ئىككىنچى، تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مەنئىي قىلىش- چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەر» بۇ يەردە!
ئىككىنچى، تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش كېرەك.
«مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» نىڭ 22-ماددىسىدا: «ساتقۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ يەردە ئېيتىلغان تەدبىر قوللىنىش ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، زۆرۈر بولغان ھۆل-يېغىندىن، ئاپتاپتىن، كۆكىرىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەمدە بەزى ئالاھىدە مەھسۇلاتلارغا قارىتا نەملىكنى، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن چاغدىكى سۈپەت ھالىتىنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، كۈچتىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا بولمايدۇ.
تۆتىنچى، ساتقۇچى تەرىپىدىن سېتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ شەرتلىك بەلگىسى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى مەھسۇلات ياكى ئورالمىغا قويۇلىدىغان شەرتلىك بەلگىگە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
بەشىنچى، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان جاينى، باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسى ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا ياكى ساختىلىق بىلەن قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
ئالتىنچى، ساتقۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسى، داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ياكى ساختىلىق بىلەن قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
يەتتىنچى، ساتقۇچىلارنىڭ سېتىلىدىغان مەھسۇلاتقا خىلمۇ-خىل ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا، ساختا مەھسۇلاتنى ھەقىقىي مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا، ناچار مەھسۇلاتنى ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ.