بۇ بىزنىڭ بىركىسىم كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ماركا ئېڭىنىڭ تۈۋەنلىگىنى ئىسپاتاليدىغان ئىنىق پاكىت.مەن مىۋە تەملىك ئىچىملىك ئىشلەرشنى كەسىپ قىلغان مەلۇم كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ماركا توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ مىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشىمگە ئانچە قىزىقمىغان ھالدا:
ـــ ماركىنى ئەنگە ئالدۈرۈش ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىغان،خاپىلىقى ناھايىتى كۆپ ئشىكەن.ھازىرچە مۇشۇنداق بىر ئىش قىلغاچ تۇرايلى،كىيىنچە باشقا تۈرلەرنى ئاچقىمىز بار. ـ دىدى.مىنىڭچە بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا يەنى نەزىرى يىراققا تىكىلمىگەن بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ھازىرغىچە ماركا ئېڭىنى تۇرغۇزالمىغانلىقىنىلا چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. يادىرولۇق مەسىلە مۇشۇ خىلىدىكى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەۋقەسىنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىگى. ئىنىق ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقى خالاس.گەرچە بۇ باھا سەل قۇپالرەك ئېيتىلغان بولسىمۇ دىققەت نەزىرىمىزدە تۇرىۋاتقان بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ھالىتىگە ئويغۇن.چۈنكى ئۇلار كارخانا قۇرغانيۇ ئەپسۇس نەچچە يىلغىچە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات مەۋقەسى تۇرغۇزۇلمىغان، يەنى نەچچە يىللىق ۋاقتىنى ئەتىراپنى تىڭتىڭلاشقا،بازارنى كۈزۈتۈشكە،ئاللىقانداق خام خىياللارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا،ئۇنداق ـ مۇنداق يېڭى مەھسۇلاتلارنى سىناپ بېقىشقا سەرىپ قىلىۋەتكەن.قىسقىسى ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ ئۆزلىرى باشتا پىلانلىغان مەھسۇلاتنى ۋايىغا يەتكۈسۈپ ئىشلەپ، ئۇنىڭ داڭلىق ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئەجىر قىلمىغان.ئۇلارنىڭ كىشىنى مەيۇسلەندۈرىدىغان بۇىىل ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقى سەۋەپ بولغان.دەرۋەقە داڭلىق ماركا يارىتىش بىلەن تۇتۇرۇقسىزلىق قىلىش پەقەتلا سىغىشالمايدۇ.بىر ھېساپتا ئۇلارنىڭ بىرى ئوت بولسا بىرى سۇدۇر.يەنى داڭلىق ماركا يارىتىش كارخىچىلاردىن چىن ئەقىدە ـ ئىخلاسنى،توسقۇنلارغا باش ئەگمەيدىغان يۈكسەك ئىرادىنى،لەۋزىدىن يانمايدىغان ئەركەكلەرگە خاس قەتئىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ،تۇتۇرۇقسىزلىق بولسا ئالاكۆڭۈل،مەۋقەسىز،جۈرئەتسىز،ھەممە ئىشتا غايىۋى مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشىنى تەما قىلىغان تەييار تاپلارنىڭ پاتىنىتىدۇر.تۇتۇرۇقسىزلىق قىلىپ داڭلىق ماركا يارىتالمىغان كارخانىچىلار مۇشۇ تەركىپكە مەنسۇپ بۇلۇپ كارخانىسىنىڭ ئاخىرقى مۇقەررەر زاۋاللىقى دەل ئۇلارنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىدىن تۇتۇرۇقسىزلىققا ئۇرۇن بەرگەنلىگىنىڭ نېتىنجىسىدۇر.


تاقەتسىزلىك قىلىپ كامالىغا يىتەلمەسلىق

تاقەتسىزلىك ئىنسان خۇسسىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ پاسسىپ ھالەت بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان ھەرقانداق شەيئىنى ۋايىغا يەتكۈزمەي ئاخىردا ئېچىنىشلىق نابۇت قىلىۋېتىدۇ.تاقەتسىزلىك بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ۋۇجىدىدا چاكىنىلىق، ئەخمەقلىق، قانائەتسىزلىك،چۈپەيلىك قاتارلىق ئەڭ ناچار كەيپىياتلارنى بەرپا قىلىغان بىردىن بىر مەنبدۇر.ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىگەن ئادەمنىڭ ئارمانىغا يىتىشى،ھەرقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ رۇناق تاپقۇزىشى مۇمكىن ئەمەس،بىزنىڭ تاپاۋەت رىسالىمىزدا تارىخىتىن بۇيان ئۇقەتچىلىكنىڭ سەركىلىرى ھېساپلىنىدىغان كارخانىچىلاردىن باشلاپ، ئادەتتىكى دۇككاندارلارغىچە چىداملىق،تاقەتلىك،سالماق بۇلۇش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ كەلگەن. تاقەتلىك بۇلۇشنىڭ ئىچىگە يەنە ئەجىر ـ مىھنەت قىلىشقا ماھىل بۇلۇش چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن، مىللىتىمىزنىڭ ئىدىلوگىيىسىگە مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن شەرىيەت ئەھكاملىرىدىمۇ ‹ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن› دەپ قارىلىدۇ،يەنە ئەل ئارىسىدا‹ئالدىرىغان يولدا قالار› دىگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.بۇ يەردە بىر تاقەتسىزلىك (تاقەتسىزلىكنىڭ كونكىرىتنى ئپادىسى ئالدىراڭغۇلۇق)نى ئادەتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن ئارلاشتۈرۋەتمەسلىگىمىزكىرەك. كىشىلەرنىڭ ھەقانداق ئىشا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشى ئەمىلىيەتتە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىشنى، ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئىنىق بىلىشكە يىتەكلەشنى مەخسەت قىلغان.تۇرمىشىمىزدا تاقاەتسىز ئادەملەرنىڭ دائىم پېتىراپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي غورۇگول يۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز،مۇبادا ھەرقانداق كەسىپنى ئالدىراش ھالدا،يەنى تاقەتسىزلىك بىلەن ئىشلەشنىڭ ئۇنىمى بولسا ئىدى مانا مۇشۇ تاقەتسىز كىشىلەر ئاللىقاچان ئۆز ھاجەتلىرىنى يىتەرلىك قامدىغان بولاتتى.
تاپاۋەتچىلىرىمىزدىكى تاقەتسىزلىكنىڭ يارقىن ئىپادىسى ـ شاختىن شاخقا قۇنۇپ بىرەر كەسىپنى،سودىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالماي ئاخىردا زاۋال تېپىشتا، شۇنداقلا قىلىۋاتقان كەسپىگە ئەجىر قىلالماسلىقتا كۆرۈلىدۇ.ئىنساننىڭ ھەقىقى ئەجرى بىلەن روياپقا چىقمىغان ئىشنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئەلبەتتە گۇمانلىقتۇر. تاقەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چىدامسىزلىق، ھۇرۇنلۇق، خىيالپەرەسلىك،تەييارتاپلىق،جاپا تارتماي راھەت كۆرۈش تەماسىدا بۇلۇش قاتارلىق خۇسسىيەتلەرمۇ يۇشۇرۇنغان.شۇڭا ئۇلار شۇنچە تىرىشقاندەك، شۇنچە كۆپ ھەركەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا روناق تاپالمايدۇ.بۇ خىلدىكى تاپاۋەتچىلەر جەمئىيىتىمىزدە خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ، قارساق ئۇلارنىڭ پۇل تېپىپ بېيىش ئىرادىسى ھەم ئارزۇسى بار،شۇ ئاساستا ئۇ بازاردا ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ،مۇبادا قىلغان ئىشىدا تاساددىبى ھالدا ئازراقلا زىيان كۆرۈلۈپ قالسا دەرھال ئۇنىڭدىن قول ئۆزۈپ باشقا بىر ئىشنىڭ پىشىغا ئېلىسىلىدۇ،ئەپسۇس يېڭى كەسىپنىڭ ئاخىرقى نېتىنجىسىمۇ يېنىلا ئالدىنقى قېتىمقىدەك بۇلىدۇ. تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۆزلىرى باشتا دۇرۇس دەپ تاللىغان كەسىپنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈشكە ئەجىر قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەممىگە ئايان، قىسقىسى ئۇلار ئاللىقاچان بايلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئەكسىنچە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ شاختىن شاخقا قۇنۇپ يۈرگەنلەرنىڭ تاپاۋىتىدىن گەپ ئېچىش قىيىندۇر.سىز گەرچە گازىر ساتىدىغان ئەڭ ئاددى تاپاۋەتچى بولسىڭىزمۇ گازىرنى ياخشى قورۇپ،پاكىزلاپ سېتىشقا ھەقىقى ئەجىر كۆرسەتسىڭىز بەرىكەت سىزنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمەيدۇ. مىنىڭچە بىزنىڭ ئەقلى ئويغاق تاپاۋەتچىلىرىمىز تاقەتسىزلىكنىڭ زىيىنىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ئەجىر ـ مىھنەتنىڭ،تاقەت ۋە سەۋرىنىڭ،ساپا ۋە ئەقىلنىڭ ھەرقانداق ماكان زاماندا تاپاۋەتنىڭ يۇلىنى نۇرلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنىچ تۇرغۇزالايدۇ.


بىكىنمىچىلىك قىلىپ يېڭىلىق يارىتالماسلىق

ئىنسانلاردىكى بىكىنمىچىلىك ماھىيەت جەھەتتىن ساپاسىزلىقىنى نېتىنجىسىدۇر. ئۇنىڭغا ماس ھالدا ساپا بىلىمنىڭ يەكۈنى بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلاردىكى ئۈنۋېرسال ئىقتىدارنىڭ جەملەنمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىلىم پانى دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى،ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر قەدەم ،نەپەسلىرىگىچە باغلانغان بۇلۇپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش كۈرۈشى بىلىمدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدۇ. كشىلەر ئىپتىدائى دەۋىردىكى ئوۋ غەنىمەتلىرى بىلەن ئۇزۇقلىنىشىدىن، ھازىرقى يۇقۇرى ئىستىمالغىچە بولغان تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى بىلىمنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.ھازىر بىزنىڭ تاپاۋەتچىلىرىمىزدە بىكىنمىچىلىك ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بۇلۇپ تۇرماقتا. ھەتتا بىزنىڭ ئاتۇشلۇق تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىدىمۇ بىكىنمىچىلىق قىلىپ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزالماسلىق ئېغىر بولماقتا.لى شاڭدىيەن ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ 2003 ـ يىللىق 20 ـ دىكابىر سانىدا ئىلان قىلىنغان ‹ ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا ـ تىجارەتتىكى داڭقنى ۋايىغا يەتكۈزەيلى› ناملىق ماقالىسىدا بۇ مەسىلە ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىنغان .يەنى لى شاڭدىيەن ئەپەندى ئاتۇشلۇقلارنىڭ بۇرۇختۇملۇق ۋە بىكىنمىچىلىكتىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇپ چوڭ چوڭ سودىلارغا يۈرۈش قىلىش قىلىپ، باشقا ئۇيغۇر تاپاۋەتچىلەرگە باشلامچى بولالماسلىقىدىكى سەۋەپنى ئۇلارنىڭ ئاڭدا ئارقىدا قالغانلىقىدىن دەپ قارىغان.ئۇ مەزكۈر ماقالىسىدا: ‹ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ئاڭدا ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ،يەنى ئۇلاردا بۈسۈپ ماڭىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاڭ كەم.ئۇلاردا مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان،ئىگىلىكنى سانائەتلەشتۈرىدىغان،داڭلىق ماركا يارىتىدىغان خىيال كەم.ئۇلار چاغلىق باي بۇلۇش بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.مەسىلەن، ئاتۇشتا بازارغا كىرىۋاتقان تىرىنىڭ %80ئى پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن.بەزى سودىگەرلەر تېرىنى ۋىنجۇغا توشۇيدىكەن.ۋىنجۇ مەملىكىتىمىز بۇيىچە تىرە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئاساسي بازا بولغاچقا،تىرىنىڭ %80 ئى شىنجاڭدىن ۋە باشقا جايلاردىن بارىدىكەن›دەپ يازغان. سودا تىجارەتتىكى ئۆزگۈچە ئالاھىدىلىگى بىلەن ‹جۇڭگۇنىڭ يەھۇدىلىرى›دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئاتوشلۇق تاپاۋەتچىلەردە شۇنداق مەسىلە ساقلىنىۋاتقان يەردە، باشقىلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ۋەزنىنى مۆلچەرلەش مۇمكىنمۇ!؟ بۇ يەردە گەپ يېنىلا تاپاۋەتچىلىرىمىنىڭ ساپاسىغا تاقىلىدۇ، ناھايەت، ئاتۇشلۇقلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنى ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇپ ساپالىق ئادەم قىلىش قىزغىنلىقى ھەممىدىن يۇقۇرى تۇرۇپمۇ يەنە شۇنداق مەسىلە ساقلىنىۋاتقان ئەھۋالدا،بىز باشقىلارنىڭ ساپاسى ھەققىدە گەپ ئاچالامدىمىز!؟ دەرۋەقە ئاتۇشلۇقلارنىڭ نۆۋەتتىكى بىلىم ساپاسى، بىلىم ساپا ئىگىلەشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى، قىزغىنلىقىنى باشقا ھەرقانداق ئۇرۇنلارغا سېلىشتۈرغىلى بولمايدۇ. تاپاۋۋەتچىلىرىمىزنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ تۈۋەن بۇلىشى مىنىڭچە ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشقا تىرىشمىغانلىقى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىزنىڭ كونا ئادىتىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىدىن يالقۇنىپ چىىقالمىغانلىقىنىڭ نېتىنجىسىدۇر، ئىنىقراق ئېيىتساق بىزدە سودا تىجارەتگە كىرىشىشتىن ئاۋال يىتەرلىك دەسمايە ھازىرلىغاندىن باشقا، مۇھىمى سودا ماھارىتىنى يىتىلدۈرىدىغان بىلىم ساپانىڭ ھازىر بۇلىشى ئانچە ئىتىۋارغا ئېلىنماي كەلدى. ئىنچىگە كۈزۈتۈپ باقساق بىزنىڭ سادا تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى سودا تىجارەت ماھارىتىنى ئادەتتىكى ئىش ھېساپلايدۇ،ئۇلارچە سودا تىجارەت ماھارىتىنى ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى مەخسۇس ئۈگۈنىش ئارتۇقچە ئىشتۇر،قىسقىسى ئۇنى مەخسۇس ۋاقىت ھەم مەبلەغ ئاجىرتىپ ئەمەس،پەقەت ئىش ئۈستىدە يەنى تەجىربە ـ ساۋاق سۈپپىتىدە يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ. مۇشۇ پاسسىپ قاراش بىلەن كۆپ قىسىم ئاتا ئانىلار يازمىمىزنىڭ باش قىسمىدا تىلغان ئالغىنىمىزدەك پەرزنىتلىرىنىڭ ساپاسىزلىرىنى،كونكىرىتنى ئېيىتقاندا مەكتەپتىن قېچىپ ئۇيۇنقپى بۇلۇپ كەتكەنلىرىنى،قىسقىسى ئەڭ پىچەكلىرىنى« سودا تىجارەت قىلىپ قېنىنى بېقىش»قا يىتەكلەيدۇ.دۇنيا ئىختىزادىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقان يەھۇدىلار بولسا ئەڭ كامالەتلىك ساپانى سودا تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىشقا ئىشلىتىدۇ.بۇ نىمە دىەەن زور ئوخشىماسلىق ،ھە! دىمەك،سودا تىجارەتتە روناق تاپالمايۋاتقان بىر قىسىم تاپاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىزلىقى ئۇلارنىڭ بىكىنمىچىلىگىنى تىزلىتىۋاتىدۇ.بىكىنمىچىلىك ئاىىر ھېساپتا ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىشتىن مەھرۇم قۇيىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇ يەرتدىكى تەجىربە ـ ساۋاق تاپاۋەتچىلىرىمىزگە بىلىم ـ ساپانىڭ نەققەدەر زۈرۈرلىگىنى ئىسپاتالاپ بىرەلەيدۇ.


