ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ

قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 363 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «خۇشاللىقنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ» بۇ يەردە!

 

 قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ

 

بۇ بىر ئاددىي ئۇقۇم بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ ئۇقۇم ئاددىي بولغىنى بىلەن يولغا قويۇش ئاسان ئەمەس. بۇ ئۇقۇمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، جاسارەت ۋە قەتئىي ئىرادە بولۇش كېرەك. لېكىن، بىزنىڭ ئۆيدە %90 نەرسە قالايمىقان. ئەمما، مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئۇقۇم مېنى تولىمۇ چىقىشقاق بىر ئادەمگە، يەنە كېلىپ ئائىلىدىكى كىچىك ئىشلارغا قايغۇرۇپ يۈرمەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.


كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قىلچىمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان نۇرغۇن ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى سەرپ قىلىمىز. بىز مەقسەتسىز ھالدا بۇ ئىشلارنى يىغىۋېرىپ، ئاخىرىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. ئەمەلىيەتتە، مەيلى تەييارلىقىمىز بولسۇن – بولمىسۇن، ئۆيىمىز قالايمىقانلىشىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئامال قىلىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمەيدىغان ياكى ئازراق بولسىمۇ ئازايتمايدىغان بولساق، قالايمىقان ئەھۋال داۋاملىشىۋېرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز – ئۆزىنى ئالداپ، بەزى نەرسىلەرنى بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئەسقېتىپ قالىدۇ، دەپ ئۆيىدە ساقلايدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا «ئۆتكەندە پالانى نەرسە لازىم بولۇپ قېلىپ، ساندۇقنىڭ ئاستىدىن ياكى ئامبار ئۆيدىن تاپقان ئىدىم» دېگەننى باھانە قىلىدۇ.


قالايمىقان نەرسە دېگىنىمىز، بوش يەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرۇۋالىدىغان، دىققىتىمىزنى قايتا ئۆزىگە تارتمايدىغان، يولىمىزنى توسۇۋالىدىغان ياكى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان ھەرقانداق نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئەڭ كۆپ كۆرۈپ تۇرىدىغان قالايمىقان نەرسىلەر كېرەكسىز پوچتا يوللانمىلىرى، كېرەكسىز قەغەز، كونا گېزىت، تېلېفون دەپتىرى، ژۇرنال، كونا كىيىم – كېچەك، كونا يۇڭ يىپ، سوۋغات بۇيۇملىرى ياكى بىز قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيۋاتقان كونا ۋېلسىپىت، تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرى، كونا داس، چېلەك، باغاق، ئىشلەتمەيدىغان ئاچقۇچ، بالىلار ئوينىمايدىغان ئويۇنچۇق، ئوقۇپ بولغان كىتاب، بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرى، ئىشلەتمەيدىغان تۆشۈك سايمانلىرى قاتارلىقلاردۇر. تازا زىغىرلاپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيىدە بۇ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. مەن نۇرغۇن ئۆيلەرگە بارغان، ھەممىسىنىڭ ئىشكاپلىرى ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن تولغانىكەن. ئۇلاردىن: «بۇ نەرسىلەرنى نېمىدەپ ساقلايسىلەر؟» دەپ سورىسام، ئۇلار: «بىلمەيمەن، لازىم بولسۇن – بولمىسۇن، ئاشۇ يەرگە دۆۋىلەپ قويدۇققۇ!» دەپ جاۋاب بېرىشتى.



مەن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆيلىرىگە ئاشۇنداق نەرىسلەرنى دۆۋىلەپ قويۇشى ئۇلارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقمىغانلىقىدىن بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمەلىيەتتە، بەزى ياشانغان ئاتا – ئانىلار كونا نەرسىلەرنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ.


مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەلەيدىغان ئائىلە چوقۇم ئىنتايىن پاكىز، رەتلىك، ئازادە ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئائىلىدە بىر نەرسىنى قوياي دېسىڭىز ئورۇن چىقىدۇ، بىر نەرسىنى ئىزدىسىڭىز دەرھال تاپالايسىز. ھەممە نەرسە شۇنداق ئوچۇق – يورۇق، ئازادە كۆرۈنىدۇ.
قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەلىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز ئاددىي، ئەركىن، تەشكىللىك بولىدۇ ھەم ئۇنى ئاسان باشقۇرالايسىز. روھىڭىز تېخىمۇ جۇشقۇن، تېخىمۇ ئوچۇق – يورۇق، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تۇرمۇش ئالدىدا ئاسانلىقچە مەغلۇپ بولمايسىز.


سىز ئىشنى بىر ئاددىي ئۇسۇلدىن باشلاڭ — كىيىم ئىشكاپلىرىنى پاك – پاكىز تازىلاپ، ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىۋېتىڭ ياكى خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بېرىڭ. مۇشتەرى بولۇپ قويۇپ، ئەسلا ئوقۇمايدىغان ژۇرناللارغا داۋاملىق مۇشتەرى بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ، كېرەكسىز قەغەزلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ.


نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاددىيلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن لازىم بولمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋتكەندىن كېيىن، قولۇمدا قالغان بارلىق نەرسىلىرىمدىن مىننەتدار بولغانلىقىمنى بايقىدىم. سىزنىڭمۇ سىناپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن. سىزنى ئاشۇنداق قىلغانلىقىڭىزغا جەزمەن تازا خۇشال بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى