تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 365 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى» بۇ يەردە!
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىككى ۋاسىتىسى بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
1.كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسى. بۇ يەنە ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرى كارخانا ئىچىدىكى تار دائىرىلىك تور (Intranet). تار دائىرىلىك توردا مالىيە ئىشلىرى، سېتىش، ئامباردا مال ساقلاش قاتارلىق ئىشلار باشقۇرۇلىدۇ. ئىككىنچىسى سىرتقى تور. ئادەتتە Internet ئىشلىتىلىدۇ. سىرتقى توردا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلار ئارا مال زاكاز قىلىش تالون سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئامباردىكى مالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەش قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىنىدۇ.
2.مال يەتكۈزۈش مەركىزى. تەمىنلەش زەنجىرىگە ماسلىشالايدىغان مال يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ۋە باشقۇرۇش پىرىنسىپى تۈزۈش. مال يەتكۈزۈش مەركىزىدە مال ئوبوروت ئىشلىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇر ئېقىمى پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا مال يەتكۈزۈشمۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ ۋاسىتىسى.