كۆڭۈل تارلىق قىلىپ ئىشچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۈرالماسلىق:

مەلۇمكى ئىشچىلار كارخانا،شىركەت، ۋە سودا ساراي قاتارلىق غوللۇق تاپاۋەت بازىلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇشۇنى، ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى ئۈچۈن كارخانا خۇجايىنلىرىغا ياللىنىپ ئىشلىسىمۇ مۇھىمى ئۇلار ئۆز ئەجىر ـ مىھنىتى ئارقىلىق كارخانىنىڭ مەۋجۇتلىقى، بۇلۇپمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ۋاستە ئىشلەپچىقىرىش ئەمىليىتىگە قاتنىشىدۇ. ئەلبەتتە ھەرقانداق كارخانىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتىي ئاشۇرىدۇ. دىمەك ئىشچلار ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رۇلى ئارقىلىق ئىختىزادى قىممەت يارىتىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈچتۈر.ئىشچىلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئورنىنى ئالدىن كۆرەلىگەن كارخانىچىلار ئۇلارنى پەس كۆرىدىغان،ئۇلارنىڭ رولىنى تۈۋەن چاغلايدىغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجادى رولىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى بۇغۇدىغان نادانلىقتىن ساقلىنالايدۇ ، ئۇنىڭ ئەكسىنچە بولغانلار ‹ شىركەتنى مەن قۇرغان ، سەنلەرنى مەن باقىمەن › دىگەن قاتمال قاراش ئارقىلىق تەبىئى ھالدا ئىشچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق ، تەشەببۇسكارلىق روھىنى بۇغىدۇ ، ئىشچىلارنىڭ تەشەبۇسكارلىق روھى بۇغۇلدى دىگەنلىك تىگى ماھايىتىدىن ئېيىتقاندا بىر پۈتۈن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى بىلەن، مەھسۇلاتنىڭ سۈپپىتىگە بەرھەم يەتتى دىگەنلىكتۇر.چۈنكى كارخانا خۇجايىنى ھەرقانچە ياراملىق ، ئىقتىدارلىق كارامەتلىك بولغان بىلەن ئۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتىگە بىرۋاستە قاتنىشالمايدۇ،قاتناشقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ رۇلى چەكلىك بۇلىدۇ،قىسقىسى كارخانىنىڭ پاراۋۇزىنى قوزغايدىغانلار يېنىلا ئىشچىلاردۇر. دۇنيادىكى رۇناق تاپقان ھەرقانداق كارخانىنىڭ ئاۋال ئىشچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ئىجاتچانلىق روھىنى ئۇرغۇتقان ھەم شۇ ئارقىلىق ئىشللەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاخىردا ئىختىزادى كىرىمنى ئاشۇرغان شانلىق تارىخى بۇلىدۇ.مىنىڭچە كارخانا خۇجايىنلىرى بىلەن ئىشچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
مەلۇمكى كارخانا باشقۇرۇش ئۆزىگە خاس بىر ئىلىم،ئۇنىڭ باشقا كەسىپلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان بىرقانچە مۇھىم ھالقىسى بار.ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى يېنىلا ئادەم باشقۇرۇشتۇر. كارخانا خۇجايىنلىرىنىڭ زىممىسىدە كارخانىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۈملىدىن ئوخشاش كارخانىلا بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىاجىنى تالىشىش رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيەت بار.يەنە ئۇ ئىختىزادى قانۇنيەتنىڭ پىشاڭلىق رۇلى ئارقىلىق كارخانىنى كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆزىگە يۈزلۈنۈپ تۇرىۋاتقان تۈرلۈك رىقابەت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىشى كىرەك.مانا مۇشۇنداق سالمىقى ئېغىر مەسىلىلەر كارخانا خۇجايىنىغا دائىم يۈزلۈپ تۇرىدۇ.ئىنچىكە ھېساپلىساق بۇنداق زور يۈكنى كارخانىنىڭ بىر ياكى بىرقانچە مەسئۇللىرى ھەرگىزمۇ كۆتۈرۈپ كىتەلمەيدۇ.ئىنىقكى ئۇنى ھەمكارلىشىپ كۆتۈرۈشۈپ بىرىدىغانلار باشقا بىروۋلار ئەمەس، دەل ئىشلەمچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىجاتچانلىق تەشەببۇسكارلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىدۇر . مىنىڭچە كارخانا خوجايىنلىرى ئىشلەمچىلەرنى ئۆزلىرىگە تايىنىپ جان باقىدىغان بىر توپ ياللانمىلار دەپلا بىلمەي ، بەلكى ئۆز كارخانىىسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرغۇچىلار دەپ بىلگىنى ئەۋزەل . بۇ خىل ئاقىلانە قاراش ئىشلەمچىلەرگە ئوخشاشلا كارخانا خۇجايىنلىرىغىمۇ ئىنتايى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى