ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ۋاقتى: 2015-10-28 ئاۋاتلىقى: 418 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

 

ئەسلىدىكى تېمىسى: جۇڭگو دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى

 

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى     مۇخبىرنىڭ 19-چېسلا جۇڭگو دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چەكلىك پاي شىركىتى، شىركەت بولمىغان كارخانا قانۇنىي ۋەكىلى، شېرىكلەشكەن كارخانىلار، شەخسنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئورگانلىرى، جۇڭگوغا كېلىپ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان چەتئەل(رايون) كارخانىلىرى ۋە باشقا تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كارخانىلار يىللىق تەكشۈرۈشىنى توختىتىدىكەن.

 

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ھەرقايسى دەرىجىلىك سودا-سانائەت تارماقلىرىدىن كارخانا يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى؛ شۇ يەرنىڭ كارخانىلىرىنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نازارەت قىلىش كۈچىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ھەرخىل كارخانا تىزىملىتىش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقي ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

گوۋۇيۈەن يېڭىدىن ئېلان قىلغان ««ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»گە ئاساسەن، كارخانىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى كارخانىلارنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ؛ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يىللىق دوكلات تۈزۈمى قۇرۇلىدۇ؛ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىللىق دوكلات تۈزۈمى تەتقىق قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

بۇلتۇر 12-ئايدا، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ھۆججەت ئېلان قىلىپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ گۇۋاھنامە تەكسۈرتۈش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ئىدى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى